كەڭساي مۇنبىرىدىكى بارلىق تورداشلار كەمىنە دولقۇنىدىن سىلەرگە سېغىنىپ :
ئەسسالامۇئەلەيكوم
تورلار يىرتىلىپ ..
مۇنبەرلەپ چېقىلىپ ،
كۆز كۆرمەس ، قۇلاق ئاڭلىماس ،
دىل سۈيۈنمەس ،
ئەل ئاغىنە -دوس بۇرادەر كۈيۈنمەس .
كۆڭۈللەر دەتتە ، يۈرەك ھەسىرەتتە ،
ھەر بىرىمىز ھەر چەتتە ،
گەپلەر ئىچىمىزدە ئۆچىرەتتە ،
ئېكىراندىن دوسنى تاپالماي ،
ئۇيقۇ كەلمەي ياكى ياتالماي ،
دەرمان تېپىپ دەتتى ئېتالماي،
كۆڭلىمىزنى پەقەت ئاچالماي يۈرگەن كۈنلەر ھەممىمىزنىڭ ئېسىدە ئۆچمەس ئىزارنى ،
كىملەرنىدۇر سېغىنىشلارنى ،
ئېزگۈ سىرلارنى ،
مەۋھۇم تەلپۇنۇشلەرنى قالدۇرغىنى ئېنىق ... مانا مۇشۇنداق كۈنلەردە كەڭساي مۇنبىرىنىڭ باشلامچىلىق بىلەن بىزدەك تور ھەۋەسكارلىرىنىڭ دەردىگە دەرمان بولغىنىغا قايسىمىزمۇ تەشەككۇر بىلدۇرمەي تۇرالايمىز؟ مەنمۇ سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىكى بىر تور ھەۋەسكارى ... تور ئەدىبىياتىغا قىزىقىمەن .... مۇشۇ تاپتا ما مۇنبەرنى كۆرۈپ بىر كاللەك ئالتۇن تېپىۋالغاندەكلا خۇشھال بولۇپ كەتكىنىمنى كۆرمەمسىلەر ... ھاياجىنىمنى باسالمايلا قالدىم دىسە .... ھەممىمىز بىرلىكتە تور بۇزغۇنچىلىرىغا قارشى تۇرايلى .... مىھنىتىمىز ئارقىلىق كەڭساي مۇنبىرىگە تۆھپىمىزنى قوشايلى .... ئاچچىق ساۋاقنى يەكۈنلەيلى ... ئىتىپاقلىققا يول ئاچايلىكى ئىناقسىزلىقنىڭ يولىنى ، قۇتىراتقۇلۇقنىڭ ئېغزىنى بۇزايلى ھۇررا !!!!!!!!!!
قەيسەرجان سەرگەردان دولقۇنىدىن
 |