بۇ كاززافى دېگەن ئىسمى جىسمىغا لايىق كاززاپ نېمە بولسا كېرەك ! چىرايىغا قارىسامغۇ ئوغۇلبالىچىلىقى يوق چىراي ! بەچچىۋاز چىراي نېمىكەن دەپ ئويلىغانتىم نامايىش قىلىۋاتقان خەلىق قولىغا خوتۇن كىشىنىڭ بەدىنىگە كازافىنىڭ بېشى كىرىشتۈرۈلگەن رەسىمنى كۆتۈرىۋاپتۇ دېسە!
بېچارە غەرىپكە كۈچۈكلىنىپ دېمىگەن گېپى قالمىدى ،دەسلەپ بۇنىڭدا غەرىپنىڭ قولى بار دېدى ، ئاندىن غەرىپ بىزنىڭ ياخشى دوستىمىز ئىدى بېشىمىزغا كۈن چۈشكەندە بىزدىن يۈز ئۆرىدى دېدى يەنە ئوباما ياخشى ئادەممۇ دەپ باقتى ، ئاندىن بۇ لىۋىيەلىكلەر چىقارغان ئىش ئەمەس ئىشلار نورمال پەقەت ئاز بىر قىسىم قەبىلەرنىڭ قىلغان ئىشى دېدى، ئاندىن يامپاشنىڭ تېرىسىنى يۈزىگە چاپلاپلا بىلادىننىڭ قولى بار ئۇلار بۇ يەردە قۇرئاننى قانۇن قىلغان دۆلەت قۇرماقچى دېدى ، لىۋىيەنى ئىچكى قالايمىقانچىلىققا سۆرەپ كىرىمەن دېدى، دۆلەتتىكى موھېم نېفىت تۇربىلىرىنى پارتىلتىۋىتىمەن دېدى ....لېۋىيەنى ئىككىنچى سۇدانغا ئايلاندۇرۇپ قويىمەن دېدى......ياۋرۇپانى كۆچمەنلەرگە توشقۇزىۋىتىمەن دېدى......دېمىگەن <<نەچچە كۈندىن بېرى چاقچاق قىلىپ قويغانتىم >>دېگەن گەپلا قالدى !

