رەسىم:
ئاپتۇرى: بەتتال
گۇزەللىكتە تەڭداسسىز قىزلار،
پاك ئىمانلىق ئىسلام قىزلىرى.
پارلاپ تۇرسۇن مەڭگۇ ئۆچمىسۇن،
ھەرقەدەمدە باسقان ئىزلىرى.
*** *** ***
سەھەردىكى قىزىل گۇللەردەك،
ئىچىلغاندۇر ئىسلام قىزلىرى.
پاك دىللارغا مەڭگۇ داۋادۇر،
توغرا قىلغان ھەربىر سۆزلىرى.
*** *** ***
چولپان كەبى نۇرچىچىپ تۇرغان،
يۇلتۇزلاردۇر ئىسلام قىزلىرى .
پەرىلەردەك گۇزەل خىسلەتلىك،
مەڭگۇ نۇرلۇق ئايدەك يۇزلىرى.
*** *** ***
ئۇلۇغ كىتاپ قۇرئان كەرىم،
قولۇڭلارغا قۇرئان ئىلىڭلار.
ئاللا رازى بولسۇن سىلەردىن،
ئىسلام يولدا مەڭگۇ مىڭىڭلار.
*** *** ***