2010-يىلى 13-نويابىر كۇنى قازاقستان جۇمھۇريىتى ئىستاستىكا ئاگېنىتلىقى 2009-ئېلىپ بېرىلغان دۆلەتلىك نوپۇس تەكشۇرۇش خىزمىتىنىڭ ئاخىرقى نەتىجىسىنى ئېلان قىلدى .ئېلان قىلىنغان نەتىجىدە مۇنداق دېيىلگەن:قازاقستان جۇمھۇريىتىنىڭ ئومۇمى نوپۇسى 16مىليون9مىڭ 600بولۇپ،1999-يىلى نوپۇس تەكشۇرۇش خىزمىتى نەتىجىسىگە قارىغاندا ئومۇمى نوپۇس كېيىنكى 10يىل ئىچىدە 1مىليون 28مىڭ 300كىشى ئاشقان نوپۇس ئېشىشى %6.69بولغان پىرسەنىت بولغان .
شەھەر نوپۇسى 8مىليون662مىڭ 400،يېزا نوپۇسى نوپۇسى 7مىليون 347مىڭ 200بولۇپ،ئالدىنقى نەتىجىگە سىلىشتۇرغاندا شەھەر نوپۇسى 206مىڭ 600(2.4پىرسەنت)يېزا نوپۇسى 821مىڭ 700(12.6پىرسەنت)ئاشقان،شەھەر نوپۇسىنىڭ ئومۇمى نوپۇسنى ئېگەنلىگەن نىسپىتى 56.4پىرسەنت يېزا نوپۇسى 43.6پىرسەنت بولغان،ئەڭ شەھەرلەشكەن رايونلار قاراغاندا،پاۋلودار،ئاقتيۇبىن ئوبلاستىلىرى بولۇپ،يېزا نوپۇسى ئاساسەن ئالمۇتا ،شىمالى قازاقستان ،قىزىل ئوردا ۋە جامبۇل ئوبلاستىلىرىغا مەركەزلەشكەن .
ئەرلەر نوپۇسى 7مىليون 712مىڭ 200،ئاياللار نوپۇسى 8مىليون 297مىڭ 400 بولۇپ،ئالدىنقى نەتىجىگە قارىغاندا ئايرىم-ئايرىم496مىڭ(6.9پىرسەنت)531مىڭ 500(6.8پىرسەنت)ئاشقانئەرلەر نوپۇسى ئومۇمى نوپۇسنىڭ48.2پىرسەنتىنىڭ،ئاياللار51.8پىرسەنتىنى تەشكىل قىلغان ھەمدە1000ئايالغا 929ئەر توغرا كەلگەن،
قازاقستاندىكى مىللەتلەرنىڭ نوپۇس ئەھۋالى توۋەندىكىچە:
قازاقلارنىڭ نوپۇسى 1999-2009يىلغىچە بولغان 10يىل ئىچىدە 26پىرسەنت ئاشقان بولۇپ،ھازىرقى نوپۇسى 10مىليون 96مىڭ 800،ئومۇمى نوپۇستا ئېگەنلىگەن نىسپىتى 63.1پىرسەنت (دىققەت ھازىر بىز قېرىنداشلىرىمىزنىڭ تۇنۇشتۇرغىنىمىز 2009-يىلىنىڭ بىشىدىكى ئىستاستىكا 2010-يىلىدىكى ئىستاستىكا قارىغاندا قازاقستاندىكى قازاقلارنىڭ نوپۇسى 63.1پىرسەنتتىن 67پىرسەنىتكە يەتكەنلىكى بىلدۈرمەكتە)

روسلارنىڭ نوپۇسى 15.3پىرسەنت ئازلىغان شۇنىڭدەك ھازىرقى نوپۇسى 3مىليون 793مىڭ 800،ئومۇمى نوپۇسىتا ئېگەنلىگەن نىسپەت 23.7پىرسەنت
ئۆزبەكلەرنىڭ نوپۇسى 23.3پىرسەنت ئاشقان ھازىرقى نوپۇسى 457مىڭ ،ئومۇمى نوپۇستا ئېگەنلىگەن نىسپەت 2.9پىرسەنت
ئۇكرائىنلارنىڭ نوپۇسى 39.1پىرسەنت ئازلىغان بولۇپ،ھازىرقى نوپۇسى 333مىڭ ،ئومۇمى نوپۇستا ئېگەنلىگەن نىسپەت 2.1پىرسەنت
ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى 6.8پىرسەنىت ئاشقان ،ھازىرقى نوپۇسى 224مىڭ 700،ئومۇمى نوپۇسىتا ئېگەنلىگەن نىسپەت 1.4پىرسەنت
تاتارلارنىڭ نوپۇسى 18پىرسەنت ئازلىغان ،ھازىرقى نوپۇسى 204مىڭ 200بولۇپ،ئومۇمى نوپۇستا ئېگەنلىگەن نىسپەت 1.3پىرسەنت
نېمىسلارنىڭ نوپۇسى 49.5پىرسەنت ئازلىغان بولۇپ،ھازىرقى نوپۇسى 178مىڭ400،نوپۇستا ئېگەنلىگەن نىسپەت 1.1پىرسەنت
باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئومۇمى نوپۇسى 4.7پىرسەنت ئازلىغان بولۇپ،ھازىرقى نوپۇسى721مىڭ 700بولۇپ ئومۇمى نوپۇستا ئېگەنلىگەن نىسپەت4.5پىرسەنت،
دىنغا ئېتىقات قىلىش ئەھۋالى :
ئىسلام دىنىغا ئېتىقات قىلىدىغانلارنىڭ ئومۇمى نوپۇسى 11مىليون 237مىڭ 900بولۇپ،ئومۇمى نوپۇسنىڭ 70.2پىرسەنتىنى ئېگەنلىگەن،
خىرستىيانلارنىڭ ئومۇمى سانى 4مىليون 190مىڭ 100بولۇپ،ئومۇمى نوپۇسنىڭ 26.2پىرسەنتىنى ئېگەنلىگەن،
بۇددا دىنىغا ئېتىقات قىلىدىغانلارنىڭ ئومۇمى سانى 14مىڭ 600بولۇپ ،ئومۇمى نوپۇسنىڭ 0.1پىرسەنتىنى تەشكىللىگەن .
يەھۇدى دىنىغا ئتىقات قىلىدىغانلارنىڭ ئومۇمى سانى 500مىڭ 300
باشقا دىندىكىلەرنىڭ ئومۇمى سانى 30مىڭ 100 بولۇپ ،ئومۇمى نوپۇسنىڭ 0.2پىرسەنتىنى ئېگەنلىگەن،
81مىڭ ئادەم يەنى ئومۇمى نوپۇسنىڭ 0.5پىرسەنتىنى قازاقستان پۇقرالىرى نوپۇس تەكشۇرۇش جەدىۋىلىدىكى دىنى ئېتىقات دىگەن كاتەكچىنى تولدۇرۇشنى رەت قىلغان (مېنىڭچە سابىق سوۋېت ئتتىپاقى دەۋىرىدە كومىزىم روھى ئۇلارنىڭ كاللىسىدا قاتتىق ئورناپ كەتكەچكە شۇنداق قىلغاندۇ بەلكىم .
قوشۇمچە ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسىغا ياخشى قاراڭ بەزى ئۇيغۇر تور بېكەتلەردە قازاقستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسىنى 450مىڭ دەپ ئېلان قىلغان بۇ ئەمىلىيەتتە قازاقستاندا ياشاۋاتقان ئۆزبېكلارنىڭ نوپۇسى بولۇپ ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى 2009-يىلىدىكى نوپۇسى 224مىڭ 700 .
خوش ئۇنداقتا ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى ئۆزبېكلەرنىڭ نوپۇسىدىن ئاز چىقىدۇ ئۇيغۇرلار قازاقستان تىروتىرىيسىدە ياشاۋاتقىلى 200يىلدىن ئاشقان تۇرسا
ئۇيغۇرلارنىڭ سانى ئەڭ ئاز دېگەندە 500مىڭدىن جىق چىقسا بولاتتىغۇ ،ئالدىرماڭ بۇنىڭ سەۋەبى بار ،قازاقستاندىكى ئۇيغۇرلار ئۆرىپ ئادىتى تىلى ئانچە پەرىقلىنىپ كەتمەيدىغان ئۆزبېكلەر بىلەن قۇدىلىىشش بىر قەدەر ئەۋىج ئالغان ،ئاساس جەھەتتىن ئۆزبېكلەر ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسىغا ئۇيغۇر دەپ يىزىلىپ كىتىشىگە قارىغاندا ئۇيغۇرلار ئۆزبېكلەرنىڭ نوپۇسىغا ئۆزبېك دەپ يېزىلىپ كىتىشى كۆپرەك بولغان شۇنىڭدەڭ ئۇيغۇرلانىڭ قازاقلار بىلەن قۇدىلىشش ئېشىمۇ ئاز ئەمەس بولۇپ يۇزلىگەن مىڭلغان ئۇيغۇرلار نوپۇس دەپتىرىگە قازاق دەپ يىزىلىپ كەتكەن ئەھۋاللارمۇ بولغان ،سوۋىت ئىتتىپاقى پارچىلانغان دىن كېيىن ئۇيغۇرلار ئۆزلۇك -كىملىك تۇيغۇسى كۇچەيگەن ،شۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇرلار باشقا مىللەتلەر بىلەن قۇدىلىشىش ئىشى بىر ئاز پەسەيگەن ،لېكىن ھازىر بۇنداق ئۆز ئارا قۇدىلىشىش ئىشلىرى يوق دەپ ھىچكىم ئېتالمايدۇ .
يازغاندىكىن ئۆزبېكستاننىڭ نوپۇسى ئەھۋالىدىنمۇ قىسقىغىنا توختۇلۇپ ئۆتەي .
2000-يىلى ئۆزبېكستاننىڭ مەلۇماتىغان قارىغاندا ئۆزبېكستاننىڭ 2000-يىلىدىكى نوپۇسى 23مىليون ،(قوشۇمچە 2009-يىلىدىكى نوپۇس ئىستاستىغا قارىغاندا ئۆزبېكستاننىڭ نوپۇسى 28مىليوندىن ئاشقان )
تۆۋەندىكىسى 2000يىلىدىكى ئۆزبەكلەردىن باشقا ئۆزبېكستاندا ياشاۋاتقان مىللەتلەرنىڭ نوپۇس ئىستاستىكا ئەھۋالى
روسلارنىڭ نوپۇسى 1مىليون 199مىڭ
تاجىكلارنىڭ نوپۇسى 1مىليون 166مىڭ
قازاقلارنىڭ نوپۇسى 990مىڭ
قاراقالپاقلارنىڭ نوپۇسى 504مىڭ
تاتارلارنىڭ نوپۇسى 324مىڭ
قىرغىزلارنىڭ نوپۇسى 232مىڭ
كورىيەلىكلەرنىڭ نوپۇسى 164مىڭ
تۇركىمەنلەر 152مىڭ
ئۇكرائىنلار 105مىڭ
ئەرمەنلەر 42مىڭ
ئەزەربەيجان 36مىڭ
پارىسلار 30مىڭ
ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى 20مىڭ(بۇ ھەقتە مەن چۇشەندۇرمىسەممۇ تورداشلارغا چۇشۇنۇشلۇك )
بېلوروسلار 20مىڭ
قېرىم تاتارلىرى 10مىڭ
مەنبە -مىڭەم(بەيدۇ تورىدىنمۇ پايدىلانغان )