باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 923 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: تىك ئۇچار ئايرۇپىلانلاردىكى ئەڭ ..
دوستلىشىش
gayrat828
قوللىرىنى شىلتىپ، بولۇپمۇ بىگىز بارمىقىنى تەڭلە ..
دەرىجە: كۇلۇب باشلىقى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 2
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 8
ئومۇمىي يازما: 387
ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە387دانە
ئۆسۈش: 10650 %
مۇنبەر پۇلى: 11210 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-01-18
ئاخىرقى: 2011-10-20
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-01-22 19:11

تىك ئۇچار ئايرۇپىلانلاردىكى ئەڭ ..




ئەڭ دەسلەپكى تىك ئۇچار ئايروپىلان_ fw_61
دۇنيادىكى تۇنجى تىك ئۇچار ئايرۇپىلان 1937-يىلى ياسالغان بولوپ بۇ تىك ئۇچار ئايرۇپىلانلارنى گىرمانىيىلىك ئالىم فۇرىك ۋولىف لاھىيەلىگەن ، بۇ تىك ئۇچار ئايرۇپىلان ‹‹ fw_61دەپ ئاتالغان . بۇ ۋېرتىكال ھالەتتىكى قوش پېرقىرما قاناتلىق تىك ئۇچار ئايروپىلان بولوپ ، يەنى دۇنيادىكى ھاۋا بوشلىقىدا رەسمىي ئايلىنالايدىغان تۇنجى تىك ئۇچار ئايرۇپىلان ئىدى . بۇ تىك ئۇچار ئايرۇپىلان ئادەتتىكى ئايرۇپىلانلارنىڭ ئايرۇپىلان گەۋدىسى بىلەن رولىدىن پايدىلىنىپ ئىشلەنگەن بولوپ ، ئالدىغا بىر دانە ماتور سەپلەنگەن ، بۇ تىك ئۇۋار ئايرۇپىلاننىڭ شەكلى ناھايىتى غەلىتە .
.........



ئەڭ بۇرۇن ھەربىي ئىشلارغا ئشلىتىلگەن تىك ئۇچار ئايرۇپىلان _<>
دۇنيادىكى تۇنجى قوللىنىشچان تىك ئۇچار ئايرۇپىلان ،1939-يىلى 14-مىزاندا ئامېىركىدا ياسالغان بولوپ ، بىر يىلدىن كېيىن ئامېركا ئارمىيەسىگە سەپلەپ بېرىلگەن . شۇڭا<> نام بېرىلگەن ، بۇ تىك ئۇچار ئايرۇپىلان دۇنيادىكى ئەڭ بۇرۇن ھەربىي ئىشلارغا ئىشىتىلگەن تىك ئۇچار ئايروپىلان ھېسابلىنىدۇ . بۇ ئايرۇپىلانغا بىر ئۇچقۇچى بىلەن بىر كۈزەتكۈچىلا ئولتۇرالايدۇ .
..............


ئەڭ دەسلەپكى مەخسۇس قوراللىق تىك ئۇچار ئايرۇپىلان _كۆزئەينەكلىك يىلان .
دۇنيادىكى تۇنجى مەخسۇس قوراللىق تىك ئۇچار ئايرۇپىلان ئامېرىكىنىڭ ‹‹AH-1G›› تىپلىق تىك ئۇچار ئايرۇپىلانى بولوپ ، ئۇنىڭغا ‹‹كۆزەينەكلىك يىلان ›› دەپ نام بېرىلگەن ، بۇ تىك ئۇچار ئايرۇپىلان 1967-يىلى ئىيۇندا ئارمىيەگە سەپلەنگەن ،ھەم شۇ يىلى كۈزدە ۋىيتنام ئۇرۇش مەيدانىدا ئىشلىتىلگەن .‹‹كۆز ئەينەكلىك ››نىڭ ئۇچۇش بۆلىمىسى بىلەن تىك ئۇچار ئايرۇپىلاننىڭ مۇھىم قىسىملىرىغا مۇداپىئەلىنىش بىرۇنىسى ئورنىتىلغان . ‹‹كۆزەينەكىلىك يىلان ›› دۇنيادىكى ئەڭ كۆپ ئۇرۇشقا قاتناشقان تىك ئۇچار ئايرۇپىلان بولىدۇ . تۇنجى ‹‹كۆزەينەكلىك يىلان ›› دىن تا ھازىرغىچە بولغان 40 نەچچە يىلدا ،‹‹كۆزەينەكلىك يىلان ›› ۋىيتنام ئۇرۇشى ، ئىران-ئىراق ئۇرۇشى ، پارىس قولتۇقى ئۇرۇشىغا قاتناشقان .
.............


ئەڭ كىچىك تىك ئۇچار ئايرۇپىلان -‹‹قارا ھەرە ››
دۇنيادىكى ئەڭ كىچىك تىك ئۇچار ئايرۇپىلان 2006-يىلى نورۋىگىيەدە تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقىلغان <>تىپلىق ‹-‹‹قارا ھەرە ››بولوپ ، بۇ تىك ئۇچار ئايرۇپىلاننىڭ چڭ-كىچىكلىكى تاماكا قۇتىسىچىلىك كىلىدۇ .
...........


ئەڭ چوڭ تىك ئۇچار ئايرۇپىلان -<>
نۆۋەتتە دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ تىك ئۇچار ئايرۇپىلان رۇسىيەنىڭ <>تىپلىق تىك ئۇچار ئايرۇپىلانى بولوپ ، ئۇنىڭغا ‹‹نۇر ھالقىسى ›› دەپ نام بېرىلگەن بولوپ ، بۇ تىك ئۇچار ئايرۇپىلاننىڭ پىرقىرما قانىتىنىڭ دىيامىتىرى 32 مىتىر ، ئۇزۇنلىقى 33.727مىتىر بولوپ ئەڭ چوڭ ئېغىرلىق كۆتۈرۈش مىقدارى 25 توننا ، بۇ تىك ئۇچار ئايرۇپىلانغا تانكا ، جەڭ ئاپتوموبىلى ، زەمبىرەك قاتارلىق ئېغىر تىپتىكى ئۇرۇش قوراللىرىنى قاچىلغىلى يەنە يۈزدىن ئارتۇق ئەسكەرنى توشىغىلى بولىدۇ
.
............


ئەڭ تېز ئۇچىدىغان تىك ئۇچار ئايرۇپىلان -<>
نۆۋەتتە ، ھەر قايسى دۆلەتلەردە ئىشىلتىلىۋاتقان تىك ئۇچار ئايرۇپىلاننىڭ ئەڭ يۇقۇرى سائەتلىك سۈرئىتى 250 كىلومىتىردىن 350 كىلومىتىرغىچە بولغان دائېرىدە ؛ بىراق <>تىپلىق تىك ئۇچار ئايرۇپىلاننىڭ سائەتلىك تېزلىكى 463 كىلومىتىر بولوپ ، ئامېرىكىدا ھازىر ھەربىي خىزمەت ئۆتەۋاتقان ‹‹قارا بۈركۈت ›› ناملىق تىك ئۇچار ئايرۇپىلاننىڭ ئۇچۇش تېزلىكىنىڭ ئىككى ھەسسىسگە ،‹‹ئاپاچ›› ناملىق تىك ئۇچار ئايرۇپىلاننىڭ 1.5 ھەسسىسىگە تەڭ كىلىدۇ .
............


ئەڭ يىراق ئۇچالايدىغان تىك ئۇچار ئايرۇپىلان - ‹‹چىنۇك››

<> تىپلىق تىك ئۇچار ئايرۇپىلان بوئىن شىركىتىنىڭ ئامېىركا قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى ئۈچۈن تەتقىق قىلىپ ياسىغان قوش پىرقىرما قاناتلىق گورزىنتال ھالەتتىكى ھاۋا چەكلىمىسىگە ئۇچرمايدىغان ئوتتۇرا تىپلىق تىرانسىپورىت تىك ئۇچار ئايرۇپىلانى بولوپ ، بۇنىڭغا ‹‹چىنۇك›› دەپ نام بېرىلگەن . ئۇنىڭ ئەڭ يىراق ئۇچۇش ئارلىقى 2059 كىلومېتىر بولوپ ، نۆۋەتتىكى ئۇچۇش ئارلىقى ئەڭ يىراق بولغان تىك ئۇچار ئايرۇپىلان ھېسابلىنىدۇ .
.........


ئەڭ ئېگىز ئۇچىدىغان تىك ئۇچار ئايرۇپىلان - ‹‹ئامېرىكا رولى ››
ئەڭ ئېگىز ئۇچىدىغان تىك ئۇچار ئايروپىلان فىرانسىيە ئالەم قاتنىشى شىركىتى ئىشلەپ چىقارغان <<315bsa>>تىپلىق ‹‹ئامېرىكا رولى ›› دەپ نام بېرىلگەن تىك ئۇچار ئايرۇپىلان بولوپ ،1972-يىلى12مىڭ 422 مېتىر ئېگىزلىكتە ئۇچۇپ ، تكى ئۇچار ئايرۇپىلاننىڭ ئەڭ يۇقۇرى ئۇچۇش ئېگىزلىكى دۇنيا رېكورتىنى ياراتقان . نۆۋەتتە ، 400 دىن ئارتۇق ‹‹ئامېرىكا رولى ›› دۇنيادىكى 30 دىن ئارتۇق دۆلەتكە سېتىلىپ بولغان .
كەڭ ساي تورى ...‹‹ئۈ ك گ ››
ئۆلۈم،ئۇ ئىشنىڭ باشلىنىشى!
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 909
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 339
ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە339دانە
ئۆسۈش: 590 %
مۇنبەر پۇلى: 3935 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-08-09
ئاخىرقى: 2011-02-18

  بۇنىڭ ئىچىدە‹ئاپاچ› يوققۇ؟  قوش قاناتلىق تىك ئۇچار ئايرۇپىلانلىرنىڭ ئىچىدە شۇ تۇنجىسى بولغىيتتى؟؟؟
كۆزلىرىمدە تىترەپ تۇرار بىر لەھزە ياش
ئول سەۋەبكى بەكمۇ خۇنۈك ئاجىز قۇياش
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5484
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 133
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە133دانە
ئۆسۈش: 2130 %
مۇنبەر پۇلى: 2790 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-01-05
ئاخىرقى: 2011-10-05
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-01-22 20:12

‹ئاپاچ› نىڭ قۇرۇلمىسى  بەكمۇ ئۆزگىچە.ئۇ باشقا تىك ئۇچارلارغا قارىغاندە لايىھەلىنىشى
خىلىلا ئالدىدا