باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 2813 قېتىم كۆرۈلدى
«12»Pages: 1/2     Go
تېما: ئون چوڭ سىياسەت (خۇش خەۋەر)
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 198
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 7
ئومۇمىي يازما: 319
ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە319دانە
ئۆسۈش: 2274 %
مۇنبەر پۇلى: 4885 سوم
تۆھپىسى: 41 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-07
ئاخىرقى: 2011-10-19
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-01-28 16:17

ئون چوڭ سىياسەت (خۇش خەۋەر)

ئون چوڭ سىياسەت (خۇش خەۋەر)

         2010 – يىلى 30 – دېكابىر ئاپتونوم رايون ئالىي مەكتەپ، ئوتتۇرا تېخنىكومنى پۈتكۈزگەنلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش سىياسىتى توغرىسىدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، 1 – يانۋاردىن باشلاپ يولغا قويۇلىدىغان ‹‹ئالىي مەكتەپ، ئوتتۇرا تېخنىكوملارنى پۈتكۈزگەنلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىر(سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلىدۇ)››نى ئېلان قىلدى. يىغىندىن ئىگىلىشىمچە، 2014 – يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە ئاپتونوم رايون ئون چوڭ سىياسەت قوللىنىپ، 2009 – يىلىدىن بۇرۇن ئوقۇش پۈتكۈزۈپ ئىشقا ئورۇنلىشالمىغان ئالىي مەكتەپ، ئوتتۇرا تېخنىكومنى پۈتكۈزگەنلەر ۋە 2010 – يىلىدىن 2012 – يىلىغىچە ئوقۇش پۈتكۈزگەن 280 مىڭ كىشىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا تىرىشىدىكەن.

بۇ ئون چوڭ سىياسەت تۆۋەندىكىچە:

بىرىنچى، كارخانىلار جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئىككى ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى ئوقۇش پۈتكۈزگەنلەر، ئاز سانلىق مىللەتلەر ياكى ئالىي مەكتەپ، ئوتتۇرا تېخنىكومنى پۈتكۈزگەن قىز ئوقۇغۇچىلارنى يېڭىدىن قوبۇل قىلغان، ئۇلار بىلەن بىر يىلدىن يۇقىرى ئەمگەك توختامى ئىمزالىغان ھەم بەلگىلىمە بويىچە ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققى تاپشۇرغان بولسا، قەرز ئالغاندا قوبۇل قىلغان ھەر بىر ئادىمى ئۈچۈن يىلىغا 50 مىڭ يۈەن قەرز پۇلىنىڭ ئۆسۈمى كۆتۈرۈۋېتىلىدۇ. ئۆسۈمنىڭ كۆتۈرۈۋېتىلىش سۈرىكى بىلەن ئەمگەك توختامىنى ئەمەلىي ئادا قىلغان ۋاقىت بىردەك بولۇپ، ئەڭ ئۇزاق بولغاندا بەش يىلدىن ئېشىپ كەتمەيدۇ.

ئىككىنچى، ئالىي مەكتەپ، ئوتتۇرا تېخنىكومنى پۈتكۈزگەنلەر كارخانىلاردا ئىشقا ئورۇنلىشىپ، بىر يىلدىن ئارتۇق ئەمگەك توختامى ئىمزالاپ، بەلگىلىمە بويىچە ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققى تاپشۇرسا، شەخس تاپشۇرىدىغان ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققى قىسمىنىڭ ھەممىسىگە تولۇق سوممىسى بويىچە ياردەم پۇلى بېرىلىدۇ، ياردەم پۇلى بېرىش مۇددىتى بىلەن ئەمگەك توختامىدىكى ئەمەلىي ئادا قىلىنغان مۇددەت ئوخشاش بولۇپ، ئەڭ ئۇزاق بولغاندا ئۈچ يىلدىن ئېشىپ كەتمەيدۇ.

ئۈچىنچى، ئالىي مەكتەپ، ئوتتۇرا تېخنىكوملارنى پۈتكۈزگەنلەرگە كەسىپ تەربىيەسى پىلانى يولغا قويۇلۇپ، كەسىپ تەربىيەسىگە قاتنىشىش ئارزۇسى بارلار پۈتۈنلەي ھەقسىز تەربىيەگە قاتناشتۇرۇلىدۇ.

تۆتىنچى، ئىشقا ئورۇنلىشالمىغان ئالىي مەكتەپ، ئوتتۇرا تېخنىكومنى پۈتكۈزگەنلەر تىل، ماھارەت، ئىگىلىك تىكلەش تەربىيەسىگە قاتناشسا، تەربىيەلەشكە قاتنىشىۋاتقان مەزگىلدە، شۇ جاينىڭ ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت ئۆلچىمى بويىچە تۇرمۇش ياردەم پۇلى بېرىلىدۇ.

بەشىنچى، جايلار ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنى يېزا – بازارلارغا، كەنتلەرگە ۋە شەھەر، بازارلاردىكى مەھەللىلەرگە ئىشقا ئورۇنلىشىشقا يېتەكلەيدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئىككى ۋىلايەت، بىر ئوبلاستىدىكى نامرات ناھىيە، چېگرا ناھىيەلەردىكى يېزا – بازار، كەنتلەردىكى ئىجتىمائىي باشقۇرۇش ۋە ئاممىۋى مۇلازىمەت ئىش ئورۇنلىرىغا ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ تۇرمۇش ياردەم پۇلى ئۆلچىمىنى شۇ جاينىڭ ئەڭ تۆۋەن ئىش ھەققى ئۆلچىمى(ئۈچ سۇغۇرتا، بىر فوندنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ)نىڭ ئىككى ھەسسىسى بويىچە ئۆستۈرۈشكە بولىدۇ.

ئالتىنچى، تۇنجى قېتىم ئىگىلىك تىكلەپ، خۇسۇسىي ئىگىلىك بىلەن شۇغۇللانغان ئالىي مەكتەپ، ئوتتۇرا تېخنىكوملارنى پۈتكۈزگەنلەرگە ‹‹ئىگىلىك تىكلەش بويىچە ئەنگە ئېلىش تۈزۈمى›› يولغا قويۇلىدۇ. ئەنگە ئېلىش مۇددىتى بىر يىل بولۇپ، ھېچقانداق ھەق ئېلىنمايدۇ، شۇنداقلا ئۈچ يىلغىچە باشقۇرۇش، تىزىملاش ۋە كىنىشكە تۈرىگە ئالاقىدار مەمۇرىي، كەسپىي ھەقلەر ئېلىنمايدۇ.

يەتتىنچى، جانلىق ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئائىلە مۇلازىمەتچىلىكى قاتارلىق شەكىللەر بىلەن ئىشقا ئورۇنلاشقان ئالىي مەكتەپ، ئوتتۇرا تېخنىكومنى پۈتكۈزگەنلەرنىڭ شەخس ئەمەلىي تاپشۇرىدىغان ئاساسىي ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى ھەققى تولۇق سوممىسى بىلەن تولۇقلاپ ياردەم بېرىلىدۇ. مۇددىتى ئەڭ ئۇزاق بولغاندا ئۈچ يىلدىن ئېشىپ كەتمەيدۇ.

سەككىزىنچى، تۇنجى قېتىم ئىگىلىك تىكلەپ، خۇسۇسىي ئىگىلىك بىلەن شۇغۇللانغان ئالىي مەكتەپ، ئوتتۇرا تېخنىكومنى پۈتكۈزگەنلەرنىڭ ئاز سوممىلىق كېپىللىك قەرز پۇلى ئىلتىماس قىلىش سوممىسى 100 مىڭ يۈنگە ئۆستۈرۈلۈپ، قەرز پۇلى مۇددىتى ئۈچ يىلغا ئۇزارتىلىدۇ، قەرز مۇددىتى توشۇپ ئۇزارتىشقا توغرا كەلسە، بىر يىل ئۇزارتىشقا بولىدۇ. قەرز مۇددىتىدە، قەرز ئۆسۈمى تولۇق سوممىسى بىلەن كۆتۈرۈۋېتىلىدۇ، مۇددەت ئۇزارتىلغاندا ئۆسۈم كۆتۈرۈۋېتىلمەيدۇ.
توققۇزىنچى، پىراكتىكا قىلغان ئورۇن ئوقۇش پۈتكۈزگەنلەرنى كۈتۈلمىگەن جىسمانىي زىيان سۇغۇرتىسىغا قاتناشتۇرۇشى لازىم.

ئونىنچى، پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرى شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان ئۆلكە – شەھەرلەرگە ئەۋەتىلىپ، مەلۇم مەزگىل تەربىيەگە، پىراكتىكىغا ۋە چېنىقىشقا قاتناشتۇرۇلىدۇ.

‹‹پىكىر››نىڭ نىشان ۋەزىپىسى: 2009 – يىلى يىل ئاخىرىدىن بۇرۇن ئالىي مەكتەپ، ئوتتۇرا تېخنىكوملارنى پۈتكۈزگەنلەرنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى نۆۋەتتىكى خىزمەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسى قىلىش، 2012 – يىلى 5 – ئاينىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن تاماملاش، 2011 – يىلى يىل ئاخىرىدىن بۇرۇن ئاساسىي جەھەتتىن تاماملاشقا تىرىشىش.

ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىغا قاتناشتى ۋە مۇنداق دېدى: ھەر تۈرلۈك سىياسەت، تەدبىرلەردىن رايون ۋە سىستېما ھالقىپ بەھرىلىنىشقا بولىدۇ، ئوخشاش رايونلارنىڭ تەمىناتى ئوخشاش بولۇشى لازىم. ئالىي مەكتەپ، ئوتتۇرا تېخنىكومنى پۈتكۈزگەنلەر رايون ھالقىپ ئىشقا ئورۇنلاشقاندا، شۇ جايدىكى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار سىياسەتنىڭ ئەمەلىيلىشىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك

كېلەر يىلدىن باشلاپ  ئوقۇغۇچىلارنى تولۇق خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرىدىكەن ،،،

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ، خەلق ھۆكۈمىتى يېقىندا ‹‹ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئالىي  مەكتەپ ، ئوتتۇرا تېخنىكوملارنى پۈتكۈزگەنلەرنى تولۇق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى پىكرى ›› نى تۈزۈپ چىقتى . ‹‹ پىكىر ›› كېلەر يىلى 1 - يانۋاردىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ .

ئىگىلىنىشىچە ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ، خەلق ھۆكۈمىتى كېلەر يىلىدىن باشلاپ ئالىي مەكتەپ  ، ئوتتۇرا تېخنىكوملارنى پۈتكۈزگەنلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەپ ، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەر ، بولۇپمۇ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئىككى ۋىلايەت ، بىر ئوبلاستتىكى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەر ، ئاز سانلىق مىللەتلەر ۋە ئالىي  مەكتەپنى پۈتكۈزگەن قىز ئوقۇغۇچىلارنى ئىشقار ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرىدىكەن ؛ 2014 - يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە تەدبىر قوللىنىپ ، 2009 - يىلىدىن ئىلگىرى ئوقۇش پۈتكۈزۈپ ئىشقا ئورۇنلىشالمىغان ئالىي مەكتەپ ، ئوتتۇرا تېخنىكومنى پۈتكۈزگەنلەر ۋە 2010 - يىلىدىن 2012 - يىلىغىچە ئوقۇش پۈتكۈزىدىغان 280 مىڭ ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا تىرىشىدىكەن . بۇنىڭ ئىچىدە كارخانىلار 90  مىڭ ئوقۇغۇچىنى قوبۇل قىلىشقا ئىلھاملاندۇرۇلىدىكەن ، ئاممىۋى مۇلازىمەت تارماقلىرىغا 40 مىڭ ، دېھقانچىلىق ، چارۋىچىلىق ئىشلەپچىقىرىشنى باشقۇرۇش ۋە مۇلازىمەت ئورۇنلىرىغا 18 مىڭ ، ئاساسىي قاتلام ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش تۈرلىرىگە 17 مىڭ ئوقۇغۇچى ئورۇنلاشتۇرۇلىدىكەن ، ئورگانلارغا ئىمتىھان ئارقىلىق 10 مىڭ  ، كەسپىي ئورۇنلارغا 49 مىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنىدىكەن ، 31 مىڭ ئوقۇغۇچى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش پىراكتىكىسى قىلدۇرۇلۇپ ، 20 مىڭ ئوقۇغۇچى تۈرلۈك ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش تەييارلىق پائالىيەتلىرىگە قاتناشتۇرۇلىدىكەن . ئۇنىڭدىن باشقا ، 2009 - يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە ئالىي مەكتەپ ، ئوتتۇرا تېخنىكومنى پۈتكۈزۈپ ئىشقا ئورۇنلىشالمىغانلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسى قىلىنىپ ، 2011 - يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە ۋە 2012 - يىلى ماينىڭ ئاخىرىغىچە ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ بولۇش نىشان قىلىنىدىكە
داۋامى بۇ ئۇلانمىدا :
http://bbs.12tagh.com/baghdax/bbs/read.php?tid=3060
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1485
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 87
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە87دانە
ئۆسۈش: 210 %
مۇنبەر پۇلى: 1030 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-03
ئاخىرقى: 2011-01-28

kalduk ibadat uqun,kaytimiz yisap uqun.mihmanbiz budunyada,ulimiz tirilix uqun.
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5388
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 440
ئۇنۋان:دوستانە ھازىرغىچە440دانە
ئۆسۈش: 600 %
مۇنبەر پۇلى: 4850 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-01-01
ئاخىرقى: 2011-10-19
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-01-28 18:44

شېھىتلەر ئۆلمەس..
دەرىجە: چولپان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 481
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 784
ئۇنۋان:قەلىبداش ھازىرغىچە784دانە
ئۆسۈش: 1220 %
مۇنبەر پۇلى: 8636 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-30
ئاخىرقى: 2011-10-18
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-01-28 19:14

ئەمىلىلەسسە ھېساپ.....
ھازىر قۇرۇق شۇئار كۆپ
دوستلىشىش
gaday8076
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 2921
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 11
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە11دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 110 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-10-12
ئاخىرقى: 2011-10-18
4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-01-28 19:38

ھەربىي سەپتىن چىكىنگەنلەرگە قارىتا يېڭى سىياسەت يوقمۇ؟
دوستلىشىش
كۆكئاي
باراۋەرسىزلىك ئىتپاقلىققا ئۆچ.ئىتپاقلىق دۆلەت
دەرىجە: چولپان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 913
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 610
ئۇنۋان:كۆيۈمچان ھازىرغىچە610دانە
ئۆسۈش: 740 %
مۇنبەر پۇلى: 6958 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-08-09
ئاخىرقى: 2011-10-18
5-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-01-28 19:39

ئىشلىتىش
引用第3楼zero903于2011-01-28 19:14发表的 :
ئەمىلىلەسسە ھېساپ.....
ھازىر قۇرۇق شۇئار كۆپ

قۇرۇق شۇئارنىڭ ئاقمايدىغانلىقىنى دۆلەت بىلدى.
dinimizislam.blogbus.com
mp3
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5811
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1059
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1059دانە
ئۆسۈش: 150 %
مۇنبەر پۇلى: 10805 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-01-22
ئاخىرقى: 2011-10-17
6-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-01-28 20:24

ھەقىقەتەن خوشخەۋەر كەن  .يەتكۈزگىنىڭىزگە رەخمەت  .
اللا
دوستلىشىش
samanyoli
ھەربىر قىيىنچىلىقنىڭ  كەينىدە بىر ئاسانچىل ..
دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5487
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 1229
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1229دانە
ئۆسۈش: 5590 %
مۇنبەر پۇلى: 16274 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-01-05
ئاخىرقى: 2011-10-19
7-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-01-28 21:13

ياخشى گەپلەرغۇ جىقكەن .......لېكىنزە .........ھەي بولدىلا .     
ھەر بىر قىيىنچىلىقنىڭ كەينىدە بىر ئاسانچىلىق  بار
ساددىلىقىم گونامو ؟!
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1712
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 127
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە127دانە
ئۆسۈش: 60 %
مۇنبەر پۇلى: 1335 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-09
ئاخىرقى: 2011-10-19
8-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-01-28 21:31

قىنى قاراپ باقىلى   .  بو سىياسە ت قىسمە ن "غوجام"لارغا "بوپ" بىرە مدو تىخى .
ئاسانلاشتۇرۇڭلار ،قىيىنلاشتۇرماڭلار ،خۇش بېشار ..
دەرىجە: رەسمىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 561
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 232
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە232دانە
ئۆسۈش: 50 %
مۇنبەر پۇلى: 2375 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-07-07
ئاخىرقى: 2011-10-19
9-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-01-28 23:52

ئۇيغۇرۇمنىڭ تەلىيى ئۆزىدىن بۇرۇن يۈرۇپ كېتىپ بارامدۇ نېمە ! ياخشى سىياسەتلەر 10دىن 10 دىن كەلگىلى تۇرغان بولسا!
ئاسانلاشتۇرۇڭلار ،قىيىنلاشتۇرماڭلار ،خۇش بېشارەت بېرىڭلار، نەپرەتلەندۈرمەڭلار! <<ھەدىس>>