[56]http://player.56.com/v_NTgwNjg1NjA.swf[/56]
25 - نۆۋەتلىك دۇنيا ئۇنىۋېرسىتېتلار ئارا قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تۈنۈگۈن داغدۇغىلىق ھالدا ئەرزۇرۇمدا باشلاندى.
ئەرزۇرۇم ساھىبخانىلىق قىلىۋاتقان دۇنيا ئۇنىۋېرسىتېتلار ئارا قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ رەسمىي مۇراسىم ئارقىلىق داغدۇغىلىق ھالدا باشلىنىشى تاماشىبىنلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى.
5 قىتئەدىن 3 مىڭغا يېقىن ماھىرنى ئەرۇزۇمدا بىر يەرگە جەم قىلغان مۇسابىقە مەڭگۈ ئۇنۇتۇلمىغىدەك ھالدا داغدۇغىلىق باشلاندى.
دۆلەت ئەربابلىرىنىڭ ھەممىسى ئەنە شۇنداق ئەھمىيەتلىك بىر كۈندە ئەرزۇرۇمغا يېتىپ بېرىپ، 25 - نۆۋەتلىك دۇنيا ئۇنىۋېرسىتېتلار ئارا قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا ئىشتىراك قىلدى.
ئۇدا بىرقانچە كۈندىن بۇيان يېغىش ئېھتىمالى بولغان قار شۇنداق قاتتىق ياغقانلىقتىن، ئەرزۇمرۇمنىڭ ھەرقايسى جايلىرى ئاپئاق قارغا پۈركەندى.
ئەرزۇرۇم خەلقى مېھمان دۆلەتلەرنىڭ ماھىرلىرىنى ئانادولۇنىڭ ئۇزۇن تارىخقا ئىگە مېھماندوستلۇق ئەنئەنىسىگە لايىق شەكىلدە قىزغىن كۈتۈۋالدى.
تۈركىيە ماھىرلىرىنىڭ تەنتەربىيە زالىغا كىرىپ كېلىشى بىلەن تەڭ تاماشىبىنلار قىزغىن ئالقىش سادالىرى ياڭراتتى. .
25 - نۆۋەتلىك دۇنيا ئۇنىۋېرسىتېتلار ئارا قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا تەنتەربىيە ئىشلىرىغا مەسئۇل دۆلەت مىنىستىرى فارۇق نافىز ئۆزئاق ئالدى بىلەن سۆز قىلدى.
دۆلىتىمىز باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغانمۇ 25 - نۆۋەتلىك دۇنيا ئۇنىۋېرسىتېتلار ئارا قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئېچىلىش مۇرسىمىدا مۇھىم سۆز قىلدى ھەم بۇ مۇسابىقىنىڭ ئەرزۇرۇمدا ئۆتكۈزۈلۈشىنىڭ ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. دۇنيا ئۇنىۋېرسىتېتلار ئارا تەنھەرىكەت مۇسابىقىلىرى فېدېراتسىيەسى ئىجرائىيە ھەيئىتىنىڭ باشلىقى جورج كىللىئان سۆز قىلغاندىن كېيىن نۇتۇق مۇنبىرىگە چىققان دۆلىتىمىز جۇمھۇر رەئىسى ئابدۇللاھ گۈل، بۇ مۇسابىقىنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشى ئۈچۈن كۈچ چىقارغان بارلىق ئورۇنلار ۋە شەخسلەرگە چوڭقۇر رەھمەت ئېيتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. 25 - نۆۋەتلىك دۇنيا ئۇنىۋېرسىتېتلار ئارا قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا كەنان سوفۇئوغلۇ، سەلچۇق چەبى، نەسلىھان دارنەل ۋە گىزەم گىرىشمەن قاتارلىق ماھىرلار مەشئەلگە ئوت ياقتى.
كەڭ ساي تورى