باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 3787 قېتىم كۆرۈلدى
«12»Pages: 1/2     Go
تېما: ھاراق بىلەن قىلىنغان ھۇجۇم
ئەپۇچانلىق - ئىنسان تەبئىتىدىكى گۇزەل ئەخلاق.
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1589
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 163
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە163دانە
ئۆسۈش: 1080 %
مۇنبەر پۇلى: 2420 سوم
تۆھپىسى: 2 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-06
ئاخىرقى: 2012-03-22
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-01-23 11:14

ھاراق بىلەن قىلىنغان ھۇجۇم

ئەسكەرتىش: بۇ يازما kangsay تەرىپىدن نادىرلاش بىكارقىلىندى(2011-01-27)

ئامېرىكا ھۆكۈمتى ستراتىگىيە (ھىلە-مىكىر) تەتقىقات ئىشخانىسى 2002-يىلى 1-ئايدا" ئىسلام تېرورىزىمى بىلەن قانداق كۈرەش قىلش كېرەك؟" دىگەن ئالاھىدە تەتقىقات تىمىسىدا ،ئىچكى پايدىلىنىش ماتىريالى سۈپىتىدە بىر مەخپى دوكلات يازغان. بۇ تىما ئون يىللار ئىلگىرى ئامېركا ھۆكۈمىتى تاپشۇرغان ۋەزىپە بولۇپ، سەۋەبى: ئىسلام ئامېرىكا ۋە باشقا نۇرغۇن غەرىپ دۆلەتلىرىدە تېزدىن تەرەققى قىلغان، غەرىپنىڭ نۇرغۇن شەھەرلىرىدە مۇسۇلمانلار كىچىك دۇنياسى بولۇپ شەكىللەنگەن، ئىسلام مەدەنىيىتى كۆپ ساندىكى كۈچلۈك كاپىتالىستىك دۆلەتلەرنىڭ مەركىزىدە بىخ چىقارغان بولۇپ غەرىپ جەمىيىتىگە چوڭ تەھدىت بولۇپ شەكىللەنگەن. بۇ دوكلات 900 بەتچە كېلىدىغان بولۇپ، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىسلامنى چەكلەش سىياسەت ۋە تەجىربىلىرى تارىخىي جەھەتلەردىن تەتقىق قىلغان. ئەڭ ئاخىرىدا ئىسلام تەرەققىياتىغا تاقابىل تۇرۇش "ھەركەت نىزامى"نى كۆرسەتكەن.
يىغىپ ئېيتقاندا بىر جۈملە سۆز بىلەن يىغىنچاقلاپ مۇنداق خۇلاسە چىقارغان: مۇسۇلمانلارنى ھاراق ئىچىشكە ئۈندەش ئارقىلىق ئۇلارنى مۇلايىم مىللەتكە ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ. ئۇ نىزامىدا : مۇسۇلمانلارنىڭ بىرىنى قارلدۇرماي ھاراق ئىچىشكە قىزىقتۇرۇش لازىم ،چۈنكى ھاراق ئىچىدىغان-ئىچمەيدىغانلىقى ئۇنى مۇلايىم مۇسۇلمانغا ئۆزگەرتىشكە بولىدىغان-بولمايدىغانلىقىنىڭ ئۆلچىمىدۇر، دەپ كۆرسەتكەن. دوكلاتتا يەنە، سوغۇق ئۇرۇشلار ئاياقلاشقاندىن كېيىن ئىسلامنى يەر شارىدىن يوق قىلىۋېتىش مۇمكىن بولمايدۇ، ئىسلام دۇنيا زىمىن ئادەم بىر گەۋدە بولۇپ كەتكەن ئېتىقات بولۇپ مۇسۇلمانلارنىڭ دىلىدا مۇقىملاشقان مەدەنىيەت ۋە ئۆرپە ئادەتكە ئايلىنىپ كەتكەن، مىڭ نەچچە يۈز يىللىق سىناقلارنى باشتىن كەچۈرگەن، ھەر قانداق قېيىن شارائىتلاردىمۇ كۈچلۈك ھاياتىي كۈچىنى نامايەن قىلغان، شۇڭا سىرتقى كۈچ بىلەن مەغلۇپ قىلغىلى بولمايدۇ. مۇسۇلمانلارنى ھاراق ئىچىشكە ئىلھاملاندۇرۇش ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ "مەركىزىگە ھۇجۇم قىلىش تاكتىكىسى" دۇر. بۇ ئىسلامنىڭ روھىي قەلئە مۇداپىيسىنى بېسىپ ئۆتۈپ، مۇسۇلمانلارنىڭ ئىرادىسىنى ئاجىزلاشتۇرىدۇ، ئۇلارنى غەرىپنىڭ تۇرمۇش شەكلىگە تەدىرىجى يىتەكلەپ ۋە قىزىقتۇرۇپ، ئاخىرىدا ئۇلارنى غەرىپ مەدىيىتى ئىچىگە كىرگۈزگىلى بولىدۇ.
يېقىنقى زامان تارىختا ، غەرىپ دۆلەتلىرىنىڭ مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن دۆلەتلەرگە ياۋۇزلارچە مۇستەملىكە ھۆكۈمرانلىق قىلىپ،( مەسىلەن، فىرانسىيە شىمالىي ئافرىقىدا، ئەنگىلىيە جەنۇبىي ئاسىيادا، سوۋېت ئىتتىپاقى بولسا ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە شەرقىي ياۋروپادا ) ئۇلار ئىسلامغا ئۆچمەنلىك قىلىدۇ، مۇسۇلمانلارنىڭ دىلىنى چىرىتىپ ئەنئەنىۋى تۇرمۇش شەكلىگە بۇزغۇنچىلىق قىلغان. بۇنىڭ مۇھىم بىر ۋاستىسى ئۇلارنىڭ ھاراق ئىچىش ئەركىنلىكىگە ئىلھام بېرىشتۇر. فىرانسىيە ئالدى بىلەن كۈچلۈك ئەسكىرىي كۈچ بىلەن ئۇلارنى بويسۇندۇرۇپ ، ئاندىن چىرىك تۇرمۇش ئادىتى بىلەن ئۇلارنى مەست قىلغان. فرانسىيە مۇستەملىكە قىلغانلىكى يەردە فرانسىيەنىڭ "ئىلغار مەدەنىيەت"ىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان ھارىقى بار. مەسىلەن، تۇنىس ، ئالجىىريە..... فىرانسىيە ئالجىرىيە دىھقانلىرنى ھاراق ئىشلەپ چىقىرىدىغان ئۈزۈم تىكىشكە مەجبۇر قىلىپ، شەھەرلەردە ھاراق زاۋۇتلىرى قۇرغان، ئالجىرىيەنى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ھاراق دۆلىتىگە ئايلاندۇرغان. سوۋېتت ئىتتىپاقى پارچىلىنىشتىن بۇرۇن، مۇسكۋا ھۆكۈمىتى چار پادىشا دەۋرىدىكى مۇستەملىكە قىلىنغان مۇسۇلمانلاردىن 30 نەچچە "ئاز سانلىق مىللەت"تىن بەش مىليوندىن كۆپرەك ئادەمنى ئۆزىگە قېتىۋالغان. دىنسىزلىقنى دۆلەت دىنى قىلىپ بەلگىلەپ ، ئىسلامنى ئەكسىيەتچىل ئېتىقاد دەپ جاكارلىغان. سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى بارلىق دۆلەت كادىرلىرى ۋە ھۆكۈمەت خىزمەتچىلىرىنىڭ ھاراق ئىچىشىنى يېڭى بىر خىزمەت ئۇسۇلىغا ئايلاندۇرغان، مۇسۇلمان پارتىيە ئەزالىرىنىڭ باشلامچىلىق بىلەن ھاراق ئىچىشىنى مەجبۇرلىغان. ھەر خىل يىغىن ۋە كۈتىۋېلىشلار ھاراقسىز بولمايدىغان بولغان، سوۋېتنىڭ كۆپ ساندىكى خەلقارالىق ۋە دۆلەت ئىچىدىكى يىغىنلىرى قاتناشقۇچىلارنىڭ مەست بولۇشى بىلەن ئاياقلىشىدىغان بولغان. سوۋېتنىڭ ۋوتكا ھارىقى ياۋروپا دۆلەتلىرگە چەكلىمە قويۇلغان ئاساستا چىقىرىلسا، ئوتتورا ئاسىيا مۇسۇلمان رايونلىرىغا بولسا ئۆرپە ئادەتىنى ئۆزگەرتىشكە ياردەم بېرىشنىڭ ئېھتىياجى بىلەن، ئېتىۋار باھادا چىقارغان.چۈنكى بۇ ئىسلامنى يوقۇتۇشتىن ئىبارەت سىياسى ۋەزىپە ئىدى. دۇنيا ئىسلام يىغىنى تەشكىلاتىنىڭ ياۋروپادىكى بىردىن بىر مۇسۇلمان دۆلىتى ئالبانىيە ئىدى. چۈنكى ئۇ دۆلەتنىڭ 75% ئاھالىسى مۇسۇلمان. ئالبانىيەگە 2-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە فاشىستلار ھۆكۈمرانلىق قىلغان ئىدى. 1944-يىلى 11-ئاينىڭ29-كۈنى سوۋېت قىزىل ئارمىيەسى تەرىپىدىن "ئازات" قىلىنغان ئىدى، 1945-يىلى سوۋېتنىڭ ياردىمىدە كومپارتىيە قۇرۇپ، پارتىيە نىزامىدا : كەگۈسىدىكى ئالبانىيە چوقۇم ھەممە جەھەتتە سوۋېتتىن ئۈگىنىدىغان دىنسىز دۆلەت بولۇشى كېرەك، ئىسلام قانۇنسىز ئېتىقاد چوقۇم يوقۇلىشى كېرەك دەپ بېكىتكەن.
ئامېرىكا سىتراتىگىيە ئىشخانىسىنىڭ مەخپى دوكلادىنى ئېلان قىلغانلىق خەۋىرى ئاشكارا بولۇپ قالغاندىن كېيىن، ھەر قايسى ئەللەرنىڭ ئىنكاسى ئوخشاش بولمىغان. ئامېركىلىق سىياسىون دەنىر.شىكاسنىڭ بىر ماقالىسىدە ئۇ مۇنداق دىگەن: بۇ دوكلات ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ مۇسۇلمانلارغا قارىتا ياخشى مۇسۇلمان ياكى ئەسكى مۇسۇلمانلىقىنى بىلىشىگە ياردەم قىلىدۇ. "ياخشى مۇسۇلمان" ھاراق رومكىسىنى كۆتۈرۈشنى خالايدۇ ئەمما قۇرئانغا ئانچە ئەمەل قىلىپ كەتمەيدۇ. غەرىپكە دوستانە، مۇلايىم ئىشەنچىلىك مۇامىلە قىلىدۇ؛ "ئەسكى مۇسۇلمان' بولسا غەرپنى ئۆچ كۆرىدۇ، ئوتتۇرا ئەسىردىكى ئىسلامىي ئىدىيىسىدە چىڭ تۇرىدۇ، ئۇلار تېرورىزمنىڭ تەبى ئەزاسى، غەرىپ جەمىيىتىنىڭ ئەڭ چوڭ تەھدىتى. ئۇنىڭ ماقالىسىدا: "مۇسۇلماننىڭ ھاراق ئىچىش -ئىچمەسلىكى ئۇنىڭ غەرپ مەدەنىيتىگە تۇتقان پوزىتسىيەسىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ. ھاراق ئىچىشكە قۇشۇلمىغان مۇسۇلمان تەبى ھالدا غەرىپ جەمىيىتىنى ئۆچ كۆرىدۇ. بۇنداق ئادەملەرنىڭ غەرىپتە تۇرمۇش كەچۈرۈش سالاھىيتى يوق، غەرىپنىڭ پارانۋانلىقى ۋە ئەركىنلىكلىرىدىن بەھرىمەن بولۇش سالاھىيىتى يوق، ئۇلارغا يا مەجبۇرى ھاراق ئىچكۈزۈش غەرىپ بىلەن بىردەك قىلىۋېتىش كېرەك ، ياكى بولمىسا ئۇلارنى كونا جايىغا تاغلىق تۇرمۇشىنى ياكى چارۋىچىلىق تۇرمۇشىنى كۆچۈرۈشكە ھەيدىۋېتىش كېرەك. بىرىنچى قەدەمدە ئۇلارنى ھاراق ئىچىدىغان قىلىش ،ىككىنچى قەدەمدە چوشقا گۆشى قاتارلىق نەرسىلەرنى يەيدىغان قىلىش ،بۇ ئۇلارنىڭ غەرىپ تۇرمۇشىغا تەل-تۆكۈس باش ئېگىش پوزىتسىيەسىنى ، مۇسۇلمانلارنى ئۆزگەرتىش ۋەزىپىسىنى ئادا قىلغانلىقنى كۆرسىتىدۇ. ھاراق ئىچىشنى خالايدىغان مۇسۇلمان غەرىپ جەمىيىتىگە مۇلايىم ۋە دوستانە بولغانلىقىنىڭ بىرىنچى بەلگىسى". بۇ مەخپىي دوكلات 11-سىنتەبىردىن كېيىن چىققان بولۇپ، ئامېرىكىنىڭ سىياسىتىگە ئۇيغۇن كەلگەن، دوكلاتنىڭ ھەركەت نىزامىغا ئاساسەن سىرتقى سىياسەتلەردە ئەمىلىلەشتۈرۈشكە باشلىغان. ھەم بۇ "تەتقىقات نەتىجىسى"نى ئامېركا ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن تەڭ بەھرىمەن بولغان. ياپۇنىيە، گىرمانىيە، فرانسىيە ۋە ھىندىستان ئىلگىرى كېيىن بولۇپ تەشۋىقات ۋاستىلىرىدا "ئىلمىي ئۇچۇر" شەكلى بىلەن تارقىتىشنى قارشى ئالغان. ئۇلار: بۇ ئۇسۇل ۋە بەلگە مۇسۇلمانلارنىڭ " خەلق ئارا جەمىيەت"كە قوشۇلۇشىغا ياردىمى بولىدۇ، تېرورىزمنى يوقۇتۇشنىڭ ھالقىلىق تەدبىرىكەن دىگەن. ئامېركا بىلەن ئەڭ قويۇق مۇناسىۋەتتە بولغان ئىككى مۇسۇلمان دۆلىتى بۇنىڭغا ناھايىتى ئاكتىپ ئاۋاز قوشقان، ئۇلار تېرورىزىمغا قارشى سىتراتىگىيىسى ئورۇنلاشتۇرغۇچى ئاۋانگارلار: تۈركىيە بىلەن پاكىستان.
ئۇنىڭدىن كېيىن تۈركىيە ھۆكۈمىتى ھاراق چەكلەشتىن توختىغان، خەلق ئارىسىدا ھاراق بولۇشىغا ئىلھام بەرگەن، غەرىپكە تەل-تۆكۈس ئېغىپ ئىسلام ئەنئەنىۋى مەدىنىيىتىدىن ۋاز كەچمەكچى بولغان. ئەمەلىيەت ئۇلارنىڭ كۆڭلىدىكىدەك ئوڭۇشلۇق بولمىغان. 2001-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنى يىغىنغا قاتناشقان پارلامېنت ئەزالىرىغا بىر بوتۇلكىدىن ۋىسكىي ھارىقى سوغات قىلغاندا ئۇلارنىڭ كۆپچىلىكى ھاراقنى تەرەتخانىغا تۆكۈۋەتكەن، ياكى يىغىن زالىدىكى ئەخلەت چىلىكىگە تاشلىۋەتكەن. بۇ خەۋەر 2002- يىلنىڭ يېڭى يىللىق خەۋىرىدە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ئۇلار ئىچىدىكى ئىسمىنى ئاشكارىلىمىغان بىر ئەزاسى ئىچكى ئەھۋالدىن خەۋەردار ئىدى: ئۇنىڭ دىيشىچە، ئامېرىكا مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسى يېڭى يىل كىرىشتىن بۇرۇن تۇركىيە ھۆكۈمىتىگە ئامارىكا ھۆكۈمىتىنىڭ مەخپىي ئۇقتۇرۇشىنى يەتكۈزۈپ، تۇركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېركىغا ماسلىشىپ تېرورچىلىققا قارشى تۇرۇشنى تەلەپ قىلغان، ئۇختۇرۇشتا دىيىلىشىچە، تېرورلۇققا قارشى تۇرۇشنىڭ ستراتىگىيىلىك تەدبىرلىرىنىڭ بىرى_- مۇسۇلمانلارنى ھاراققا تەكلىپ قىلىش بولۇپ، تۇركىيە ھۆۈمىتىنىڭ ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇشىنى، مۇلايىم مۇسۇلمانلارنىڭ "يېڭى مەدەنىتىنى"نى بەرپا قىلىشنى تەلەپ قىلغان. تۇركىيەنىڭ ئۇقتۇرش تاپشۇرۋېلىشى مەخپىي دوكلاتنىڭ ئېلان قىلىنىشىدىن بىر نەچچە كۈن بۇرۇن ئىدى، ھەم ئامېرىكا دىپلىمات يولى بىلەن كىرگەن بولۇپ، تۇركلىيەنىڭ ھاراق ئارقىلىق مۇسۇلمانلارنى ئۆزگەرتىشنى يېڭى ستارتىگىيەسىگە كىرگۈزۈشنى قاتتىق تەلەپ قىلغان. ئېھتىمال پاكىستانمۇ ئوخشاش ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۋالغان بولىشى مۇمكىن، چۈنكى 2002-يىلىدىن باشلاپ پاكىستان ھۆكۈمىتى مىڭ پەرچە مەيخانا ئىجەزاتنامىسىنى تارقىتىپ پاكىستاندىكى بىرىنچى تۈركۈمدىكى ھاراق ئىچىملىكلىرىنى ئاشكارا ساتىدىغان قانۇنلۇق ئورۇنلارغا ئايلانغان. ھۆجقىتىدە دىيىلىشىچە، بۇ پاكىستان جەمىيىتىنى ئېچىپ، خەلقارا بىلەن بىر لىنىيىدە ئېتىقاد ئەركىنلىكى ۋە دىموكراتىك سىياسىتىنى ئەمىلىلەشتۇرۇشمىش. مۇشەرەك زووتۇڭ سۆز قىلىپ مۇنداق دىگەن: مەيخانا ئېھىش ۋە پاكىستان مۇسۇنلمانلىرىنى ھاراق ئىچىشكە نەسىھەت قىلىش تالىبانلار بىلەن چەك-چىگرىنى ئايرىشنىڭ سىياسى تەدبىرى، پاكىستانلىقلار بۇندىن كېيىن غەرىپلىككە كۆپرەك دوستانە مۇئامىلە قىلىشى پاكىستاننىڭ خەلقارا ئورنىنى كۆتۈرۈش كېرەك. ئۇ مۇنداق دىگەن: "بەزىلەر ھاراق سالامەتلىككە زىيانلىق دەيدىكەن. مېنىڭ ھېس قىلىشىمچە بۇنداق دىيىش توغرا ئەمەس، خاتا چۈشىنىش". ئۇ قەسەم قىلىپ مۇمداق دىگەن: پاكىستاننىڭ زامانىۋىلىشىش سۈرئىتىنى تېزلىتىش ئۈچۈن، ھاراقنى چەكلەيدىغان مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسىنى دەرسلىك كىتاپلارنىڭ تەركىۋىدىن تەل-تۆكۈس چىقىرىپ، پاكىستان ئىسلام دۇنياسىدا قالاق ئۆرپە-ئادەتنى تۈگىتىشتە ئۈلگە بولۇشى كېرەك . 2004-يىلى، ئامېركا ھۆكۈمىتى "ئوتتۇرا شەرىقنى ئۆزگەرتىش" پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ، بارلىق ئىسلام دۇنياسىدا غەرىپچە زامانىۋى دىموكراتىيە ۋە ئەركىنلىكنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى پىلان قىلغان. بۇنىڭدا مۇسۇلمانلارنىڭ ئېتىقادى ۋە تۇرمۇش شەكلىنى ئۆكزگەرتىش مۇھىم مەزمۇنلارنىڭ بىرىدۇر.
ھاراقنى باشلىۋالغاندىن كېيىن باشقا چىرىك تۇرمۇش شەكىللىرىنىڭ ھەممىسى قانۇنلۇق بولىدۇ، مەسىلەن، قىمارخانا ئېچىش، پاھىشەخانا ئېچىش،جىنسى ئەركىنلىكنى يولغا قويۇش.....
مانا بۇ ئۇلارنىڭ ئىسلامنى ئاجىزلاشتۇرۇپ ئۆلۈك ھالغا كەلتۈرۈشتە قوللانغان ھېلىسى. ھەم خېلى ئۈنۈمگە ئېرىشكەنلىكى بىلىنىدۇ.
ئۇيغۇر "مۇسۇلمانلار" ، يەنە ھاراق ئىچىۋېرەمسىلەر؟
يۇقۇرىدىكىسى خەلقارا چوڭ مۇھىتىدا بولىۋاتقان كۈرەشلەر. ئۇيغۇرلارمۇ مۇشۇ يەر يۈزىدىكى مۇشۇ زامان ئىنسانلىرىنىڭ بىر توپى، ھەم مۇتلەق كۆپ ساندىكىلىرى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان خەلق. بۇلارمۇ مۇشۇ چوڭ مۇھىتتا نەپەس ئېلىۋاتقان خەلق. ھەم ھاراقنىڭ زىيىنى شەخستىن تارتىپ، ئائىلىگىچە ، پۈتۈن ئۇيغۇر جەمىيتىگىچە تەسىرى چوڭ بولغان خەلق. ئېتىقاد كۈچى ئاجىز بولغان كىشىلەرنىڭ ھاراقتىن قول ئۈزۈشى ئىنتايىن قېيىن.
ھاراقنىڭ ئۇيغۇرلارغا كەلتۈرىۋاتقان زىيانلىرىنى ئەستايىدىل ئانالىز قىلىپ كۆرۈپ بېقىڭلار. مەيلى مۇسۇلمانلىق توپى ئۈچۈن بولسۇن، مەيلى مىللەت توپى ئۈچۈن بولسۇن ئۆزىڭىزدىن باشلاپ تۈزىتىشنى ئەڭ مۇھىم دەپ قاراڭ. ھاراق ئىچىش ئادەت ۋە ئەنئەنىگە ئايلىنىپ داۋام قىلىۋەرسە، قالاق ئىللەتلەرنىڭ زىيىنىغا دەسسەپ، مەڭگۈ مەست بولۇپ يېتىشتىن باشقا ئامال يوق. ئۆزىڭىزنى باشقىلار سەرەپ ماڭىدىغان ئاتقا ئوخشاتماڭ، بەلكى ھارۋىنى ئالدىغا تارتىدىغان ئاساسلىق ئاتلاردەك، ئۆزىڭىزگە ۋە ئائىلىڭىزگە ۋە پۈتۈن جەمىيەتكە مەسئۇل بولىدىغان مەسئۇلىيەتچان كىشى بولۇشنى ئۆزىڭىزدىن تەلەپ قىلىڭ. "ئامال يوق" دىگەن گەپنى ھەرگىز دىگۈچى بولماڭ.

مەنبە : http://bbs.12tagh.com/baghdax/bbs/read.php?tid=2986
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5811
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1557
ئۇنۋان:سۆيۈملۈك ھازىرغىچە1557دانە
ئۆسۈش: 180 %
مۇنبەر پۇلى: 16345 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-01-22
ئاخىرقى: 2012-03-29

ئاللاھ،ئۆزپاناھىداساقلسۇن..
اللا
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 2038
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 156
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە156دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 1655 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-18
ئاخىرقى: 2012-01-05
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-01-23 12:26

بەزى تويلاردا ھاراقسىز توي قىزىماسمىش.توۋا موشۇ ئومۇرىدە بىر كىلدىغان بىر مەرىككەغىمۇ ھارام ئارلاشتۇرۇشقا قانداق كوڭلى باردىغاندۇ...مەنغۇ تىخى توي قىلمىدىم.ئاللا ئىگەم ھەممىمىزنىڭ كوڭلىگە ئىنساپ ئاتا قىلسۇن..!

ھاراق ئىچمەڭلار.~!
قەيسەر يۈرەك
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5709
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 125
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە125دانە
ئۆسۈش: 230 %
مۇنبەر پۇلى: 1472 سوم
تۆھپىسى: 5 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-01-18
ئاخىرقى: 2011-04-18
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-01-23 12:37

ئاللاھۇتائالا شۇنىڭ ئۈچۈن 1400يىل ئىلگىرىلا بىز ئىنسانلارنى شۇ ئىشەك سۈيدىگىدىن يىراق تۇرشىمىزنى بۇيرىغان  !!!  
ھاراق ئىچىدىغان نوچىلار ، ئويلىنۇپ بىقىڭلار يۇقارقى ماقالىنى !!!!    
ئىتقاد جاندىنمۇ مۇھىم !!!
................
دەرىجە: چولپان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 2196
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 721
ئۇنۋان:قەلىبداش ھازىرغىچە721دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 7694 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-22
ئاخىرقى: 2012-03-21
4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-01-23 15:34

ھازىرقى جىدەل-ماجرا ،قاتىللىققا ئايىت جىنايى دىلولارنى 90% تىن يۇقۇرى ھاراق بىلەن
مۇناسىۋەتلىككەن....
يۈسۈپ خاس ھاجىپ ؛«ئاقىل مەي ئىچسە بولىدۇ قارا،نادان مەي ئىچسە بولىدۇ بالا»دەپ
يازغان ،دىمەك ئومۇمى ئەھۋالىمىزدىن قارىغاندا ساپا بىرقەدەر تۆۋەنرەك...ھاراق ئىچىۋاتقانلاردا تېخىمۇ شۇنداق...بۇنداق ئەھۋالدا ھاراق بىلەن ھەپىلىشىش خەتەرلىك..
خۇددى تەلۋىنىڭ مەست بولىشىدەك ئەھۋال كۆرۈلىدۇ...
ئۆتمۈشى ئادىللىق نۇرىدا يورۇتۇلمىغان مىللەتنىڭ ،كەلگۈسىمۇ
غۇۋا (گۇڭگا) بولىدۇ ....
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 198
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 5
ئومۇمىي يازما: 352
ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە352دانە
ئۆسۈش: 2544 %
مۇنبەر پۇلى: 5778 سوم
تۆھپىسى: 41 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-07
ئاخىرقى: 2012-03-29
5-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-01-23 20:17

جەمىيەت تېنىچلىقىنىمۇ مۇشۇ ھاراق بۇزىۋاتىدۇ ..دۆلەت سىياسەت چىقىرىپ ھاراق چەكلەش
تەدبىرلىرىنى چىقارسا بولاتتى ..باشقا ھەرقانداق دۆلەتتە بار بۇنداق قانون لېكىن جوڭگودىلا
يوق ..بۇ نىمە ئۈچۈن ؟
kalduk ibadat uqun,kaytimiz yisap uqun.mihmanbiz budunyada,ulimiz tirilix uqun.
دەرىجە: چولپان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5388
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 852
ئۇنۋان:مەشقاۋۇل ھازىرغىچە852دانە
ئۆسۈش: 2070 %
مۇنبەر پۇلى: 10055 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-01-01
ئاخىرقى: 2012-03-29
6-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-01-23 20:51

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام؛[گۈناھلارنىڭ ئانىسى]دىگەن.
ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ خۇتپا ئوقىۋىتىپ؛ھاراقتىن قاتتىق ساقلىنىڭلار،ئۇ نىجىزلارنىڭ ئانىسىدۇر،
بىزدىن ئىلگىرى ئۆتكەن قەۋملەردىن بىرسى نامازغا چىقمايتى،ئۇنى بىر پائشە ئايال ئازدۇرماقچى بولۇپ،ئۇنى ئۈيىگە ئەكەلدۈرۈپ ئۇنىڭغا تەھدىت سېلىپ؛ئۈچ تۈرلۈك ئىشنىڭ بىرسىنى قىلىسەن [بولمىسا سولىنىسەن]دەپ تەھدىت سالدى،
[يەنى ئۇ ئۈچ تۈرلۈك ئىش بولسا؛1-ئايالنىڭ تەلىپىنى قاندۇرۇش2-ھاراق ئىچىش3-كىچىك بالىنى ئۆلتۈرۈش ئىدى].
شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئادەم ئويلىشىپ؛ئايال بىلەن بىللە بولۇشقا كوڭلى تارتمىدى،كىچىك بالىنى ئۆلتۈرۈشكە تېخى قولى بارمىدى،
شۇنداق قىلىپ ئۇ كوزىدىكى ھاراقنى ئىچىپلا بولدى قىلمامدىم دەپ[ئۇنىڭغا سەل قارىدى]دە ھاراقنى ئىچىپ راسا مەس بولۇپ
بالىنىمۇ ئۆلتۇردى،ئايال بىلەنمۇ بىرگە بولدى،شۇنىڭ بىلەن ئدەملەر بۇ  ۋەھشى پاجەنى ئۇقۇپ ھاكىمغا خەۋەر قىلىپ،ئۇنى زىندانغا تاشلىدى دىدى.
.
دوستلىشىش
samanyoli
شۇنداق بىر كۈنلەر كېلىدۇكى،،،،،،،،،،،،،،
دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5487
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 1658
ئۇنۋان:سۆيۈملۈك ھازىرغىچە1658دانە
ئۆسۈش: 7940 %
مۇنبەر پۇلى: 22707 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 30 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-01-05
ئاخىرقى: 2012-03-28
7-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-01-23 21:08

كافىرلار پۈتۈن  كۈچى  بىلەن ئاللاھنىڭ  نۇرىنى ئۆچۈرمەكچى بولىشىدۇ .لېكىن ئۇلار ھامان مەغلۇپ بولىدۇ .مۇقەرەر ......     
................
دەرىجە: چولپان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 2196
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 721
ئۇنۋان:قەلىبداش ھازىرغىچە721دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 7694 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-22
ئاخىرقى: 2012-03-21
8-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-01-23 21:38

مەيخورلۇقنىڭ ھازىرقى ئۇيغۇر جەمىيىتىدە خۇددى راك ھۈجەيرىسىدەك يامراپ كېتىشىدە
ساۋەپلەر نۇرغۇن،،،،،،،،
ئىسلاھاتتىن كېيىن،قۇلاق تۈۋىمىزدە غەرىپتىن كەلگەن ئەركىنلىك سادالىرى جاراڭلاپ تۇرسا،
شەرىقتىن كېلىۋاتقان مەي سىمفونىيىلىرى..،،،بۇ ئۈمۈتسىز، ئىلاجىسىز قېلىۋاتقان رىئاللىغىمىزنىڭ
ئارامىنى بۇزدى....
ئۆتمۈشى ئادىللىق نۇرىدا يورۇتۇلمىغان مىللەتنىڭ ،كەلگۈسىمۇ
غۇۋا (گۇڭگا) بولىدۇ ....
دوستلىشىش
xapkat0999
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5100
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 170
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە170دانە
ئۆسۈش: 20 %
مۇنبەر پۇلى: 1877 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-22
ئاخىرقى: 2012-03-28
9-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-01-23 22:16

مىنڭ  تاغاممۇ  مۇشۇ نىجىس  ھاراقنى  ئىچىپ  ئۈلىپ  كەتتى.