
كىشىلەرنىڭ باشقا پلانېتا ئادەملىرىنىڭ يەر شارىغا «قەدەم تەشرىپ قىلغان » لىقىنى كىنولاردىن كۆرگىنىگە ئىشىنىشكە تامامەن بولىدۇ، ئەمما نۇرغۇن ئادەمنىڭ نەزىرىدە بۇ بىر فانتازىيە، خالاس، ئەمما ئامېرىكىلىق ئالىملار تەسەۋۋۇر قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: باشقا پلانېتا ئادەملىرى ئېھتىمال باشقا پلانېتلاردا مەۋجۇد بولۇپلا قالماستىن، يەنە يەر شارىدىكى ئۇيغۇر تور بىتى دەپ ئاتالغان كەڭ ساي مۇنبېرىدە بار دەپ جاكارلىدى.
يېنىمىزدىلا بار
ئامېرىكا ئارازونا شتاتلىق ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئالەم ئىلمىي پروفېسسورى پاۋىل دېۋىسىنىڭ قارىشىچە، ئىنساننىڭ يەر شارىدا باشقا پلانېتا ئادەملىرى بىلەن بىللە ياشاۋاتقانلىقىغا ئىشىنىشكە «تولۇق ئاساس»بار ئىكەن. ئۇ ئامېرىكا ئىلگىرىلەش مۇنبىرى چېكاگو يىللىق يىغىنىدا مۇنداق دېدى: يەر شارىدا باشقا پلانېتا جانلىقلىرى بولۇشى مۇمكىن، ئۇلار بەلكىم بەك كىچىك بولۇپ، ۋىرۇسنىڭ 10\0 باراۋەر كېلىدىغانلىقىغا چىن پۈتۈشكە بولىدۇ، ئۇنى كۆز بىلەن كۆرۈش مۇمكىن ئەمەس. خاس ئالاھىدىلىككە ئىگە بىئو - خىمىيىلىك تەركىبلەر ئۇلارغا دەرىجىدىن تاشقىرى ماسلىشىش ئىقتىدارىنى ئاتا قىلغان، شۇڭا ئۇلار زەھەرلىك تەركىبلەر مەۋجۇد كۆللەردە ياشىيالايدۇ، دېڭىزنىڭ ئەڭ چوڭقۇرىدىكى يانار تاغ ئېغىزىنىڭ ئىسسىق يەرلىرىدە كۆپىيەلەيدۇ، يەنە بەزى باشقا پلانېتا جانلىقلىرى ئادەمنىڭ ۋۇجۇدىنى ماكان قىلغان بولۇشى مۇمكىن .
يۇقارقى مەلۇماتلاردىن بىز كەڭ ساي مۇنبىرىدىكى ئەزالار ئىچىدە تاشقى پىلانىت ئادەملىرىنىڭ بارلىغىنى كۆرىۋالالايمىز...
مەن ئۇزاق ۋاقىت ئەزا بولماي كۈزىتىشىم نەتىجىسىدە باشقا پىلانىت ئادىمىدىن بىرقانچىسىغىلا كۆزۈم چۈشتى..ھەمدە ئۇلارنىڭ مۇنبەر باشقۇرغۇچىلار ئارىسىغا ئەپچىللىك بىلەن سوقۇنۇپ كىرىېۋىلىپ يۇشۇرۇنغانلىقىنى بايقىدىم ،بۇنىڭغا مۇنبەر ئەزالىرى سەگەك بولۇشى كېرەك..
مەسىلەن:1-ئورۇندا غەيرەت828 دىگەن باشلىق بولىۋالغان بۇ ئادەم بىزدىن 9مىليۇن يىل يىراقلىقتىكى نوكىيا ناملىق يۇلتۇزنىڭ
كەينىدىن كەلگەن.
قايسى بىر ھەمزە دىگەن قارىمىمىزمۇ شۇ ..ئۇ بەكلا قاملاشتۇرۇپ يۇشۇرۇنغان..ئەسلى ئىسمى:ئەزمەھ ..ئۇنىڭ يۇرتى بىزدىن 3 مىليون يىل يىراقلىقتا،ئۆز يۇرتىدا دىخقان بولۇپ بايلارغا ئىشلىگەن.
يەنە بىرنەچچە قىز سۈپەتكە كىرىۋالغانلاردا گۇمانىم بار:رەيخان.زۇلەيخا....قاتارلىقلار..
ئەسكەرتىش :يەنە قانداق بۇلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان ياكى ئۆزى يالغۇز مۇنبەردە يۇشۇرۇنغان باشقا پىلانىت ئادەملىرى بار بولسا ئۆزىنى ئاشكارىلىشىشنى ئۈمىت قىلىمەن.
ئەگەر ئۆزىنى پاش قىلمىسا مۇنبەرداشلار ئۇلارنى تېپىپ چىقىپ شۇلارغا بولغان كۆز قارىشىمىزنى ئوتتۇرىغا قويسا بولىدۇ.
بۇ تېمىنى مۇنبەردىكى ئادەملەرگە پايدىلىق دەپ يوللىدىم..بولسا باشقا مۇنبەرلىگىمۇ يوللاپ مەنبەسىنى ئەسكەتمەي چاپلىسىىڭىز بولىدۇ...