يوللۇق قوغدىنىش يوللۇق ھەرىكەتنىڭ بىر تۈرى بولۇپ، دۆلىتىمىز «جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 20 - ماددىسىنىڭ 1 - تارمىقىدا «دۆلەت، جامائەت مەنپەئەتىنى، ئۆزىنىڭ ياكى باشقىلارنىڭ جىسمانىي ھوقۇقى، مال - مۈلۈك ھوقۇقى ۋە باشقا ھوقۇقلىرىنى قىلىنىۋاتقان قانۇنسىز زىيانكەشلىكتىن ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، قانۇنسىز زىيانكەشلىكنى توسۇش يولىدا تەدبىر قوللىنىپ، قانۇنسىز زىيانكەشلىك قىلغۇچىغا زىيان يەتكۈزگەنلەر يوللۇق قوغدانغانلار ھېسابلىنىپ، جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلمايدۇ» دەپ بەلگىلەنگەن. مۇشۇ بەلگىلىمىگە ئاساسلانغاندا، يوللۇق قوغدىنىش−شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە قانۇنسىز زىيانكەشلىك قىلىش قىلمىشىنى سادىر قىلىۋاتقان كىشىگە نىسبەتەن قوللىنىلغان توسۇشتىن ئىبارەت. مۇشۇ ماددىنىڭ 2 - تارمىقىدا «يوللۇق قوغدىنىشنى زۆرۈر چەكتىن ئاشۇرۇۋېتىپ، زور زىيان پەيدا قىلغانلار جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ، لېكىن ئۇلارغا يېنىكلىتىپ جازا بېرىلىدۇ ياكى جازا كەچۈرۈم قىلىنىدۇ» دەپ، 3 - تارمىقىدا «ۋەھشىيلىك قىلىش، قاتىللىق قىلىش، بۇلاڭچىلىق قىلىش، باسقۇنچىلىق قىلىش، تۇتۇپ كېتىش ۋە جىسمانىي بىخەتەرلىككە ئېغىر خەۋپ يەتكۈزىدىغان باشقا زورلۇق جىنايىتى سادىر قىلىۋاتقاندا، قوغدىنىش تەدبىرى قوللىنىپ، زىيانكەشلىك قىلغۇچىنى زەخىملەندۈرۈپ ۋە ئۆلتۈرۈپ قويغانلار قوغدىنىشنى چېكىدىن ئاشۇرۇۋەتكەنلەر قاتارىغا كىرمەيدۇ ھەم جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلمايدۇ» دەپ بەلگىلەنگەن.
يوللۇق قوغدىنىشنىڭ چېكى−قانۇندا بەلگىلەنگەن قوغدالغۇچىنىڭ قوغدىنىش ھەرىكىتى ئارقىلىق زىيانكەشلىك قىلغۇچىغا كەلتۈرگەن زىيىنىنىڭ ئەڭ يۇقىرى چېكىدىن ئىبارەت. يوللۇق قوغدىنىش ھەرىكىتى شەخسىي ھەرىكەت، شۇنداقلا ئۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن شەخسنىڭ ھوقۇقى. لېكىن يوللۇق قوغدىنىش ھوقۇقىنى يۈرگۈزگەندە ئورۇنسىز زىيان كەلتۈرۈشكە بولمايدۇ، دۆلەتنىڭ، كوللېكتىپنىڭ مەنپەئەتىنى، ئۆزىنىڭ ياكى باشقىلارنىڭ ھوقۇقىنى قوغداشقىلا بولىدۇ.
يوللۇق قوغدىنىشنىڭ زۆرۈر چېكى قانۇنسىز دەخلى - تەرۇزنى توسىيالايدىغان بولۇشى، ھەرگىزمۇ چەكتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك. ئەمما، ماھىيەت جەھەتتىن ئېيتقاندا، ئوبيېكتىپ زۆرۈر چەك بىلەن قوغدالغۇچىنىڭ سۇبيېكتىپ جەھەتتىكى قوغدىنىشىنىڭ دەرىجىسى بىردەك بولمايدۇ. شۇ سەۋەبتىن، دۆلىتىمىز جىنايى ئىشلار قانۇنىدا زۆرۈر چەككە ھۆكۈم قىلىش ئۆلچىمى كېڭەيتىلگەن، زۆرۈر چەكتىن ئېشىپ كېتىپ، زور زىيان كەلتۈرۈپ چىقارمىغان بولسىلا، ئۇ يوللۇق قوغدىنىش ھەرىكىتى ھېسابلىنىدۇ.
قوغدىنىش چەكتىن ئېشىپ كېتىشمۇ بىر خىل جىنايى ھەرىكەتتۇر، ئۇنىڭ ماھىيىتى جەمئىيەتكە زىيان كەلتۈرگەن بولۇشى كېرەك. قوغدىنىش چەكتىن ئېشىپ كېتىشنىڭ پۈتكۈل جەريانىدىن قارىغاندا، ئۆزىنى قوغدىغۇچى زىيانكەشلىكنى توسۇشنى مەقسەت قىلغان بولسىمۇ، بىراق سۇبيېكتىپ جەھەتتە ئۇنىڭدا مەلۇم جىنايەت پىسخىكىسى بولىدۇ، ئوبيېكتىپ جەھەتتە ئۆزىنى قوغدىغۇچىنىڭ ھەرىكىتى قانۇنسىز زىيانكەشلىكنى توسۇش ئۈچۈن زۆرۈر بولغان چەكتىن ئېشىپ كېتىش ھەرىكىتى بولۇپ، قانۇنسىز زىيانكەشلىك قىلغۇچىنىڭ قانۇن تەرىپىدىن قوغدىلىدىغان بىر قىسىم مەنپەئەتىنى زىيانغا ئۇچرىتىدۇ. شۇ سەۋەبتىن، قوغدىنىش چەكتىن ئېشىپ كېتىش بىر تەرەپتىن جەمئىيەتكە پايدىلىق بولسىمۇ، يەنە بىر تەرەپتىن جەمئىيەتكە زىيان كەلتۈرىدۇ.
قوغدىنىشنىڭ چەكلىنىش شەرتىنى بېكىتىشتە ئەمەلىيەتنى ئاساس قىلىش كېرەك. بۇنىڭدا تۆۋەندىكى بىر قانچە تەرەپكە دىققەت قىلىش كېرەك:
(1) قانۇنسىز زىيانكەشلىك قىلغۇچىنىڭ زىيانكەشلىك قىلىش ئىقتىدارى ۋە ئۆزىنى قوغدىغۇچىنىڭ قوغدىنىش ئىقتىدارىنى سېلىشتۇرۇش. بۇ يەردە ئېيتىلىۋاتقان «ئىقتىدار» ھەم جىسمانىي كۈچنى ھەم پىسخىك ساپانى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. يوللۇق قوغدىنىش ئاۋۋال كۈچ جەھەتتىن سىنىشىش. شۇڭا، قانۇنسىز زىيانكەشلىك قىلغۇچىنىڭ كۈچى ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەپ، قوغدالغۇچى قارشىلىشالمىغان ئەھۋالدا، قوغدالغۇچى قوغدىنىش قورالىدىن پايدىلانغاندىلا، قارشى تەرەپنىڭ قانۇنسىز زىيانكەشلىكىنى توسىيالايدۇ، بۇ ئېغىر ئاقىۋەت كەلتۈرسىمۇ، ئۇنى يەنىلا قوغدىنىش چېكى دائىرىسىدىكى يوللۇق قوغدىنىش، دەپ بېكىتىش كېرەك.
(2) قوغدىنىش مۇھىتى. يوللۇق قوغدىنىش مەلۇم زامان ۋە ماكان شارائىتىدا يۈز بېرىدۇ، شۇ سەۋەبتىن قوغدىنىش چېكىنىڭ دەرىجىسى زىيانكەشلىك قىلىش دەرىجىسىدىن ئېشىپ كەتكەن ۋاقىتتا، دائىم قوغدىنىش مۇھىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. مەسىلەن: قانۇنسىز دەخلى - تەرۇز قىلىش ھەرىكىتى كۈندۈزى يۈز بەرگەنمۇ ياكى كېچىسى يۈز بەرگەنمۇ، بۇنىڭ قوغدالغۇچىغا بولغان تەھدىتى ئوخشاش بولمايدۇ. ئەگەر كېچىدە يۈز بەرگەن بولسا، قوغدالغۇچىنىڭ پىسخىكىسىدا قورقۇش ۋە جىددىيلىك پەيدا قىلىدۇ - دە، ئۆزىنى كونترول قىلالمايدۇ، بۇنداق ۋاقىتتا قانۇنسىز زىيانكەشلىك قىلغۇچىنى زىيانلاندۇرۇشتىن ساقلىنالمايدۇ، شۇڭا بۇنى زۆرۈر چەكتىن ئېشىپ كەتمىگەن دەپ بېكىتىشكە بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە قوغدالغان ئورۇن بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. قوغدالغان ئورۇن، ئادەتتە، قانۇنسىز زىيانكەشلىك يۈز بەرگەن جاي بولىدۇ، جىنايەتچى، ئادەتتە، جىنايەت مەقسىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ئادەم ئاز، خىلۋەت جاينى تاللايدۇ، قوغدالغۇچى يوللۇق قوغدىنىش جەريانىدا قانۇنسىز زىيانكەشلىك قىلغۇچىغا ئېغىر زىيان كەلتۈرىدۇ، بۇ ۋاقىتتا قوغدىنىش دەرىجىسى قانۇنسىز زىيانكەشلىك قىلىش دەرىجىسىدىن ئېشىپ كەتسىمۇ، قوغدىنىش چەكتىن ئېشىپ كەتكەن بولمايدۇ.
(3) قانۇنسىز زىيانكەشلىك قىلىشنىڭ تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن - بەرمىگەنلىكىگە قاراش كېرەك. قانۇنسىز زىيانكەشلىك قىلىش ھەرىكىتى تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن بولسا، قوغدالغۇچىنىڭ قارشى تەرەپنىڭ قانۇنسىز زىيانكەشلىك قىلىش دەرىجىسىنى ئويلىشىپ ئولتۇرغۇدەك ۋاقتى چىقماي قالىدۇ - دە، شۇ ھامان جىددىي تەدبىر قوللىنىدۇ، شۇ سەۋەبتىن ئېغىر زىيان كەلتۈرۈپ چىقارسىمۇ، بۇنى زۆرۈر چەكتىن كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ئېشىپ كەتكەن دەپ قارىماسلىق كېرەك.