XR0O;JN 3.10
گاددافىغا قارشى خەلق بىلەن گاددافىنىڭ يانداشلىرى ئارىسىدا چىققان توقۇنۇش كەسكىنلىشىپ لىۋىيىنىڭ نۇرغۇن شەھەر-بازارلىرىنى ئىچكى ئۇرۇش ئوتلىرى قاپلىدى.
ئىچكى ئۇرۇش ئەڭ كەسكىنلەشكەن رايۇنلاردىن بىرسى لىۋىيە پايتەختى ترىپولىنىڭ 50 كلومېتىر غەربىدىكى ئەڭ مۇھىم نىفىت شەھرى ئاز-زاۋىياھ بولۇپ، بۇ شەھەردىن قېچىپ چىققان بىر كىشىنىڭ ئېيتىشىچە، ئىنقىلاپچى خەلق زاۋىياھنىڭ مەركىزى قىسىملىرىنى كونترول قىلىۋاتقان بولۇپ، گاددافى يانداشلىرى بۇ شەھەر ئەتراپىنى قورشاۋاتماقتا ئىكەن. [@fz1{* شەھەر كوچىلىرىدا ھىچكىم يوق بولۇپ، شەھەر ئاھالىسى بۇ شەھەرنى تاشلاپ كېتىپ قالغان، ئۆگزىلەردە كەسكىن نىشانچىلار جايلاشقان بولۇپ، قېچىپ چىققان بۇ كىشى بۇلارنىڭ قايسى تەرەپكە تەۋە ئىكەنلىكىنى پەرقلەندۈرەلمىگەن.
OlD`uA %i)B*
9k
nT#JOmv گاددافى يانداشلىرى شەھەرنى پۈتۈنلەي قولىغا كېرگۈزۈپ بولغانلىقىنى خەۋەر قىلغان بولۇپ، گاددافىغا قارشى خەلق بۇنى ئىنكار قىلماقتا ئىكەن. a
مۇخبىرلارنىڭ شەھەرگە يېقىنلىشىش ئىمكانىيىتى بولمىغاچقا، قايسىبىرىنىڭ ئېيتقانلىرىنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى جەزىملەشتۈرۈش قېيىنلاشماقتا. >u J/TQU
.]Mn^2#j بۈگۈن سەھەر گاددافى يانداشلىرىنىڭ ئىغىر تىپتىكى قوراللار بىلەن ئىسيانكار خەلققە ھاۋادىن قىلغان ھوجۇملىرىدا 20 دىن ئارتۇق كىشى ئۆلگەن. 5+X_4lEJK( قىرغىنچىلىق خاراكتىرىدىكى بۇ ھوجۇملار، گاددافى ھۆكۈمىتى ئەرەب بىرلىگى، شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتى ۋە ياۋرۇپا بىرلىكى بىلەن سۆھبەتلىشىش ئۈچۈن دىپلوماتلارنى ئەۋەتكەن ۋە گاددافىنىڭ قىرغىنچىلىقنى ئاخىرلاشتۇرىدىغانلىقى توغرىسىدىكى پەرەزلەر ئوتتۇرىغا چىققاندىن كېيىن تەكرار باشلانغان.
wb"RB
A9 گادافى-ھەممىمىز ئوسمانىلار ئەۋلادى U l Mi.;/^ كۈنسىرى ئارتىۋاتقان ئىچكى ۋە تاشقى بېسىملار ئاستىدا قالغان گاددافى تۈنۈگۈن پايتەخت ترىپولىدا ئۆزىگە يېقىن زىنتان ئاشىرەتلىرىگە مەنسۇپ ياشلارغا خىتاپ قىلغان ۋە تۈركىيە رادئۇسى مۇخبىرى مۇھەممەد ئاكىف ئەرسوينىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان. f3WS
a&eF لىۋىيىدىكى قالايمىقانچىلىق تۈپەيلىدىن تۈركىيىگە قايىتقان تۈركىيە پۇقرالىرى ئۈچۈن ئىشىكنىڭ ھەر زامان ئوچۇق ئىكەنلىكىنى ئېيىتقان گاددافى «تۈركلەر قېرىندىشىمىزدۇر. ھەممىمىز ئوسمانىيلارنىڭ ئەۋلادىمىز» دېگەن. o4=Yu7L گاددافى يەنە لىۋىيىدىكى ئىسيان ۋە نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتنى تىلغا ئېلىپ شۇنداق دېگەن: k4KHS<n0 - خەلق قارشى تۇرىدىغان بىر ھۆكۈمەت يوق. يۈز بەرگەنلەرنىڭ ھەممىسى بىن لادىننىڭ ئىشلىرى. تۇنۇستا ۋە مىسىردا خەلق دۆلەتكە قارشى ئىسيان قىلدى. ئىتالىيە ۋە گرىتسىيىدىمۇ خەلق نامايىشلارنى ئۆتكۈزىۋاتىدۇ. لىۋىيىدە ئەھۋال پەرقلىق. nbd Gt - ئەگەر ئەلقائىد تەشكىلاتى لىۋىيىنى قولغا كېرگۈزىۋالسا ناھايتى چوڭ بىر پاجىئە يۈز بېرىدۇ. بىز بۇ يەردە ئەلقائىد تەشكىلاتىنىڭ مەۋجۇتلىقىغا يول قويماسلىق ئۈچۈن كۆرەش قىلىۋاتىمىز. ئۇلار بۇ يەرگە ھاكىم بولغان تەقدىردە، ئىسرائىلىيىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پۈتۈن ئوتتۇرا شەرق رايۇنىنى قالايمىقانچىلىققا دۈچار قىلىدۇ. ئۇلارنى بىز توسۇپ قالمىساق، باشقا ھىچكىم توسۇپ قالالمايدۇ. Qs+ k)e, - بىز تۈركىيە بىلەن دوست ۋە ئارىمىزدا مۇكەممەل مۇناسىۋەتلەر مەۋجۇت. توختاملىرىمىز بار، ۋىزىنى ئەمەلدىن قالدۇردۇق، بۇ يەردە تۈرك شىركەتلىرىگە ھەرزامان قولايلىق يارىتىپ بېرىلمەكتە. ئوتتۇرىغا قويۇلغان قاراشلار توغرىسىدا مەن تۈركىيىدىن رەنجىمەيمەن. تۈركىيىمۇ قۇلىقىغا كىرگەن خەۋەرلەرنىڭ ۋە ۋەزىيەتنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىدى. ئىشچىلارنىڭ قايتۇرۇلۇپ كېتىلىشى ياخشى بىر پۇزۇتسىيە ئەمەس ئىدى. ئەلۋەتتە تۈركىيە ھەقىقى ئەھۋالنى، قالايمىقانچىلىقنىڭ يۈز بەرمىگەنلىكىنى بىلگەندە، پۇزۇتسىيىسىنى ئۆزگەرتىدۇ. #A <1aQ - يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنىڭ ئارقىسىدا ئەلقائىد تەشكىلاتىنىڭ بارلىقىنى كۆرگىنىدە، ئەھۋالنى چۈشىنىپ قالىدۇ. تۈركىيىدە ئۆزىنىڭ ھەقلىرىنى ئىستەۋاتقان كۈرتلەر بار، مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ. يىللاردىن بېرى تۈرك ئارمىيىسى كۈرتلەر بىلەن كۆرەش قىلىۋاتىدۇ. نىمە ئۈچۈن تۈركىيىنىڭ ھاۋا تەۋەلىكىدە ئۇچۇش چەكلەنمەيدۇ؟ ئامېرىكا ياكى ياۋرۇپا نىمە ئۈچۈن بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك قارار چىقارمايدۇ؟ |LYK
c.xo w4MwD?i]R _GbE^ مەنبە-دەۋر تورى
f?0s &Xo K=kH%ZK ;A^K_w'