باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 1463 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: <<ئاتا-ئانىنى ئالماشتۇرۋەتكىلى بولسا.........>>
ھامان بىر كۈنى .......
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 2
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 10
ئومۇمىي يازما: 1475
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1475دانە
ئۆسۈش: 12570 %
مۇنبەر پۇلى: 13901 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-01-18
ئاخىرقى: 2012-09-02
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-02-11 01:41

<<ئاتا-ئانىنى ئالماشتۇرۋەتكىلى بولسا.........>>



<<ئۇلار تۈنۈگۈن يەنە جىدەللەشتى ،ئاتامنىڭ مۇشت كۆتۈرۈپ ئانامغا تىكىلگەن كۆزلىرى بەكمۇ قورقۇنۇچلۇق ئىدى ، ئاغىزدىن چىقىۋاتقان سەت گەپلەر ، ئانامنىڭ يىغلاشلىرى مېنى تولىمۇ ئازابلىدى .بەش يېشىمدىن تارتىپ مۇشۇنداق ئائىلە مۇھىتىدا ياشىدىم ،قورۇقتۇم ،ئەمما يىغلىيالمىدىم ، ئەمدىلا تۆت ياشقا كىرگەن سىڭلىمنىڭ ماڭا چىڭ يېپىشىپ يىغلاشلىرىدىن ئۇنىڭمۇ قورقىۋاتقانلىقىنى بىلىمەن ، بەزىدە بۇ ئازابلاردىن بىر يوللا قۇتۇلۇشنى ئويلايمەن ............. بەخىتلىك ئائىلىگە ئېرىشىش ھوقوقۇم يوقمۇ ؟ >> بۇ بىر تولوقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقوغوچىسىنڭ يازغان ماقالىسىدە ئېلىنغان بايانلار ، شۇنداقلا 12 ياشلىق بىر سەبىينىڭ ئېچىنىشلىق نېداسى ، بۇ باللىرىغا ئەقەللىيسى ئائىلە شادلىقى بېرەلمىگەن ئاتا-ئانىلارغا بېرىلگەن ئاگاھلاندۇرۇش سېگىنالى .

سىنىپ تەربىيەچىسىنى ئازابلىغان تاپشۇرۇق :

ئۈرۈمچىدىكى مەلوم بىر مەكتەپ تولوقسىز 1- يىللىق سىنىپنىڭ تەربىيەچىسى ئاينۇر موئەللىم 25-قەھىرتان مۇخپىرغا ؛
_ئوقوغۇچۇمنىڭ ماقالىسىنى ئوقوغىنىمدا ،كۆڭلۈم يېرىم بولوپ كۆز-ياشلىرىمىنى توختىتالمىدىم ،ئۇنىڭغا قانداق ياردەم بېرىشنىمۇ بىلەلمىدىم ، _ دەپ سۆزىنى باشلىدى ،_ ئەقىدە بۇلتۇر مىزان(سىنتەبىر) دىن باشلاپ سىنىپىمدا ئوقوغان ،ئۇنىڭ ئۈگۈنىش نەتىجىسى ئوتتۇرھال ئىدى ، ئادەتتىمۇ جىمغۇر ،ساۋاقداشلىرى بىلەن مەلوم ئارلىقنى ساقلاپ يۈرەتتى . ئۇ بۇلتۇر ئوغۇز(ئۆكتەبىر) نىڭ بىر كۈنى ماڭا تېلىفۇن بېرىپ ، ئاتا-ئانىسىنىڭ يەنە جىدەللەشكەنلىكىنى ،بەكلا قورقۇپ كېتىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى ، تېلىفۇندا ئۇنىڭغا تەسەللى بەردىم ھەم يول كۆرسەتتىم ، ئەتىسى ئۇنىڭ بىلەن سۆھبەتلەشتىم ، شۇ چاغدىلا ئاتا-ئانىسىنىڭ دائىم جىدەللىشىدىغانلىقىنى بىلدىم ، كېيىن ئەقىدە ۋە ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى بىلەن ئايرىم سۆھبەتلەشتىم . شۇ ئىشتىن كېيىن ئەقىدەگە دېققەت قىلىدىغان بولدۇم ، ئەمما ئۇ ئۈگۈنىشتە بارغانسىرى چېكىنىپ كەتتى ھەم تېخىمۇ جىمغۇرلىشىپ كەتتى . بىر قېتىملىق ئاتا-ئانىلار يىغىنىدا ئەقىدەنىڭ ئاتا-ئانىسىغا ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلارنىڭ ئالدىدا جىدەللىشىشنىڭ زىيىنى ،ئۇلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە بولغان تەسىرى توغىرسىدا مەخسوس توختالدىم ، كېيىن ئەقىدەنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ ئەھۋالىنى سورىدىم ، ئۇ ئاتا-ئانىسنىڭ ئوخشاشلا كونا خۇيىنى تاشلىمىغانلىقىنى ئېيتتى .
بۇ يىل مەسۇملۇق ئىمتاھاننىڭ ئالدىدا ئوقوغۇچىلارغا <<ئائىلەم>> دېگەن تېمىدا بىر پارچە ماقالە يېزىپ كېلىشنى تاپشۇردۇم ،كۆپلىگەن ئوقوغۇچى <<بەختلىك ئائىلەم >> دىگەندەك مەزمۇندىكى ماقالىلەرنى يېزىپتۇ ،ئەقىدە بولسا <<ئائىلەم ماڭا ئازاپ ئېلىپ كەلدى >> دېگەن تېمىدا يېزىپتۇ ، ماقالە تەسىرلىك يېزىلغان بولوپ ، ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۇنىڭ قەلبىگە سالغان ئازابلىرىنىڭ تەسسەۋۋۇرۇمدىكىدىنمۇ ئېشىپ كەتكەنىلىكىنى ھېس قىلدىم ،ئۇنىڭ ئاتا- ئانىسى بىلەن سۆزلىشىپ بېقىشنىمۇ ئويلىدىم ،ئەمما ئەقىدەدىن بىلىشىمچە ،ئۇلار باشقىلارنىڭ ئىشلىرىغا ئارلىشىۋىلىشنى خالىمايدىكەن (قوشنا ۋە تۇققانلىرى ئارلىشىپ تويغان ئىكەن ) ، مېنىڭ ئارلىششىم بىلەن زىددىيەتنىڭ تېخىمۇ كەسكىنلىشىپ كېتىشنى خالىمىدىم ،ئەقىدەنىڭ بۇ مەۋسۇملۇق ئۈگۈنىش نەتىجىسى ئىنتايىن ناچار ،ئەگەر ئۇ مۇشۇنداق كېتىۋەرسە ، تولوق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئۆتەلمەسلىكىدىن ئەنسىرەيمەن .


<<ئاتا-ئانىنى ئالماشتۇرۋەتكىلى بولسا ...>>

مۇخپىر ئاينۇر موئەللمنىڭ ياردىمىدە ئەقىدە بىلەن تېلىفۇندا سۆزلەشتى ،ئۇ ئاتا-ئانىسى بۇنى بىلسە ئۆزىنى ئەيىپلەيدىغانلىقىنى ئېيتىپ ،مۇخپىر بىلەن يۈز-تۇرانە كۆرۈشمىدى ،ئۇ ماقالىسدە دېيىلگەن سۆزلەرنىڭ راست ئىكەنلىكنى ،ھازىر ئاتىسىنىڭ ئۆيگە كىرمىگەنلىكىگە بىر ئايغا يېقىنلاشقانلىقىنى ئېيتتى . ئۇ مۇخپىرغا ؛
_باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 4- يىللىقدا ئوقوۋاتقان چېغىمدا ئاتام بىلەن ئانام ئۇرۇشۇپ ،ئانامىنىڭ بېشى دېرىزە تەكچىسىگە تېگىپ يېرىلىپ كەتتى ، شۇنىڭدىن كېيىن نەچچە كىچە ئۇخلىيالمىدىم . كىچىك ۋاقتىمدا ئۇلار جىدەللەشسە قورقوپ يىغلايىتتىم ، ھازىر قورقىمەن ،ئەمما يىغلىيالمايمەن ،يىغلىساممۇ ئۇلارنىڭ كارى يوق ،ھازىر ئوقۇشقا ،ھەتتا دوستلىرىم بىلەن ئويناشقىمۇ رايىم بارمايدۇ ،دوستلىرىم بىلەن ئوينىسام ،ئۇلار ئاتا-ئانىسىنىڭ ياخشىلىقى ،ئىناق -ئىجىللىقى توغىرسدا سۆزلەشسە كۆڭلۈم يېرىم بولىدۇ ، بەزىدە ئەگەر ئاتا-ئانىنى ئالماشتۇرغىلى بولسا نەقەدەر ياخشى بولاتتى دېگەنلەرنى ئويلاپ قالىمەن . 



بالىلار بەخىتلىك ئائىلىگە ئېرىششى كېرەك .

مۇخپىر بۇ مۇناسىۋەت بىلەن شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتېتى پىسخكا مەسلەھەت بېرىش مەركىزىدىكى 1- دەرىجىلىك پىسخىكا مەسلەھەتچىسى ئاسيە ھېكىم بىلەن سۆھبەتتە بولدى ؛
_بالىنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىدە ئائىلە مۇھىتى ئىنتايىن مۇھىم ،بالىلارنىڭ ياخشى تەربىيەلەش ،جەمىيەتكە ياراملىق ئادەم قىلىپ چىقىشتا ئەر-ئايالنىڭ بىر-بىرىنى سۆيۈشى ،ئىناق -ئىجىل بولوشى ئالدىنىقى شەرىت . ئەر -ئاياللار ئۆزلىرى ياخشى ئۆتمەي بىر -بىرىدىن مىننەتدار بولماي تۇرۇپ بالىلاردىن زور ئۈمۈتلەرنى كۈتۈشى ئەخمىقانىلىقتۇر ، ئاتا-ئانا بولماق ئاسان ،لېكىن ياراملىق ئاتا-ئانا بولش تەس ، بالىغا ياخشى ئۈلگە بولوش ،ياخشى تەربىيەلەش لاياقەتلىك ئاتا-ئانابولۇشنىڭ شەرتىدۇر . ھازىرقى كۆپلىگەن ئاتا-ئانىلار بالىلىرىدىن ئۇنداق ياكى مۇنداق يېتەرسىزلىكلەرنى ئىزدەيدۇ ، بالىلىرىنىڭ كەپسىزلىكىدىن ،ئۈگىنىش نەتىجىسىنىڭ ياخشى بولماسلىقىدىن ئاغرىندۇ ،ئۇلاردىن رازى بولمايدۇ ،ئەمىليەتتە بۇ ئۆزىدىن رازى بولماسلىقتۇر . دىمەك ،يۇقۇرقى ئەقىدەنىڭ كەچۈرمىشلىرى ئائىلىدىكى مېھىر-مۇھەببەتنىڭ بالىلارغا قانداق تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنىڭ دەلىلىدۇر . ئەلۋەتتە ، ئۆيدە دائىم خوشال-خۇرام ئۆتكىلىمۇ بولمايدۇ ، ئەر-ئاياللارنىڭ ئانچە-مۇنچە تەگىشىپ قىلىشىمۇ نورمال ئەھۋال ،ئەمما بۇ چوقوم يوشۇرۇن بولىشى ،بالىلارغا يامان تەسرى كۆرسەتمەسلىكى كېرەك ، بۇ بالىلارنىڭ ساغلام پىسخكا ھالەتنى يېتىشتۈرۈشتە بولسۇن ياكى ئۈگۈنۈش نەتىجىسىدە بولسۇن ۋە ياكى ئادىمىيلىك پىرىنسىپىدا بولسۇن مۇھىم تەسىر كۆرسىتىدۇ . مېھىر-مۇھەببەتكە تولغان بەخىتلىك ئائىلىدە چوڭ بولغان بالىلاردا ئاق كۆڭۈللۈك ،ئۆزىگە ئىشىنىش ،چىقىشقاق بولۇشتەك ياخشى خارەكتىر يېتىلىدۇ . بالىلار كەلگۈسىمىز ،ئۇلارنىڭ بەخىتلىك ئائىلىگە ،مېھىر-مۇھەببەتكە ئېرىشىش ھوقوقى بار .
سايباغ رايۇنلۇق خەلىق سوت مەھكىمىسى ياشلار-ئۆسمۈرلەر كوللىگىيەسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى مۇنىرە تۇرسۇن بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېدى ؛
_ بالىلارنىڭ ئىللىق ئائىلە مۇھىتى ، ساغلام ئۆسۈپ يېتلىش شارائىتىگە ئېگە بولوشى مىللى ئەنئەنىمىز ،ئەخلاق مىزانلىرىمىزدا تەكىتلەنگەندىن باشقا ، مۇناسىۋەتلىك قانوندىمۇ مەجبۇرلاش تەدبىرلىرى ئوتتۇرغا قويۇلغان . نىكاھ قانونىنىڭ 4- ماددىسىدا ؛<<ئەر-خوتون بىر-بىرىگە سادىق بولوشى ، بىر-بىرىنى ھۆرمەتلىششى كېرەك ؛ ئائىلە ئەزالىرى چوڭلارنى ھۆرمەتلەپ ،كىچىكلەرنى ئىززەتلىششى ، بىر-بىرىگە ياردەم بېرىشى ، باراۋەر ،ئىناق ئائىلە مۇناسىۋىتىنى ساقلىششى كېرەك >> ،<<ئاتا-ئانىنىڭ پەرزەنىتلىرىنى تەربىيلەپ بېقىش مەجبۇريىتى بار >> دەپ بەلگىلەنگەن بولوپ ، بۇ يەردىكى بېقىش ماددى جەھەتتىكى ئېھتىياجنى قاندۇرۇشنى كۆرسەتسە ، تەربىيلەش ئاتا-ئانىنىڭ پەرزەنىتلەرنى ئىدىيە ، ئەخلاق ،ئەقەللى ، جىسمانىي جەھەتلەردە ئوموميۈزلۈك تەربىيلەشنى كۆرسىتىدۇ . ئاتا-ئانا پەرزەنىتلىرىنى توغرا كىشىلىك تۇرمۇش قارىشىنى تىكلەپ ،ياخشى ئەخلاق -پەزىلەت يېتىلدۈرۈش ۋە ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە كۈچ سەرىپ قىلىشى لازىم . قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش قانونىدا ؛ << ئاتا-ئانىلار ياكى باشقا ۋەسىيلەر ساغلام ئىدىيە ، ئەخلاق -پەزىلەت ، ۋە مۇۋاپىق ئۇسسۇللار ئارقىلىق قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى تەربىيەلىشى كېرەك ..>> دەپ بەلگىلەنگەن بولوپ بالىلارنى روھىي جەھەتتىن ساغلام تەربىيەلەش ئاتا-ئانىنىڭ قانون ئالدىدىكى مەجبۇريىتى ، بۇ مەجبۇريەتنى تولوق ئادا قىلمىغاندا جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرۈلىدۇ . دىمەك ، ئاتا-ئانىلارنى بالىلارغا بەخىتلىك تۇرمۇش ، ئىللىق ئائىلە ئاتا قىلىش ئەخلاق ئالدىدىكى قەرزى بولوپلا قالماي ،قانون ئالدىدىكىمۇ مەجبۇريىتى ، بالىلارنىڭ بەختلىك ئائىلىگە ئېرىشىش ھوقوقىغا چېقىلمايلى ! .


قانونچىلىق گېزىتىدىن مەھبۇبە مۇنىردىن






دوستلىشىش
samanyoli
،،،،،،،،،،،،؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟
دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5487
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 1933
ئۇنۋان:سۆيۈملۈك ھازىرغىچە1933دانە
ئۆسۈش: 8610 %
مۇنبەر پۇلى: 26107 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 30 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-01-05
ئاخىرقى: 2012-09-08

ھەي نىمە دىسەم بولار ......ئىچىم ئاچچىق بولۇپ كىتىدۇ ،،مۇشۇنداق گەپلەرنى ئوقۇسام ،،،،ئاللاھ ئاسانچىلىق بەرگەي شۇ سەبىلەرگە...................ئاتا ئانىسى يوق قارا يىتىملارمۇ چوڭ بولىدۇ بىر ھىساپتا ،،،قالغىنى ئاللاغا ئامانەت ،،،،
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5811
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1736
ئۇنۋان:سۆيۈملۈك ھازىرغىچە1736دانە
ئۆسۈش: 180 %
مۇنبەر پۇلى: 18357 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-01-22
ئاخىرقى: 2012-07-30
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-02-11 11:01

مۇشۇنداق ئائىلە ئىللىقلىغىدىن مەھرۇم بولغان سەبىيلەر ئاتا-ئانىسىنىڭ ئايىغى چىقماس جىدەللىرى مۇشۇنداق داۋاملىشىۋەرسە ئائىلىگەبارغۇسى كەلمەي ئاتا-ئانىلىرىدىن ئۆيىدىن كۆڭىلى سويۇپ  چۈشكۈنلىشىپ بارا بارا كۆڭۈ ل ئازادىلىگىنى سىرتتىن ئىزلەپ ئاخىرى جەمئەتتىكى بىر قىسىم ناچار
ئادەم، ناچار ئىشلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ .شۇنداق سەۋەب بىلەن ئەتراپىمىزدا بىر قىسىم ئېچىنىشلىق تىراگىدىيەلەر يۈز بىرىپ تۇردۇ .
اللا
all praise to allah , the lord of the worlds
دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1232
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1524
ئۇنۋان:سۆيۈملۈك ھازىرغىچە1524دانە
ئۆسۈش: 110 %
مۇنبەر پۇلى: 16967 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-08-27
ئاخىرقى: 2012-09-06
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-02-11 11:10

مىنىڭ بىر دوستۇم مۇشۇنداق شارائىتتا چوڭ بولغان ،،،، ئۇنىڭ نەزىرىدە تالاغا قارىمايدىغان ئەر يوق ،،،،، جەمىيەت پۇتۇن بۇزۇلۇپ تۇگەشكەن ،،،، چۇنكى دادىسى شۇنداق يولدىن چىقىپ كەتكەن ، ئانىسىنى خارلىغان شارائىت ئۇنى شۇنداق جەمىيەتكە ئۇچمەنلىك بىلەن قارايدىغان قىلىۋەتكەن ،،،، ئاللاھنىڭ مەدىتى بىلەن دىننى چۇشىنىش بىلەن بۇ خىل چۇشەنچىلىرى ھازىر ئاساسەن ئوزگەردى ،،،، لىكىن يەنە قانچىلىك پەرزەنتنىڭ قەلبىدە شۇنچىلىك ئوچمەنلىك قالدى بۇنى ئاللاھ بىلىدۇ
hudayim bar himim yuk
دەرىجە: چولپان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5863
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 787
ئۇنۋان:قەلىبداش ھازىرغىچە787دانە
ئۆسۈش: 300 %
مۇنبەر پۇلى: 8402 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-01-24
ئاخىرقى: 2012-09-07
4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-02-11 11:26

بەك يىغلىغىم كىلىپ كەتتى.بىزلەدە ئىمان بۇلغان  بىلەن ئىنساپ قالمايۋاتىدۇ.
ئۇزنىڭ پەرزەنتىگە ئەمەس باشقىلارنىڭ پەرزەنتىلىرىگىمۇ ياخشى مۇئامىلدە بۇلۇش پەيغەنبىرىمىزنىڭ سۇنىتىغۇ.
پۇلىمىز  بۇلمىسىمۇ  بالىرىمىزغا ساغلام، تىنىچ،ئازادە مۇھىت يارتىپ بىرەيلى.
ئاللاھ رازلىقى ئۇچۇن  بۇلسىمۇ نارسىدىلەنى سۇيەيلى ئاللاھنىڭ ئامانىتنى قۇغديلى.