ئىشلىتىش
引用第16楼xahruh于2010-07-06 08:31发表的 :
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام .
ئاۋۇ "ئاپىڭز بۇزۇق"دىگەن خەتنى ئېھتىياتسىزلىقتىن خاتا ئۇرۇپ قويدىڭىز دەپ ئويلايمەن !
مومام تۈگەپ كەتكەن ،ئاپام 50-يىللاردا تۇغۇلغان تىپىك ئۇيغۇر ئايالى ،ئەلۋەتتە ئۇيغۇر
ئاياللىرىغا خاس چىرايلىق ياغىلق چىگىدۇ ؟
.......
ياخشى . مۇسلىمە ئانىڭىز ياغلىق چىگىدىكەن؟ اللە رەھمەت قىلسۇن.
نىمىشقا ؟ جاۋاب
چۈنكى ئىسلامدا ئاياللارنىڭ قول بىلەن يۈزىدىن باشقا يەرلىرى ئەۋرەت.ئەتلەس كەيسە بولىدۇ. ئۇنى يېڭى يوق ، يوتىسى چىقىپ قالغان قىلىپ كەيسە بولمايدۇ.كەڭ تاشا باشقىلارنىڭ دىققىتىنى تارتمايدىغان قىلىپ كەيسە بولىدۇ.ئۇنى بەدەنگە چاپلاشتۇرۇپ ، ھەر ئورۇننى مانا مەن دەپ كۆرسىتىپ كىيىشكە بولمايدۇ.
ئۇنداق كەيسە ئاخىرەتتە كىيىم كەيمىگەنلەر قاتارىدىن ھىسابلىنىدۇ.
قۇرئان كەرىم ئەھزاب سۈرىنىڭ 58-ئايىتىدە مۇنداق دەيدۇ:< ئى پەيغەمبەر! ئايالىرىڭغا ،قىزلىرىڭغا ۋەمۆئمىنلەرنىڭ ئاياللىرىغا ئېيتقىنكى، پۈركەنجە بىلەن بەدىنىنى ئورىۋالسۇن،بۇنداق قىلغاندا ئۇلارنىڭ (ھۆر ئاياللار ئىكەنلىكى) ئەڭ ئوڭاي تۇنىلىدۇ-دە، باشقىلار ئۇلارغا چېقىلمايدۇ. اللە (بەندىلەرگە) ناھايىتى مەغفىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مىھرىباندۇر.>
رومال ئارتىش ئاللاھنىڭ مۆمىن ئاياللارنى ھىدايەت قىلغانلىقىنىڭ نامايەندىسىدۇر، ئاياللارنىڭ ئۆز قەدىر قىممىتىنى ساقلاپ قالالايدىغان ئورۇنلۇق ھەرىكىتىدۇر، ئاللاھ ۋەھىي قىلىپ: رومال ئارتقانلىق ئەرلەرنىڭ زۇلۇمىنى قۇبۇل قىلغانلىق ئەمەس، ئاياللارنىڭ ئىززەت ئابرويىنى تۆۋەنلەتكەنلىكمۇ ئەمەس، فېئوداللىق ياكى خۇراپاتلىق تېخىمۇ ئەمەس، بەلكى ئۇ ئاياللارنى دەخىل-تەرۇزگە ئۇچراپ قىلىشىدىن ساقلاپ قېلىشتۇر،- دەپ ئېنىق كۆرسىتىپ ئۆتكەن. بۇنىڭدىن ئاللاھنىڭ نەقەدەر مېھرىبان، شەپقەتلىك ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.
رومال ئارتىش بولسا ئۆزىنىڭ مۇسۇلمان ئايال ئىكەنلىكىنى، ئاللاھنىڭ بىرلىكىگە ۋە بارلىقىغا شەك كەلتۈرمەيدىغانلىقىنى ، ئىسلامنىڭ قانۇن شەرىئەتلىرىگە ۋە ئەخلاق ئۆلچىمىگە رىئايە قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلىشتۇر. بۇ پەقەت بېشىغا ئارتىۋالغان ئاددىي نىپىز رەخت بولۇپلا قالماي، ئۇ بىر ئىتىقاد، ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنىڭ ئىپادىسى بۇلۇپ، قەلىبتىكى مەقسەت- مۇددىئاغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. رومال ئارتىپ سىرتقا چىققاندا مەيلى ئۆگىنىش، خىزمەت، سەيلە-تاماشا قىلغاندا ۋە ياكى بازار ئارىلىغاندا بولسۇن، رومال ھەر ۋاقىت سىزنى سۆز ۋە ھەرىكەتتە ئۆزىڭىزنى تۇتۇۋېلىڭ، باشقىلارغا ئۈلگە بولۇڭ، باشقىلارغا ياخشىلىق قىلىڭ، سۆز - ھەرىكەتتە قائىدە - يوسۇنلۇق، سېخى بولۇڭ، مۇسۇلمان خانىم-قىزلارنىڭ ئوبرازىغا ۋە ئىدىيە-ھەرىكىتىگە ۋەكىللىك قىلىڭ دەپ ئەسكەرتىپ تۇرىدۇ. بېشىغا ئارتىۋېلىنغان بۇ بىر پارچە نىپىز رەختنىڭ مەنىۋى كۈچى ئىنتايىن چوڭقۇر بولۇپ، ئۆز نەزەر دائىرسىنى، ئەدەبسىز گەپ-سۆزىنى ۋە ھەرىكىتىنى چەكلەپ، مەدەنىيەتلىك، ئەدەپلىك مۇنەۋۋەر خانىم- قىزلاردىن قىلىش رولىغا ئىگە. چۈنكى بارلىق ھەرىكەت قەلىبتىكى ئوي پىكىردىن كېلىدۇ.رومال ئارتىپ ئىشىكتىن چىققاندا ياكى ئاممىۋى سورۇندا نامايەن بولغاندا سۆز ھەرىكەتتە ئېھتىيات قىلىپ، باشقىلارغا ئازار بەرمەيدۇ. مەسىلەن، سۆز-ھەرىكەتتە تېتىقسىز، شەخسىيەتچى-راھەتپەرەس، يالغانچىلىق قىلىپ باشقىلارغا زىيان سالىدىغان بولمايدۇ. ئازراقچە چەكتىن چىقىپ كېتىش قىلمىشى بولسا ئۆزىگە تىترەك ئولىشىدۇ، ئالدى بىلەن ئويلايدىغىنى «بۇ ئوبرازىم بۇنداق قىلىشقا ماس كەلمەيدۇ». بەلكىم بەزى ئىشلارنى ئەپلەپ - سەپلەپ ئۆتكۈزۈۋەتكىلى بولىدۇ، باشقىلارنىڭ كۆز ۋە قۇلىقىدىن ساقىت قىلغىلى بولىدۇ، بىراق بۇ دۇنيادا قېچىپ قۇتۇلغان بىلەن، ئۇ ئالەمدە قېچىپ قۇتۇلغىلى بولمايدۇ .بۇ ھېساب -كىتاب ئۇ ئالەمگە بارغاندا بېرىلىدۇ، ئىنساننىڭ ئىرادىسى ئىنتايىن ئاجىز، ئېزىقتۇرۇشلارغا تاقابىل تۇرۇپ بولالمايدۇ. يەنە كېلىپ نۇرغۇنلىغان ئېسىل ئەخلاق پەزىلەتنى دېمەك ئاسان، بىراق قىلماق تەس. رومال ئارتقان ئاياللاردا ئارتۇق بولغىنى ئۆزىگە بولغان نازارەتچىلىكى، ئاڭلىقلىق روھى، بۇ ئىرادىنى مۇستەھكەملەپ، توغرا كەيپىياتىنى ئەۋج ئالدۇرىدۇ. قەددىنى رۇسلاپ جەمئىيەتتىكى ئاياللارغا ئۈلگە بولۇشقا ئۈندەيدۇ. كىشلەر دائىم ياخشىلىق بىلەن يامانلىق ئوتتۇرىسىدا پەقەت قىلدەك پەرقلەر بار،-دېيىشىدۇ. بېشىغا رومال ئارتقاندا، كاللىسىدىكى شۇ بىر خىل قاراش ئاسانلا ياخشىلىققا ئۈندەپ، يامان نىيىتىنى بىخ ھالەتتە يوقۇتۇپ تاشلايدۇ.
ئەسكەرتىش:
سىز ئەقىللىق ئوغۇل. نىمىشقا باشقىلاردىن قۇسۇر تاپىدىغانلىقىڭىزنى چۈشۈنۈپ يېتەلمدىم. بۇلارنى ئوقىسىڭىزلا چۈشۈنۈپ
يېتەلەيسىزغۇ دەيمەن. بۇ ئەرەپ تىلى ئەمەس ، ئۇيغۇرچە ........
مەن بۇزۇق دەپ يازغىنىم يوق.
بۇزۇق ئەمەس كۆزىڭىزنى يوغان ئېچىپ قاراڭ ...
چوڭلارنى ھۆرمەتلەپ بۇزرۇك يەنى بۇزرۇكۋار دېگەن شۇنى چۈشەنمەپسىز.
توۋا دەڭ ...مەن ئۆينىڭ ئەڭ كىچىكى سىڭللىممۇ يوق مېنىڭ سىزگە تۇنىشتۇرىدىغان....
يېشىڭىزنى سوراشتىكى مەقسىدىم ، مېنىڭ 6 ياشقا كىرگەن ئوغلۇمغا ئوخشاشلا سۇئاللارنى سوراپ قويىسىز.
شۇنىڭغا قاراب سىزنىمۇ ئەقلى توشمىغان كىچىك سەبىمىكىن دەپ ئويلاپ قالدىم.
[ aykutتەرىپىدىن2010-07-06 20:39قايتا تەھرىرلەندى ]