بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھغا خاستۇر.
شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئىبنى ئۇسەيمىين رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: بۇ ئاياللارنىڭ مەھرەمسىز ھەج قىلىشى بۇ ھەدىسكە ئاساسەن توغرا ئەمەس، ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ خۇتبە سۆزلەپ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان: «ئايال كىشىنىڭ مەھرەمسىز سەپەر قىلىشى توغرا ئەمەس، دېگەندە. بىر كىشى: يا رەسۇلۇللاھ! مەن جىھادقا چىقىشقا تىزىملاتقانىدىم، ئايالىم ھەجگە بارماقچى ئىدى؟ دەيدۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇ كىشىگە: سەن ئايالىڭ بىلەن ھەجگە بىرگە بارغىن دەيدۇ». بۇخارىي(3006)ۋە مۇسلىم(1341).
ئايال كىشىنىڭ مەھرەمسىز سەپەر قىلىشى توغرا ئەمەس، مەھرەم دېگەن: نەسەب ياكى باشقا سەۋەبلەردىن ئۇ ئايال بىلەن توي قىلىشى مەڭگۈلۈك چەكلەنگەن كىشىدۇر، مەھرەم بولغۇچىنىڭ بالاغەتكە يەتكەن، ئەقلى-ھوشى جايىدا بولىشى شەرت قىلىنىدۇ، كىچىك بالا ۋە ئەقلى-ھوشى جايىدا بولمىغان كىشىلەر مەھرەم بولالمايدۇ. بۇنىڭدىكى ھېكمەت قىز-خانىملارنىڭ يۈز-ئابرۇيى ۋە شەرىپىنى قوغداش، ئاللاھتىن قورقمايدىغان ھاياسىزلارنىڭ ناچار قىلىقلىرىغا يول قويماسلىقتىن ئىبارەتتۇر.
قىز-خانىملارنىڭ يالغۇز سەپەر قىلىشى ياكى ئاياللار بىلەن بىرگە سەپەر قىلىشىنىڭ ھېچ پەرقى يوق، ھەتتا ئۆزىنىڭ ئائىلىسىدىكى ئاياللار بىلەن بىرگە ئەڭ خاتىرجەم شارائىتتا بولسىمۇ مەھرەمسىز سەپەر قىلىشى توغرا ئەمەس. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئايالى ھەجگە بارماقچى بولغان كىشىدىن: ئايالىڭ يالغۇز بارامدۇ ياكى ئاياللار بىلەن بىرگە بارامدۇ دەپ سورىمىدى.