توي كۈنى ئاللانىڭ دەرگاھىغا كەتكەن قىز
توي كۈنى قىزنىڭ ھەممە تۇغقانلىرى، گىرىمچىكنىڭ كېلىشىنى كۈتۈپتۇ . گىرىمچىك ئەسىردىن كىيىن كېلىپ قىزنى ياساشقا باشلاپتۇ. ياساپ بولۇشقا ئاز قالغاندا ، شام نامىزىغا ئەزان چىقىپتۇ.
قىز :گىرىمچىككە مەن ناماز ئوقۇۋالاي دەپتۇ.
گىرىمچىك : نامازنى كىيىن ئوقىۋالسىڭىز بولىدۇ، گىرىملەرنى 2سائەتتە ئاران قىلغان، تاھارەت ئالسىڭىز ھەممىسى چىقىپ كىتىدۇ دەپتۇ. لېكىن قىز گېپىدە چىڭ تۇرۇۋاپتۇ. قىزنىڭ بەزى تۇغقانلىرى ، نامازنى كىيىن ئوقىۋالسىڭىز بولىدۇ دەپتۇ بەزىسى ۋاقتىدا ئوقۇۋالغىنى ياخشى دەپتۇ يەنە بەزىسى بۈگۈن يىگىت بىلەن ئۇچرىشىدىغان كۈن شۇڭا گىرىملىرى چىقىپ كەتسە بولمايدۇ دەپتۇ.
قىز : مەن ناماز ئوقۇيمەن گىرىملەر چىقىپ كەتسە مەيلى ، ھاياتىي دۇنيانى دەپ ئاللاغا ئاسىي بولسام بولمايدۇ- دەپتۇ.
گىرىمچىك : ئۇنداق بولسا بىر ئازدىن كىيىن ئوقۇڭ، گىرىم قىلىپ بولۇشقا ئاز قالدى دەپتۇ.شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە نامازغا تەكبىر چىقىپتۇ، قىز گېپىدە چىڭ تۇرۇۋاپتۇ. باشقىلارمۇ ئامال يوق ماقۇل بوپتۇ. قىز نامازنى ئوقۇپ ئوڭ تەرەپكە سالام بېرىپ بولۇپ ، سول تەرەپكە سالام بېرىپ بولۇپلا روھى ئاللا تەرەپكە كۆتۈرلۈپ چىقىپ كېتىپتۇ. شەيتانغا ئاسىي بولۇپ ، رەببىگە بويسۇنغان ھالەتتە ئۆلۈپ كېتىپتۇ. بۇ راست بولغان قىسسە.
ئاخىرىدا ئاللادىن بارلىق گۇناھلىرىمىزنى تىلەيمىز. بۇ نېمىدېگەن ياخشى ئۆلۈم. ئاللادىن ياخشى ئۆلۈمنى بېرىشنى تىلەيمىز. نامازغا سۇسلۇق قىلغان قېرىنداشلىرىم ، شۇ ۋاقىتتا ناماز ئوقۇيالماي كېتىپ قالغان بولساق ئاخىرەتلىكىمىز قانداق بولار ! ئاللا ئۇنداق كۈنلەردىن ساقلىسۇن. نامازنى ۋاقتىدا ئوقۇيلى! ئاللا ھەممىمىزنىڭ كۆڭلىگە ئىنساپ ، دىيانەت ، نامازنى ۋاقتىدا ئادا قىلغۇچىلاردىن قىلسۇن.ئامىن
مەنبە :
http://bbs.12tagh.com/baghdax/bbs/read.php?tid=2920مەسجىدتە جان ئۈزگەن يېڭى مۇسۇلمان
ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان ئىسپان مىللىتىدىن بولغان بىر يىگىت نىيۇيۇرۇك ۋىلايىتى بىرۇكلىن شەھرىدىكى مەلۇم مەسجىددە بامدات نامىزىغا كىرىپ مۇسۇلمان ياشلارنى ئىزدەيدۇ.
-مەن مۇسۇلمان بولماقچى ئىدىم قايسىڭلار ياردەم قىلىسىلەر؟
مەسجىددىكىلەر : سىز كىم؟
يىىگىت: ئۇنى سوراش بىھاجەت. سورىماڭلار.
يىگىت ،يۇيۇنۇپ شاھەدەت كەلمىسىنى ئىيتىپ مۇسۇلمان بولىدۇ.ناماز ئوقۇش قائىدىسىنى ئۈگىنىدۇ. شۇ ۋاقىتتا نامازغا تۇرۇپ خۇشۇئ بىلەن ناماز ئوقۇيدۇ.جامائەتنىڭ ھەممىسى بۇ بالىنىڭ ساداقىتى ۋە ئىخلاسىدىن ھەيران قالىدۇ.
ئىمان ئىيتىپ ئۈچىنجى كۈنى مەسجىدنىڭ دائىملىق جامائىتى بولغان بىر كىشى بۇ يىگىتنىڭ مۇسۇلمان بولۇش سەۋەبىنى سورايدۇ.
سىز نىمە سەۋەبتىن مۇسۇلمان بولدىڭىز؟
يىگىت: مەن ئىخلاسمەن خىرىستىيان مۇردى ئىدىم .ئىيساغا بەكمۇ ئىشىنىپ چوڭقۇر ئىتىقاد قىلاتتىم.لىكىن خىرىستىيانلارنىڭ ئەھۋالىغا نەزەر سالسام، بۇلار ئىيسانىڭ يولىدىن چىقىپ كىتىپتۇ.ئىيسانىڭ تەلىماتى چەتكە قېقىلىپ، ئەخلاقى چىرىكلىشىپ كىتىپتۇ. باشقا دىنلارنى تەتقىق قىلىپ باقتىم.ھەقىقەت ئىزدەپ كۆپ تەپەككۇرلارنى قىلدىم. تۇيۇقسىز ئاللاھ قەلبىمنى ئىسلامغا ئېچىۋەتتى.ئىمان ئىيتىقان كۈنى ئۇخلاشتىن بۇرۇن كۆپ ئويلاندىم . كىچىسى چۈشۈمدە ھەقىقەت ئىزدەپ چۈش كۆرۈپتىمەن،تۇيۇقسىز ئىيسا كىلىپ ،بارمقىنى كۆرستىپ تۇرۇپ بۇ ياققا قارا دىدى، سەن مۇھەممەدنىڭ ئەگەشكۈچىسى بولغىن دەپ چۈشۈم بۇزۇلۇپ كەتتى.ئەتىگىنى ئورنۇمدىن سەھەر تۇرۇپ مەسجىد ئىزدەپ چىقتىم. ئاللاھ دىلىمغا سىېلىپ سىلەرنىڭ بۇ مەسجىدىڭلانى ئۇچراشتۇردى.
بىز سۆھبىتمىزنى داۋاملاشتۇرۋاتساق خۈپتەن نامازغا ئەزان ئىيىتتى. تەكبىر ئىيىتلىپ ھەممىز نامازغا تۇردۇق. ئىمام بىرىنجى رەكئەتنى ئوقۇپ بولۇپ قىيامغا تۇردى. لىكىن ئۇ يىگىت ھىچ ئورنىدىن تۇرمايتى. يىنىدىكىلەر مىدىرلاتسىمۇ يەنە جىم ئىدى.بەكرە مىدىرلاتقىنىدا سەجدىدىكى ھالىتىدىن يىقىلىپ چۈشتى. قارىساق سەجدىدە تۇرۇپ ئاللاھقا جان تەسلىم قىلىپ بوپتىكەن.
تەرجىماندىن.
نىمە دىگەن پاك جان تەسلىم قىلىش ھە!! ئانىدىن تۇغما بولۇش دىگەننى مۇشۇنى دىسەك بولىغىدەك. ئى ئاللاھ بىزنى مۇشۇ ئۆلۈمگە مۇيەسسەر قىلغىن.
مەنبە:
http://bbs.12tagh.com/baghdax/bbs/read.php?tid=2921