ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
ئون سەككىز مىڭ ئالەملەرنىڭ رەببى ئاللاغا چەكسىز شۈكۈرلەر بۇلسۇن،پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەت ئەلەيھىسسالامغا ئاللانىڭ رەھمىتى ۋە سالامى بۇلسۇن،ساھابىلەرگە،تابىئىنلەرگەسولسۇن،خۇسۇسەن قەلىپلىرىنى ئىيمان-ئىسلام بىلەن سۇغۇرۋاتقان قېرىنداشلارغا بولسۇن.
ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتەئەلا ئەنئام سۆرىسىنىڭ 160-161-ئايىتىدە مۇنداق دىگەن؛[بىر ياخشىلىق ئىشنى قىلغان ئادەم ئون ھەسسە ئارتۇق ساۋاپقا ئىگە بولىدۇ،بىر يامانلىقنى قىلغان ئادەمگەپەقەت ئۇنىڭ يامانلىقىغا باراۋەر جازا بېرىلىدۇ،ئۇلارغا زۇلۇم قىلىنمايدۇ.]
بۇ ئايىتى كەرىمىدىن ئاللاھنىڭ زۇلۇم قىلمايدىغانلىقىنى بىرگە بىر جازالايدىغانلىقىنى،ياخشىلىققا كوپ ئەجىر بېرىپ ۋەدىسىدە تۇرىدىغانلىقىنى كۆرىۋالالايمىز.
كەئبىل ئەھبار رەزىيەللاھۇ مۇنداق دىگەن؛پاتىمە ئانىمىز ئاغىرىپ يېتىپ قالغاندا ھەزىرتى ئەلى ئۇنىڭ قېشىغا كىرىپ؛ئى پاتىمە كۆڭلىڭىز نىمە تارتادۇ دەپ سورىدى،پاتىمە ئانىمىز بىر تال ئانار بولغان بولسا ياخشى بولغان بولار ئىدى دىۋىدى، ھەزىرتى ئەلى بىر ھازا ئويلۇشۇپ تۇرۇپقالغان ئىدى،چۈنكى يىنىدا ئانار سېتىۋالغىدەك پۇل قالمىغان ئىدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ تالارغاچىقىپ بىر ساھابىدىن پۇل قەرىز ئېلىپ بىرتال ئانارنى ئېلىپ كېلىۋاتاتتى يولدا بىر مەجىروھ ئادەمگە يولۇقۇپ قالدى.(ھەزىرتى ئەلىنىڭ كۆڭلىنىڭ يۇمشاقلىقىدىن )توختاپ ؛ئى شەيىخ كۆڭلڭىىز نېمۇ تارتىدۇ دىدى:شەيىخ:بەش كۈندىن بېرى مۇشۇنداق يىتىۋاتىمەن ھېچكىمنڭ ماڭا ئىچى ئاغىرمىدى دېدى،ھەزىرتى ئەلى بىرھازا ئويلۇشۇپ تۇرۇپ ئۇ ئۆزىگە:بۇ ئانارنى پاتىمە ئۈچۈن ئالغان تۇرسام بۇ مەجىروھ قابەرسەم قانداق بولىدۇ (پاتىمە مەھروم قالمامدۇ) مەجىروھقا بەرمىسەم ئاللاھنىڭ ئايىتىگە قارشى چىقان بولىدىكەن دەپ زوھا سۆرىسىدىكى:[سائىلغا قوپاللىق قىلما ]دىگەن 10-ئايتىنى ئوقىدى،ھەم پەيغەنبەر ئەلەيھسسالامنىڭ: پارچە نەرسەبىلەن بولسۇمۇ سائىلنى قۇرۇق قايتۇرماڭلار دىگەن ھەدىسنى ئوقىدى دە ئانارنى بۆلۈپ شەيىققا يىگىزىۋىدى شەيىق شۇئان ساقايدى ،پاتىمە ئانىمىزمۇ شۇۋاققىتنىڭ ئۆزىدە ساقايغان ئىدى،ھەزىرتى ئەلى ھايا قىلغان ھالەتتە قۇرۇققول پاتىمە ئانىمىزنىڭ قېشىغا كىرۋاتاتتى،پاتىمە ئانىمىز ئالدىغا يۈگۈرۈپ چىقىپ:قايغۇرۇپ كەتمىگىن ئى ئەلى ئاللاھنىڭ ئۇلۇغلىقى ۋەجالالى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى سەن شەيىخكە ئانارنى يىگۈزگەن ۋاقىتنىڭ ئۆزىدىلا مىنىڭ قەلبىمدىن ئانارنىڭ ئىشتاھاسى كۆتىرىلدىدىۋىدى ئەلى پاتىمە ئانىمىزنىڭ بۇ سۆزىدىن ئىنتايىن خۇرسەن بولۇپ تۇرىۋىدى ئىشىك چېكىلدى ،ئەلى كىمۇ دىۋىدى ،مەن سالمان پارىسى بولىمەن ئىشىكنى ئېچىڭ ماۋۇ ئامانەتنى ئېلىۋىلىڭ دىدى،ئەلى ئىشىكنى ئېچىپ قارىسا سالماننىڭ قولىدا ئۇستى يېپىغلىق بىر قاچا تۇراتى ،ئەلى ؛بۇ نىمە ئامانەتكە دەپ سورىدى،سالمان ؛بۇ ئاللاھدىن پەيغەمبەرگە ،پەيغەمبەردىن ساڭا ئەۋەتىلگەن ئامانەت ئىكەن دىدى،شۇنىڭ بىلەن ئەلى قاچىنىڭ ئۇستىدىكى يۇپۇقنى ئېچىپ قارىۋىدى ئانارلار تۇراتى ،سانىۋىدى توققۇز تال چىقتى ،ئەلى سالمانغا ئى سالمان ئاللاھنىڭ بىرگە ئوننى بېرىمەن دىگەن ۋەدىسى بار دەپ(ئەنئام سۆرىسىدىكى)ئايەتنى ئوقىۋىدى سالمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ كۈلۈپ كېتىپ؛سېنى سىناپ بېقىش ئۈچۈن بىر تال ئانارنى تىقىۋالغان ئىدىم دەپ يىڭىدىن بىر تال ئانارنى چىقىرىپ قاچىغا قويۇپ تۇرۇپ خۇدا ھەققى بۇ راستىننلا ئون ئانار ئىدى دىدى.(ۋەز-نەسىھەت كىتاۋىدىن تەرجىمەقىلىندى.)ۋەللاھۇ ئەئلەم.