باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 861 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: ئىران يادرو پروگراممىسى ۋە تور ئۇرۇشى دەۋىرى
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5854
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 9
ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە9دانە
ئۆسۈش: 30 %
مۇنبەر پۇلى: 110 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-01-24
ئاخىرقى: 2011-07-31
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-01-24 08:04

ئىران يادرو پروگراممىسى ۋە تور ئۇرۇشى دەۋىرى

رەسىم:

 
خەلقىئارا ۋەزىيەتنى ئانچە مۇنچە كۆزىتىپ تۇرىۋاتقانلار بەلكىمئۆتكەن يىلىنىڭ ئوتۇرلىرىدا كەسكىنلەشكەن ئامرىكا،ئىسرائىليە بىلەن ئىران  ئوتۇرسىدىكى يادرو تالاش تارتىشى ھەم ئىراننى بومباردىمان قىلىشقائائىت خەۋەرلەرنىڭ   يىل ئاخىرىغا بارغۇچە تۇيۇقسىز جىمىپ قالغانلىقىنىھىس قىلغان بولىشى مۇمكىن. يەنە خەۋەرگە دىققەت قىلغانلار بەلكىم ئۆتكەن يىلى9-ئايلاردا ئىراىنىڭ يادرو  تەتقىقات بازىلىرىنىڭ Stuxneنامىدىكى ۋىرۇس ھوجۇمىغائۇچرىغانلىق خەۋىرىنىمۇ كۆرگەن بولىشى مومكىن. نىيۇ يورك گىزىتى( The New York Times)  1-ئاينىڭ16-كۈنىدىكى " ئىسرائىليەنىڭ ۋىرۇس سىنىقى ئىراننىڭ يادرو تەرەققىياتىنىئاستىلاتتى" ماۋزۇسىدا خەۋەر بىرىپ ئىسرائىليەنىڭ قانداق قىلىپ بىر قىتىملىقمۇۋاپىقيەتلىك تور ئۇرۇشى ئىلىپ بىرىپ ھوجۇمچى ئايروپىلانلارمۇ ئورۇنداپبولالمايدىغان مەقسەتكە يەتكەنلىكىنى ئىچىپ بەردى.  تۆۋەندىكىسى بۇ خەۋەرنىڭئاساسلىق مەزمۇنى .




 ئىسرائىليە دىمونا يادرو تەتقىقات بازىسى
نېگېۋ چۆلىىگە جايلاشقان ،يۈكسەكقوغدىلدىغان دىمونا بازىسى گەرچە پۇتۇن دۇنيا بىلسىمۇ ئەمما ئىسرائىليە تاھازىرغىچە ئىتراپ قىلمىغان ئىسرائىليىنىڭ يادرو قۇرال تەتقىقاتىنىڭ يۈرىكىھىساپلىندۇ.  بۇ يەردىكى ئاشۇ  زىچ توپلاشقانزاۋۇتلاردا  يادرو سۇيۇقلۇقلىرى ئاتوم بومبسىغائايلاندۇرۇلىدۇ.  (بەلكىم بۇ سۈرەتكە قاراپ ئاددى ھىس قىپ قالغانبولىشىىڭىز مومكىن. ئەمما ئاشكارىلىنىپ كەتكەن سۈرەتلەرگە قارىغاندا بۇ جاينىڭئاستىدا يەنە 5 قەۋەت  تەتقىقات بازىلىرى، يادرو قۇيۇلدۇرۇش ماشىنلىرى،يىڭىچە ئاتوم بومبىسى ياساش زاۋۇتلىرى بار بولۇپ ھەر يىلى ئاز دىگەندە 10 دىنئارتۇق ئاتوم بومبىسى ياساپ چىقالايدىكەن. )
ئۆتكەن ئىككى يىلدا بۇ جاي يەنەبىر ئىنتايىن مەخپى رولنى –ئامرىكا، ئىسرائىليە ھەمكارلىقىدىكى ئىراننىڭ ئاتومبومبىسى تاتقىقاتىغا بۇزغۇنچىلىق قىلدىغان سىناق بازىسىلىق رولىنىمۇ ئۈستىگەئالغان بولۇپ  ئىسرائىليە بۇ جايدا  ئىراننىڭ ناتانىزتەتقىقات بازىسىدىكى ئوران قۇيۇلدۇرۇش ماشىنلىرىغا ئوخىشاش ماشىنلارنى تەقلىدقىلىپ ياسىدى ھەم ھەم ئىراننىڭ 50%گە يىقىن ئوران قۇيۇلدۇرۇش ماشىنسىنى ۋەيرانقىلۋەتكەن    Stuxnقۇرۇتىنى مۇشۇ يەردە لاھىيلەپسىناق قىلدى.
"بۇ قۇرۇتنىىڭ ئۈنۈمىنى كۆرۈشئۈچۈن ئوران قۇيۇلدۇرۇش ماشىنىسىنىمۇ ئوبدان بىلىش كىرەك.  بۇ قۇرتىنىڭشۇنداق ياخشى ئۈنۈم بىرىشىدىكى سەۋەپ ئىسرائىليىلىكلەر  بۇ قۇرۇتنىتەقلىدى ماشىندا سىناق قىلىپ ياساپ چىققان " دەيدۇ ئامرىكىنىڭ بىر يادرومۇتەخخەسىسى.
گەرچە ئامرىكا ھەم ئىسرائىليەئەمەلدارلىرى دىمونادا نىمە ئىشلار بولۇۋاتقانلىقى توغرىسدا  ئاشكاراپىكىر بايان قىلىشنى رەت قىلغان بولسىمۇ ئەمما  ئۇ يەردە ئىلىپبىرىلۋاتقان ئىشلاردىن ھەم ئامرىكىنىڭ مۇناسىۋەتلىك سۆز ھەرىكەتلىرىدىن بۇقۇرۇتنىڭ ئامرىكا ئىسرائىليە ھەمكارلىقىدا ئىرانيادرو  پىروگراممىسىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش مەقسىتىدە لاھىيلەنگەنلىكىنىكۆرۋالغىنى بولىدۇ.
يىقىندا  پىنسىيگەچىققان ئىسرائىليە ئاخبارات ئورگىنى موسادنىڭ باشلىقى مېيىر داگان ھەمئامرىكا  دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى ھىلارى كىلىنتون ئايرىم ئايرىم ھالدائىراننىڭ يادرو  تەرەققىياتىنىڭ بىر قانچە يىلئاستىلتىۋىتىلگەنلىكىنى  جاكارلاشتى.  بۇنىڭغا ھىلارىكىلىنتون ئىرانغا قارتىلغان ئىمبارگونىڭ ئىراننى يادروغا مۇناسىۋەتلىك ئۈسكۈنە ھەمسودىلاردىن چەكلگەنلىكدىن دەپ كۆرسەتتى،لىكىن موسادنىڭ سابىق باشلىقىبولسا ئىراننىڭ تىخنىكلىق قىيىنچىلىقلارغا ئۇچرىغانلىقى شۇڭا 2015-يىلغىچەئاتوم بومبىسى ياساپ چىقالمايدىغانلىقىغا ئىشىندىغانلىقىنى ئىيىتى.  بۇئىسرائىليىنىڭ ئۇزۇندىن بىرى توختىماي دەپ كىلۋاتقان ئىران ئاتوم بومبا ياساشقابىر قەدەم قالدى دىگەن نەزىرىيىسىگە تۇپتىن ئوخشىمايتى.
بۇ ئۆزگىرىشلەرنىڭ ھەقىقىسەۋەپچىسى ،ئىراننىڭ ئاتوم "سائىتى" نى ئاستىلاتقان بىردىنبىر ئامىلدەل Stuxnet قۇرۇتى، يەنى ھازىرغا قەدەر ئەڭ مۇكەممەل بولغان تور قۇرالىئىدى.
ئۆتكەن ئۈچ ئاي ئىچىدە زىيارەتقىلىغان،  بۇ كومپىيۇتىر قۇرۇتىنى  تەكشۈرۈپ يىشىپ كۆرگەنئامرىكا،ياۋروپادىكى كومپىيۇتىر مۇتەخخەسىسلىرى بىردەك بۇ قۇرۇتنىنىڭ 2009 يىللىرىدۇنيادا  دەسلەپ تارقىلىشقا باشلىغاندا تەسەۋۋۇر قىلىشقانلىرىدىنمۇ ئۆتەنا ھايىتى مۇرەككەپ، ھەم  ئىنتايىن ئۇستىلىق بىلەنلاھىيلەنگەنلىكىنى  ئىيتىشتى.
بۇ قۇرۇتتوغرىسىدا نۇرغۇن يىشىلمىگەن تۈگۈنلەر بار بولۇپ  ئەڭ موھىمبولغىنى  بۇ قارىماققا بىر قانچە قىتئەدىكى بىر مۇنچە كىشىلەر ياساپچىققاندەك كۆرۈنگەن بۇ  قۇرۇتنى زادى كىم ياساپ چىقتى؟ دىگەن سۇئالئىدى.  ياخشى يىرى سىىفىر دۇنياسىدىكى "ئاياق ئىزى" بىزنىخىلى پاكىتلار بىلەن تەمىنلەپ بەردى.
2008-يىلنىڭ بىشىدا گىرمانىيەسىىيمېنس  شىركىتى  ئايداخو شىتاتىىغا جايلاشقان ئامرىكىنىڭئەڭ ئالدىنقى قاتاردىكى دۆلەتلىك تەجىربىخانا بىلەن ھەمكارلىشىپ ئۆزىنىڭ پۇتۇندۇنيا مىقياسىدا سىتىلغان ھەم  ئىشلىتىلۋاتقان  سانائەتماشىنلىرىنڭ كومپىيۇتىر ئارقىلىق كونتىرول قىلغۇچلىرىنىڭ ئاجىزلىقلىرىنى تىپىپچىقماقچى بولغان بولۇپ ئامرىكا ئىشپىيونلۇق ئورگانلىرى دەل مۇشۇ ماشىنلارنىڭئىراندىكى ئوران قويۇلدۇرۇش ئورگانلىرىدا ئىشلىتىلۋاتقانلىقىنى ئىنىقلاپ چىققان ئىدى.
سىيمېنىسنىڭ دىيىشچە بۇ ئۇلارنىڭئۆز مەسھۇلاتلىرىنى تور ھوجۇمىدىن قوغداش ئۇچۇن ئىلىپ بارغان دائىملىق بىخەتەرلىكتەكشۈرىشى ئىكەن. بىراق قانداقلا بولمىسۇن بۇ ئامرىكا ئىنىرگىيەمىنىستىرلىكىگە قارايدىغان، ئامرىكىنىڭ يادرو قۇراللىرىغا مەسئۇل   ئايداخودۆلەتلىك تەجىربىخانىسىغا سىيمېنىس سىيستىمىسىدىكى يوشۇرۇن يوچۇقلارنى بايقاپچىقىش ھەم ئۇنى كىيىنكى يىلدىكى  Stuxnet ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان ئىنتاين ياخشى پۇرسەت بىلەن تەمىنلەپبەرگەن.
نۆۋەتتە  بۇقۇرۇتنىڭ  ئىككى ئاساسى قىسىمدىن تۈزۈلگەنلىكى مەلۇم بولغان بولۇپ بىرقىسمى مەخسۇس ئىراننىڭ ئوران قويۇلدۇرغۇچلىرىنى كونترول قىلىش دائىرسىدىن ھلقىپكەتكەن ھالەتتە ئايلاندۇرىدۇ. يەنە بىر قىسمى خۇددى كىنولاردىكى تەسۋىرلەرگەئوخشايدۇ:  بۇ پروگىرامما ئالدى بىلەن يادرو ئەسلىھەلىرى نورمالئىشلەۋاتقان ھالەتنى خاتىرلىۋالىدۇ . ئاندىن بۇ خاتىرىنى خۇددى بانكا بۇلاشجەريانىدىكى ئالدىن ئىلىنغان بىخەتەرلىك لىنتىسىغا ئوخشاش  مەشغۇلالقىلغۇچىغا قويۇپ بىرىدۇ . شۇنىڭ بىلەن ھەممە ماشىنا نورمال ئىشلەۋاتقاندەككۆرۈنگەن ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە  ئوران قويۇلدۇرغۇچى ئاللىقاچان پارچە پارچە بولۇپكىتىۋاتقان بولىدۇ.
 
ئىران ناتانىز يادرو تەتقىقات بازىسى 


خەلقائارا يادرو تەكشۈرۈش ئورگىنىنىڭ دوكىلاتىغائاساسلانغاندا بۇ ھوجۇم تولۇق مۇۋاپىقييەتلىك بولمىغان: ئىراننىڭ بىر قىسىم ئۇسكۈنىلىرى تولۇق ۋەيران بولغان بولسىمۇقالغانلىرى ساق قالغان. شۇنداقلا بۇھوجۇمنىڭ توختىغان توختىىمىغانلىقىمۇ ئىنىق ئەمەس : چۈنكى بۇ پروگىراممىنىتەكشۈرگەن بەزى مۇتەخخەسىسلەرنىڭ قارىشىچە بۇ پروگرامما يەنە باشقا نۇسخىدىكىپروگرامما ھەم ھوجۇملارنىڭ " ئۇرۇقى" نى ئۆز ئىچىگە ئالغان.

Stuxnet نىڭ ھوجۇم قىلىشئۇسۇلى
Stuxnet يادرو ئورگانلىرىغاۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان بارماق دىسكىا ئارقىلىق كىرىدۇ. بۇ بارماق دىسكا ۋىندوۋسسىيىتىمىس ئىشلىتىلگەن كومپىيۇتىرغا كىرگۈزۈلگە ھامان كومپىيۇتىرغا يۇقىدۇ ۋەيوشۇرنىۋالىدۇ. ئەگەر كومپىيۇتىر تورغا ئۇلانسا  بۇ ۋىرۇس يىڭىنۇسخىلارنى چۈشۈرۈپ ئۆزىنى يىڭلايدۇ ۋە ئىنتېرنىت ئارقىىلىق باشقا كومپىيۇتىرلارغا  تارقىلىدۇ  ياكىشۇ كومپىيۇتىردا ئىشلىتىلگەن ھەر قانداق بارماق دىسكىغا يۇقىدۇ.  Stuxnet   كومپىيوتىرلارغاكۆچۈش جەريانىدا 7 قەدەم كونترول سىيستىمى قاچىلانغان كومپىيۇتىرنىئىزدەيدۇ.  ئەگەر  بۇ كومپىيۇترىلار  تورغائۇلانمىغان  بىخەتەر ئورۇنلارغا قويۇلغان بولسا  بارماق دىسكائارقىلىق يۇقۇشى مومكىن.   بۇ كومپىيوتىرلارغا يۇققاندىن كىيىنۋە   بىر قانچە كۈن يوشۇرنۇپ تۇرغاندىكىن كىيىن بۇ قۇرۇت خىزمىتىنىباشلايدۇ. ئوران قويۇلدۇرغۇچلارنىڭ موتۇرىنى تىزلىتىپ ھەم ئاستىلتىپ ئۇلارنى بۇزۇپتاشلاشقا  تىرىشىدۇ.  شۇنداقلا خاتا سىگنال يوللاپ سىيستىمىنىنورمال ئىشلەۋاتقان ھالەتتە كۆرسىتىدۇ.

 ۋىرۇسىنىڭ ھوجۇم قىلىش يولى


" بۇ خۇددى بىر ئويۇنكىتابىغا ئوخشايدۇ، ئۇنى تەپسىلى كۆزەتكەن ھەر قانداق كىشى ئاشۇنىڭغا ئوخشاشپروگراممىدىن بىرنى لاھىيلەپ چىقالايدۇ" دەيدۇ گىرمانىيە ھامبۇرىگدىكىمۇستەقىل كومپىيۇتىر بىخەتەرلىك مۇتەخخەسىسى رالىف لاڭنېر.لاڭنېرئەپەندى بولسا بۇ ھوجۇمنىڭ ئامرىكىمۇ تاقابىل تۇرالمايدىغان يىڭى شەكىلدىكىسانائەت ئۇرۇشىنى قانۇنلاشتۇرۇپ قويىشىدىن ئەندىشە قىلدىغان مۇتەخخەسىسلەرنىڭبىرى.  

گەرچە ئامرىكا ،ئىسرائىليەھۆكۇمەتلىرى بۇ پروگراممىنى ھەم ئۇنى لاھىيەلەش توغرىسىدا بىر ئىغىزمۇ گەپقىلمىغان بولسىمۇ ئەمما ئۇنىڭ ئۈنۈمى ھەققىدە سورالغاندا خۇشاللىقلىرىنىيوشۇرۋالالمىدى.  ئوبامانىڭ زور كۆلەملىك قىرغۇچى قۇراللار سىتراگىيچىسىگەري سامورې  يىقىنقى بىر ئاخبىرات ئىلان قىلىش يىغىندا بۇ توغرىسداسورالغاندا Stuxnet توغرىسدا پىكىر بايان قىلىشتىنئۆزىنى قاچۇرغان بولسىمۇ ئەمما كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ " مەن  ئۇلارنىڭ(ئىراننىڭ) ئوران قويۇلدۇرغۇچىلىرىدىن مەسلە چىىققانلىق خەۋىرىدىن ناھايىتى خۇشالبولدۇم. ئامرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتپاقداشلىرى قولىدىن كىلىدىغان ھەر قانداق ئىشنى قىلىپئۇنى تىخىمۇ مۇرەككەپ قىلىۋاتىمىز" دەپ جاۋاپبەردى.   يىقىنقى كۈنلەردە ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان ئامرىكائەمەلدارلىرى زىيارەت جەريانىدا بۇ قۇرۇتنىڭ ئىرانغا كەلتۈرۈلگەن بۇزغۇنچىلىقنىھەم ئىران يادرو پىروگراممىسىنى ئاستىلتىش دەرجىسى تۆۋەن مۆلچەرلىنىپ قالغان دەپقارايدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈشتى. بۇ بەلكىم ھىلارى كىلىنتوننىڭ يىقىندا ئوتۇراشەرىققە قىلغان سەپىرى جەريانىدا ئامرىكىنىڭ ئوتۇرا شەرىقتىكى ئىتپاقداشلىرىغائىران يادرو پروگراممىسى تەرەققىياتى توغرىسدا  ئاشكارا باھابىرەلىگەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بىرەلىسە كىرەك.





رەئىسجۇمھۇر ئەھمەدنىجاد  ناتانىز يادرو قويۇلدۇرۇش مەزكىزىنى كۆزدىن كەچۈرمەكتە (2008)


Stuxnet ئامرىكا –ئسرائىليە بىرلىشىپ ئىلىپبارغان مەخپى  تەتقىقات بولۇپ بىر قاتار كومپىيۇتىر مۇتەخخەسىسلىرى،يادرو قويۇلدۇرۇش
مۇتەخخەسىسلىرى ھەم سابىقئەمەلدارلار تەرىپىدىن بارلىققا كەلتۈرۈلگەن ھەم بۇ جەرياندا  يەنە بەزىگىرمان ھەم ئەنگىليە ئالىملىرى بىلىپ ياكى بىلمەي بۇتەتقىقاتقا ياردەم قىلغان.
  بۇ تەتقىقاتنىڭ سىياسىمەنبەسى بوش ھاكىميىتىنىڭ ئەڭ ئاخىرىقى ئايلىرىدا ۋۇجۇتقا كەلگەن بولۇپ نىيۇ يوركگىزىتى 2009—ىلى 1-ئايدا بوشنىڭ ئىراننىڭ ئاساسلىق يادرو قويۇلدۇرۇش مەركىزىبولغان ناتانىزغا قارىتا ئىلىكتىر ياكى كومپىيۇتىر سىستىمىسىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشپروگراممىسىنى ماقۇللىغانلىقىنى خەۋەر قىلغان ئىدى. رەئىسجۇمھۇر ئوباما بۇ پىلاننىتەخىتكە ئولتۇرۇشتىن بۇرۇنلا كۆرۈپ چىققان بولۇپ ئۇنى تىزلىتىشكە بۇيرۇق چۈشۈرگەنئىدى. ئىسرائىليىمۇ مۇشۇ بويىچە ئىش تۇتتى. ئىسرائىليە ئۇزۇندىن بىرى ئىراننىڭيادرو تەرەققىياتىنى ئۇرۇش قوزغىماي تۇرۇپ ئاقسىتىشنى ئارزۇ قىلىپ كەلگەن ئىدى،چۈنكى ئىسرائىيە 1981-يىلى ئىراقنىڭ ،2007 سۈرىيەنىڭ يادرو ئەسلىسەلىرىگە ھاۋادىنھوجۇم قىلىپ ئۇرۇش پارتىلشىغا سەۋەپچى بولغىندەك ئىرانغا قارىتىلغان ھاۋاھوجمىنىڭمۇ ئۇرۇشقا ئىلىپ بارىدىغانلىقىنى بىلەتتى.    

ئىككى يىل ئىلگىرى ئىسرائىليەئۇرۇشنى بىردىن بىر ھەل قىلىش ئۇسۇلى دەپ قاراپ سابىق رەئىسجمھۇربوشتىن  يەر ئاستى قورغانلىرىنى پارتىلتالايدىغان بومبىلارنى ھەم باشقاھاۋا ھوجۇمىدا لازىم بولىدۇ دەپ قارىغان ئۈسكۈنىلەرنى سورىغان بولۇپ ئۇلارئاقساراي ئەمەلدارلىرىدا بۇنداق ھاۋا ھوجۇمىنىڭ ئىراننىڭ يادرو پروگراممىسىنى 3يىل ئارقىغا سۆرەيدىغانلىقىنى ئىيىتقان ئىدى.ئەمما ئۇلار ھىچقانداق جاۋاپقائىرىشەلمىگەن. ئەمدىلىكتە بولسا ئىسرائىليە ھىچقانداق ئەمىلى ھوجم قوزغىمايتۇرۇپلا يىتەرلىك ۋاقىتقا ئىرىشتى. ئەلۋەتتە ئوباما ھۆكىمىتىمۇ.  

گۇمانخورلۇقمۇ بەزىدە ياخشى ئىش .
ئىرانغا قىلىنغان ۋىرۇس ھوجۇمىدىنبىر يىل بۇرۇن ۋاشىنگىتون  ئامرىكىدىكى بانكا پۇل مۇئامىلسىدىن تارتىپتوك يەتكۈزۈشكىچە بولغان بارلىق سىستىمىلارنى كونتىرول قىلدىغان مىللىيونلىغانكومپىيۇتىرلارنىڭ يوچۇقلىرىدىن ناھايىتى ئەندىشە قىلغان.    بۇ كونتروللىغۇچى كومپىيۇتىرلار ھەر خىل سانائەتماشىنلىرىنى باشقۇرىدۇ.  2008-يىلنىڭ بىشىغىچە ئامرىكا دولەت ئىچىبىخەتەرلىك  ئىدارىسى ئايداخو دۆلەتلىك تەجىربىخانىسى بىلەن بىرلىشىپكەڭ دائىردە ئىشلىتىلۋاتقان  مەشغۇلات كونترول سىيتىمىسى 7 (P.C.S.-7) نامىدىكىسىيمېنىس  كونتروللوغۇچىنى تەتقىق قىلغان. بۇ سىيستىما ئىشلەتكەن يۇمشاقدىتال ، 7قەدەم (Step 7) ، بارلىق سانائەتتەئىشلىتىدىغان ئۈسكۈنىلەر، سەزگۈچ ھەم ماشنىنلارنى كۆنترول قىلالايدۇ.
بۇ كونترول قىلغۇچىنىڭ تورھوجۇمىغا بولغان ئاجىزلىقى 2008-يىلنىڭ ئوتۇرلىرىدا ئاللىقاچان ئاشكارىلانغانمەخپىيەتلىك بولۇپ قالغان ئىدى. ئايداخو دۆلەتلىكتەجىربىخانىسى  ۋە سىيمېنىس  2008-يىلى 6-ئايدا چىكاگودىكىبىر ئىلمى مۇھاكىمە يىغىندا 62 بەتلىك بىر  PowerPointدوكىلاتىنى كۆرسەتكەن بولۇپئۇنىڭدا ئىنىق قىلىپ "تور ھوجۇمچىلرىنىڭ مەقسىدى بۇ سىيستىمى كونتىرول قىلىشبولىدۇ" دىيىلگەن ھەم  بۇ سىيسىتىمنىڭ  بىر قانچە خىلھوجۇمغا ئۇچراش يوللىرىنى تەپسىلى كۆرسىتىپ بەرگەن ئىدى.

ئۆتكەن ھەپتە ئايداخو دۆلەتلىكتەجىربىخانىسى  بايانات ئىلان قىلىپ ئۆزىنىڭ سىيمىنېس بىلەنھەمكارلاشقانلىقىنى، بىراق ھەمكارلىقنىڭ  مەقسىدى پەقەت كارخانىلارنىڭئۆز مەسھۇلاتىنى تور ھوجۇمىدىن قوغداش ئىكەنلىكىنى،  ئۇ دوكىلاتتا بۇ سىيتىمىنىڭيوچۇقلىرىنى كۆرسەتمىگەنلكىنى جاكارلىدى.بىراق  تەجىربىخانىنىڭ  سىيمېنىس سىيستىمىدىن ئىگەلىگەنئۇچۇرلىرىنى دولەتنىڭ باشقا ئاخبارات تارماقلىرىغا  ئۆتكۈزۈپ بەرگەنبەرمىگەنلىكى توغرىسىدە سۇئالغا  جاۋاپ بەرمىدى. شۇنداقلا سىېمىنىسنىڭئۆز تور بىتىدىكى بۇ سىستىمىغا ئائىت دوكىلاتمۇ يىقىندا غايىىپ بولدى . گەرچە ئۇدوكىلاتتا سىمىنىس سىيتىمىسنىڭ دۇنيانىڭ قايسى جايلىرىدا ئىشلىتىلۋاتقانلىقىنىكۆرستىلمىگەن بولسىمۇ ۋاشىنگىتون ئىراننىڭ ناتانىز بازىسىدا ئىشلىتىلۋاتقانلىقىنىبىلەتتى. ما بۇ ئىراننىڭ ئاجىز نۇقتىسى ئىدى.
[ tepekkurchiتەرىپىدىن2011-01-24 15:55قايتا تەھرىرلە ]
دەرىجە: رەسمىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 2343
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 203
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە203دانە
ئۆسۈش: 30 %
مۇنبەر پۇلى: 2050 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-26
ئاخىرقى: 2011-03-31

چاتاق بوپتۇ
دوستلىشىش
281151976
ئېىسىت بىزدىكى دۆتلۈك
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 2723
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 83
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە83دانە
ئۆسۈش: 110 %
مۇنبەر پۇلى: 950 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-10-07
ئاخىرقى: 2011-10-19
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-01-24 17:58

رەسىم:
قانداق گەپ بۇپ كەتتى بۇ ،
دوستلىشىش
281151976
ئېىسىت بىزدىكى دۆتلۈك
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 2723
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 83
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە83دانە
ئۆسۈش: 110 %
مۇنبەر پۇلى: 950 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-10-07
ئاخىرقى: 2011-10-19
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-01-24 18:00

ئىران مۇشۇ ھالەتتە تۇرۇپ تۇرسا چاۋشىيەننى بىر تەرەپ قىلمىز دەمديا بۇ لا
دەرىجە: چولپان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 4555
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 829
ئۇنۋان:مەشقاۋۇل ھازىرغىچە829دانە
ئۆسۈش: 3300 %
مۇنبەر پۇلى: 10627 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-08
ئاخىرقى: 2011-10-20
4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-01-24 20:02

ئىملانى توغرا يازساڭلىكەنسىلە مۇخپىرلا  يولداشلا ئادەمنىڭ ئىچىنى سىقماي ،قانداق نەرسە كۆرسە ئىملا خاتالىقى بىر پاتمان تۇرغان ،ياكى شۇ جەھەتتە كۇرس ئاچساق بولامۇيا .