ئىمانىم ئۆيدە قاپتۇ - [بىز ۋە ئىسلام]
مانا پايتەختىتىن ئايرىلىشىمغىمۇ ئازغىنە كەم ئىككى ئايدىن كۆپرەك ۋاقىت قاپتۇ، شۇڭا ئوقۇش جەريانىدا ئۇيان بۇيانلارنى ئايلىنىشقا ۋاقىت چىقمىغاچ ھەم ئۆزۈممۇ ئانچە قىزىقمىغاچ ھەممە ئادەم تەلپۈنىدىغان ئىچكىرنىڭ مەركىزى شەھىرىدە تۇرۇپ ئەسنادى بىرەر باغچىسىغىمۇ بىرىپ باقمىغىنىمنى ئويلىسام ئۆزۈمچە كۈلگۈم كىلىدۇ. رامىزاننىڭ ئوتتۇرلىرىدا قىرىنداشلارنى يوقىلىغاچ تىيەنجىنگە چىققاندىن باشقا بىرەر شەھەرلەرگىمۇ بىرىپ باقماپتىمەن.
مانا قىرىنداشلارنى يوقلاشنىڭ باھانىسىدە خېبىينىڭ ساڭجۇۋ شەھىر ۋە مېڭ سۈن خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيسنى ئايلىنىش پۈرستى كىلىپ قالدى. ئادەتتە ئۆزۈم يالغۇز، پارتىزانچە ھەركەت قىلىپ كۆنۈپ قالغاچقىمۇ تاڭ، بۇ قىتىممۇ ئۆزۈم يالغۇزلا يولغا چىقتىم. ئاتا - بوۋىلىرىمىز ئېيتقان << شەھەر كۆرگەن ئېتتىن قورۇق>> ، بۇ ھىكمەتلىك سۆزگە ھەقىقەتەن ئاز بولمىغان ھىكمەتلەر جەمئىي قىلغانلىقىنى پەقەت باشقا يۇرتلارنى كىزىپ باققان، ئۆزى ۋە ئۆزگىلەر ھەققىدە ئويلىنىپ باققانلار تېخىمۇ چوڭقۇر ھىسقىلسا كىرەك. شۇڭا قۇرئاندا ئازبولمىغان جايلاردا ئۇلار سەيرى قىلمامدۇ ؟ كەلىمىسنىڭ تەكرارلىنىشى ھەم ئاللاھنىڭ نۇرغۇن ھىكمەتلىرى بىزگە شۇنى ھىس قىلدۇرىدۇ.
چوشقا گۆشى يىمىسىلا مۇسۇلمان بولىدۇ
چوشقا گۆشى ئاللاھ قاتتىق لەۋزىدە ئىلىپ چەكلىگەن، ھارام قىلىغان يىمەكلىكلەردىن بولۇپ، بىر مۇسۇلمان ئاللاھ ھارام قىلىغان ھاراق، تاماكا، چوشقا كۆشى، ناخشا - ئۇسۇل ( بولۇپمۇ ھازىر بىزنىڭ دىيارىمىزدا كەڭ تارقىلىۋاتقان ئاتالمىش مەدەنىيەتكە ۋاكىللىق قىلىۋاتقان ئاشۇ ناخشا ئۇسۇللار، مەشرەپلەر تېخىمۇ شۇنداق. ئەگەر بۇ پىكرىمگە قارشى چىققۇچىلار بولسا
www.islamhouse.com www.islam-qa.com تورىغا كىرىپ music دىگەن ئاچقۇچىلۇق سۆز ئارقىلىق ئىزلەپ باقسىڭىز بۇ ھەقتە جاۋابقا ئىرىشەلەيسىز ) قاتارلىقلار نەرسىلەر ئۈستىدە ئۈستىدە چىقارغان ھۆكۈمگە قەتئىي بوي سۇنىشى كىرەك. جۇڭگۇدىكى غەيرى مۇسۇلمانلارنىڭ كۆپ قىسىملىرى مۇسۇلمانلار نىمە ئۈچۈن چوشقا كۆشى يىمەيدىغانلىقى ھەققدە، چۈنكى مۇسۇلمانلار چوشقىنى ئولۇغلايدۇ، شۇڭا چوشقا گۆشى يىمەيدۇ دىگەن قاراشقا ئىگە. مەن شۇنداق بىرگەپلەرنى ئاڭلىغان ئىدىم 90 - يىللاردا شاڭخەيدە بىر گىزتنىڭ باش تەھرىرى بىنگالغا چىققان ھەمدە ئۇيەردىكى كىشىلەرنىڭ كالىنى بەك ھۆرمەتلەيدىغانلىقىنى، شۇڭا كالا گۆشى يىمەيدىغانلىقىنى كۆرۈپ قايتىپ كەلگەندىن كىيىن گىزىتتا مۇسۇلمانلار نىمە ئۈچۈن چوشقا گۆشى يىمەيدۇ؟ سەرلەۋھىلىك بىر ماقالە يىزىپ ، چۈنكى مۇسۇلمانلار چوشقىنى ھۆرمەتلىگەچكە چوشقا گۆشى يىمەيدۇ دەپ يەكۈن چىقارغان .شۇ ۋاقىتتا شاڭخەيدىكى خۇيزۇ مۇسۇلمانلار گىزىخانا ئالدىغان توپلىشىپ نارازىلىق بىلدۈرگەندىن كىيىن ئەتىكى سانىدا مۇسۇلمانلاردىن ئەپۇ سورىغان. بۇ ۋەقە راسىت ياكى يالغان بولسۇن، جۇڭگۇدىكى بەزى غەيرى مۇسۇلمانلار ھەقىقەتەن شۇنداق قارايدۇ. مەن ئوقۇشقا كەلگەن دەسلەپكى ۋاقىتلاردا بىر ئىچكى مۇڭغۇللۇق ساۋاقدىشىم مەندىن سەنمۇ ئوغۇرلۇقچە يەۋىلامسەن ؟ دەپ سورىدى. مەن ئۇنىڭ نىمە دەۋاتقانلىقىنى ئاڭقىرالماي نىمىنى دەۋاتىسەن دىسەم، چوشقا گۆشىنى دەۋاتىمەن دىگەن ئىدى. مىنىڭ قاتتىق ئاچچىقىم كەلگەن بولسىمۇ، لىكىن ئۇنىڭغا ئاچچىقلانماستىن نىمىگە ئۇنداق دەيسەن دىسەم مىنىڭ بىر قىسىم خۇيزۇ ساۋاقداشلىرىم بولىدىغان، ئۇلار ئاتا - ئانىسىغا بىلدۈرمەستىن چوشقا گۆشى يەيتى دەپ سۆزلەپ بەردى. مەن شۇندىلا ئۇنىڭ نىمە ئۈچۈن ئۇنداق دەپ سورىغانلىقىنى، نىمە ئۈچۈن غەيرى مۇسۇلمانلارنىڭ چوشقا گۆشى يىمىسىلا ھەممى مۇسۇلمان دەپ قارىالغانلىقىنى بىر ئاز ھىسقىلغان ئىدىم. بۇ قىتىم بۇ سەپەر جەريانىدا مىڭسۈن ناھىيسىنىڭ بىر قىسىم يىزا قىشلاقلىرىنى ئايلانغاندىن كىيىن بۇ نوقتىنى تېخىمۇ چۈشەندىم. مانا مەن بۇ يەردە ھەقىقەتەن مۇسۇلمانلىقنى چوشقا گۆشى يىمىسەلىك، بالىسىغا كىتابى ئىسىم (经名) قويۇش، ئۆلۈپ قالغاندا مىيىتنى كۆيدۈرمەستىن نامىزنى ئوقۇپ يەرلىكىدە قويۇش دەپ چۈشۈنۈپ قالغان بىر تۈركۈم مۇسۇلمانلارنى( مۇسۇلمان دىگەندىن كۆرە ئۇلارنىڭ كىملىكىدىكى مىللەت تەۋەلىكى بويچە خۇيزۇلاردىسەم توغرا بولار) كۆردۈم. ئۇلار مانا مۇشۇ ئۈچ تەرەپتە باشقا غەيرى مۇسۇلمانلاردىن پەرىقلىنەتتى، بولمىسا ئۇلاردىن قانداق پەرىق بارلىقىنى شۇيەردە تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان، كىيىن ئىسلامنى چۈشۈنۈپ قۇبۇل قىلغان مۇسۇلمانلارمۇ ئېيتىپ بىرەلمەتتى. سىز يىزى يوللىرىدا ماڭغىنىڭىزدا يولنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى يوغان ، يوغان دەرۋازىنىڭ بىشىغا يوغان قىلىپ يىزىپ قويۇلغان <لائىلاھە ئىللەللاھ ، مۇھەممەدۇن رەسۇلىللاھ> ياكى < بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم > دىگەندەك خەتلەرنى كۆرۈپ بەلكىم ئۇلارنى ھەقىقەتەن ئىمانلىق كىشىلەركەن دەپ قىلىشىڭىز مومكىن، لىكىن بۇلار ئۇلارنىڭ باشقىلاردىن ئۆزىنى پەرىقلەندۇرۈش ئۈچۈن چىقىرىپ قويۇلغان بەلگىسى بولۇپ، بۇ ئۆينىڭ خۇيزۇنىڭ ئۆيى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدىكەن. ئۇلار يىزىقلىق تۇرغان ئۇ خەتلەرنىڭ مەنىسنىڭ نىمە ئىكەنلىكىنىمۇ بىلمەيدىغانلىقى ئىنىق ئەلۋەتتە. ھەتتا مەسجىدلەردە ئەتتىگەن كەچتە كانايدا ئەزان ئېيتلغاندا بىزنى ئوخلىغىلى قويماي، ئۇيقىمىزنى بۈزىۋەتتى دەپ كانايدا ئەزان توۋىلاشنى توسقانلىقىنى ئاڭلىغىنىمدا يۇقارقى يەكۈنلىرىمنىڭ ھەقىقەتەن توغرىلىقىغا ھۆكۈم قىلىدىم. دىيارلىرىمىزدىمۇ يىزىلاردا ئوخشاشلا قوناق، پاختا، بوغدايلار تىرىدۇ، بۇ يەردىكى يىزىلاردىمۇ ئوخشاشلا شۇلارنى تېرىدۇ. ئۇخشىمايدىغان يىرى بىزنىڭ يىزىلىرىمىزدىكى كىشىلەر كانايدا ئەزەن توۋىلاشنى شۈنچە ئارزۇ قىلىدۇ - يۇ لىكىن ئۇ مومكىن بولمايۋاتىدۇ. لىكىن بۇ يەردىكى دىھقانلارغا بولسا كاناي ئارقىلىق ئەزەننى ئاڭلاش پۇرستى بار - يۇ، لىكىن ئۇلار ئۆزلىرى ئەزان ئوقۇشىنى توسىدۇ. بىر قىرىندىشىمىزنىڭ ئېيتىپ بىرىشچە مەن مىڭسۈندىن بارغان يىزىغىچە ئولتۇرغان ماشىنىدا بىرمۇ خەنزۇ يوقكەن، ئۇلارنىڭ ھەممىسى خۇيزۇ بولۇپ ئۆزلىرىنى مۇسۇلمان دەيدىكەن، دىمىسىمۇ ماشىنىڭ ئالدىدا نۇرمۇر تاختىسى چاپلاغلىق بولسا، ئىچىدىكى ئەينەككە سىرتقا قارىتىپ نۇمۇر تاختىسىدىكى چوڭلۇقتىكى << ئىمان كەلىمىسى>> يىزىلغان تاختا يۆلەپ قۇيۇلغانتى. مانا بۇ ئۇلارنىڭ مۇسۇلمانلىقىنىڭ بەلگىسى ئىدى. ئەگەر بۇ كارتىنىلارنى ئۆزكۈزۈم بىلەن كۆرمەي باشقا بىرى ماڭا سۆزلەپ بەرگەن بولسا مەن قەتئىي ئىشەنمەستىم. لىكىن بۇلار ھەقىقەتەن رىئالنى ئىشلار ئىدى.
مەن تۈنجى ئۇچراتقان چۈمبەللىك خۇيزۇ قىزى
ئاللاھقا ھەمدۇلار بولسۇنكى بۇ قىتىملىق سەپىرىم مىنى تۈنجى قىتىم چۈمبەللىك خۇيزۇ قىزىنى بىلەن ئۇچۇرشۇشقا نىسىپ ئەتتى. مەن ئۇنىڭ بىلەن پەقەت ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ۋەئەلەيكۇممۇسسالام دىگەندىن سالام كەلىمسى دىن باشقا پاراڭ سىلىشمىغان بولساممۇ مەندە ئۇنىڭغا نىبەتەن بىر خىل ھۆرمەت تۇيغۇسى پەيدا قىلدى. ئۇنىڭ ئىسلامغا كىرىش ھىكايىسىنى ئاڭلىغاندىن كىيىن ئۇنىڭغا بولغان ھۆرمىتىم تېخىمۇ ئاشتى دىسەم خاتالالشمايمەن. ئىگىز بوي، ئورۇق كەلگەن بۇ چۈمبەللىك قىرىندىشىمىز بۇنىڭدىن ئۈچ يىللار ئىلگىرى ئىسلامغا كىرگەن بولۇپ، ئۇنىڭ ئەسلى يۇرتى شەرىقى شىمال . يەنە بىر قىرىندىشىمىزنىڭ ھىكايە قىلىپ بىرىشچە ئۇ ئىسلامغا كىرىشتىن ئىلگىرى تولۇق ئوتتۇرنى پۈتتۈرگەن، ناھىيسىدە مەلۇم بىر ئىدارىدە خىزمەت قىلىۋاتقان قىز بولۇپ، كۈندىزى خىزمەت قىلسا كەچتە ئۇنىڭ دوسلىرى بىلەن (غەيرى مۇسۇلمان) كۆڭۈل ئىچىش سورۇنلىرىدا ئۇچىدىغان، ھاراق تاماكا دىگەننى قولدىن بەرمەيدىغان ھازىرقى كىشىلەرنىڭ گىپى بىلەن ئېيتقاندا زامانغا لايىق قىز بولۇپ ئۆزىنىڭ خۇيزۇلىقدىن باشقا ھىچنىمىدىن خەۋەرسىز ئىكەن. بەلكىم ئۇنىڭ ئاتا - ئانىسى ئۈگەتمەپتىكەنمۇ دىيىشىڭلار مومكىن، ئۇنىڭ ئاتا - ئانىسى ئەسلا بىلمىسىە باللىرىغا نىمىنى ئۈگۈتىدۇ؟ . ئۇنىڭ كۈنلىرى ئەنە ئاشۇنداق ئۆتىۋاتقان كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇنىڭ كاللىسىدا بىر سۇئال پەيدا بولۇپ قاپتۇ. ھەي مەن نىمە ئۈچۈن مۇشۇنداق ياشايمەن؟ مىنىڭ بۇ ئۇيۇن تاماشلىرىم نىمە ئۈچۈن ؟ مىنىڭ ھاياتىمچۇ؟
ئاللاھ خالىغان بەندىسىنى ھىدايەت قىلىدۇ. ئەلۋەتتە ئاللاھمۇ ھىدايەت تىپىشنى خالايدىغان كىشىلەرنى ھىدايەت قىلىشنى خالىسا كىرەك. مانا ئۇ قىزدا پەيدا بولغان بۇ بىرقانچە سۇئال ئۇنى ئىزدەندۇرۇپتۇ، ئۇ تور ئارقىلىق خۇيزۇلارغا، شۇنداق ئىسلامغا ئائىت ماتىرياللارىنى كۆرۈپتۇ، شۇندىلا خۇيزۇنىڭ قانداق بولۇشى كىرەكلىكى، مۇسۇلمانىنىڭ قانداق بولۇشى كىرەكلىكى ھەققىدە بىر ئاز چۈشەنچىلەرگە ئىگە بوپتۇ. ھەمدە تور ئارقىلىق بىر قۇرئان ۋە ياغلىق كەلتۈرۈپتۇ. ئۇ ئۈگەنگەنسىرى چۈشۈنۈپتۇ، بىلەنسىرى ئازابلىنىپتۇ، ئۇ قۇرئاننى ئۈگۈنۈش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ پەقەت بىر مۇسۇلمانلىق ھالاتتە ياشىشى كىرەكلىنى چۈشۈنۈپتۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۆزدىكى تاماكا چىكىش، ھاراق ئىچىش قاتارلىق ئىللەتلەرنى تۈگۈتۈش بىلەن بىرگە ناماز ئوقۇشقا، ۋە ئىسلامنىڭ قائىدە تۈزۈملىرنى ئۆزلىرىدە ئۆزلەشتۈرۈشكە ئۆتۈپتۇ. ئەمدىلىكتە ئۇ ئۆزىنىڭ بەدىنىنىڭ ئىگىز پەسلىرنى تولۇق بىلدۈرۈپ تۇرىدىغان ئاشۇ كىيىملەردىن خۇشلۇشۇپ ھەققى ئىسلامى كىيىنىشكە بەلباغلاپتۇ. كىيىم تىكىش دۇكىنىغا بىرىپ ئۆزى توردا كۆرىۋالغىنى بويچە ئىسلام ئۆلچىمىگە چۈشىدىغان كىيىم بۇيرۇتۇپ تىككۈزۈپتۇ. ئۇ قىرىندىشىمىز ئۇقىزنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى تەسىراتىنى تەسىۋىرلەپ شۇنداق دەيدۇ. مەن ئۇكىيىمنى كەيدىم ئەزەلدىن بۇنداق كىيىم كىيىپ باقمىغان ، زىلۋا بويغا ياراشقان ئاتالمىش مەدەننىيەتلىك كىشىلەرنىڭ ئۆلچىمى بويچە كىيىم كىيىپ كۆنۈپ قالغان، قىسقا يوپكا ياكى پادىچىلار ئىشتىنى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ لاتاپىتىنى نامايەن قىلىپ كۆنۈپ قالغان بۇقىزغا خالتىدەك بۇ كىيىمنى كىيىش ھەقىقەتەن ئىغىر كەپتۇ. ئۇ كىيىپ ئەينەككە قاراپ بىقىپتۇ، قارىسا بىر قىسمىلا، بۇرۇنقى باشقىلارنى لال قىلىدىغان بەدەن قۇرلىشىدىن ھىچقانداق ئەسەر قالمىغانتى. شەيتان ئۇنى تىرىلدۇرۇپتۇ، ھەي بولدى قىل ئۆزىڭنى قىناپ نىمە قىلىسەن، قارا ناھىيەڭدە سەندىن باشقا يەنە كىم شۇنداق كىيىنىدۇ. شۇنچە ياراشقان كىيىمنى بۇ خالتىغا ئالماشتۇرۇپ نىمە قىلىسەن؟ ئۇ كىيىمنى سىلىپ تاشلاپ ئاۋۋالقى كىيىمىنى كىيىپتۇ، ئاندىن ئەينەككە يەنە قاراپتۇ. ئاللاھ بىزنى بەدەنلىرىمىزنى ئوراشقا بۇيرىغان تۇرسا، ياق ئۇنداق قىلسام بولمايدۇ! ماڭا پەقەت ئاللاھنىڭ رازىلىقى كىرەك ، ئەگەر مۇشۇ خالتىغا ئوخشاش كىيىمنى كىيىش ئارقىلىق ئاللاھنىڭ رازىلىقىغا ئىرشەلەيدىغان بولسام بۇ ئەرزىدۇ. ئۇ ئاۋۋالقى كىيىمىنى سىلپ تاشلاپ يەنە ئۇنىىڭ نەزىرىدە خالتىدەك بىلىنگەن ئۇكىيىمىنى كىيىپتۇ. ئاندىن ئىھ ئاللاھ ماڭا قەتئىي ئىرادە ئاتا قىلغىن دەپ ئاللاھتىن ياردەم تىلەپ بوسوغىدىن ئاتلاپ ئىدارىسىگە قاراپ يول ئاپتۇ. مەيلى كوچىدا بولسۇن، ياكى ئىدەرىسىدە بولسۇن ھەممىنىڭ كۆزى ئۇنىڭغا تىكىلىپتۇ. چۈنكى بۇنىڭدىن ئىلگىرى ناھىيە تەۋەسىدە بۇنداق كىيىنگەن بىرەر ئىنسان بولۇپ باققان ئەمەسكەن. كۈنلەر شۇنداق ئۇتۈپتۇ، ئىدارە ئۇنىڭغا سوغۇق بىلىنىپتۇ، ئۇنىڭ ئاللاھقا بولغان مۇھەببىتى ئۇنى تۈختاۋسىز ئۈگۈنۈشكە ئۈندەپتۇ. ئۇ ئۈگەنگەنسى ئۆزىنىڭ نەقەدەر بىلىمسىزلىكىنى ھىسقىلىپ ئازابلىنىشقا باشلاپتۇ. ھەمدە ئۆتكەن ھاياتنىڭ پەقەت ئىلىمسىزلىك سەۋەبىدىن شۇنداق ئۆتۈپكەتكەنلىكىنى چوڭقۇر تۇنۇپ يىتىپتۇ. مەن ئۇنىڭ بۇ تەسىراتىدىن ھەقىقەتەن ئويلىنىپ قالدىم ئۇ ئىلىم دىگەن نىمە؟ بىلىم ئىگىسى دىگەن كىم ؟ دىگەنلەرنى ئاللاھنىڭ مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسالامغا چۈشۈرگەن:
[ «ياراتقان پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئىسمى بىلەن ئوقۇغىن [1]. ئۇ ئىنساننى لەختە قاندىن ياراتتى [2]. ئوقۇغىن، پەرۋەردىگارىڭ ئەڭ كەرەملىكتۇر [3]. ئۇ قەلەم بىلەن (خەت يېزىشنى) ئۆگەتتى [4]. ئىنسانغا بىلمىگەن نەرسىلەرنى بىلدۈردى [5].» ئەلەق سۈرىسىنىڭ 1~5-ئايىتى ] ئارقىلىق چۈشەنگەن ئىدى. ئۇ ئىلىم بولۇشىنى، بىلىم تەلەپ قىلىشنى زامانىز كىشىلىرى چۈشەنگەندەك داڭلىق ئالىي مەكتەپلەنى پۈتتۈرۈش، ماگىستىرلىك، دوكتۇرلۇق ئىنۋانىغا ئىرىشىش دەپ قارىماستىن ئاللاھنىڭ بىرلىنى تونۇش، ھەمدە ئۇنىڭغا رازىلىقىغا ئىرىشىش ئۈچۈن ھەركەت قىلىش دەپ چۈشەنگەنتى. ئۇنداقتا بىزنىڭ زامانىمىزدىكى باكلاۋۇر،ماگىستىر، دوكتۇرلۇق قالپاقلىرى بىلەن ئىلىملىك سانىلىۋاتقان ئاشۇكىشىلەر، ئاشۇ ئالىم دەپ نام ئىلىپ دەپ - دەپە بىلەن ھۆرمەت ساھابىلىرىغا ئايلانغان كىشىلىمىز بۇ ھەقتە ئويلىنىپ باقتىمۇ يوق؟ ئەگەر ئۇلار بۇھەقتە ئۇيلىنىپ باقمىغان بولسا بىز ئۇلارنى يەنىلا ئالىم دەپ قارامدۇق؟
شۇنىڭ بىلەن ئۇ قىز خىزمەتنى تاشلاپ ئاللاھ يولىدا ئىلىم تەھسىل قىلىش يولىغا ئاتلىنىپتۇ. ئۇ ئىسلامنى چۈشۈنۈشكە باشلاپ ئۇزاق ئۆتمەي ئۇنىڭ نەزىرىدە خىلى بولىدۇ دىگەن بىر خۇيزۇ يىگىت بىلەن توي قىلغان بولۇپ، ئۇقۇش گىپى چىققاندىن كىيىن ئۇنىڭ نەزىرىدە بەش نامازنى ئوقىيدىغان يولدىشى ئۇنىڭ ئوقۇشىغا قوشۇلماپتۇ، ئۇ قىز قانداق چۈشۈندۇرمىسۇن تىرىشچانلىقى بىركار بوپتۇ. ئاخىرى ئۇ ئاللاھ دەپ نەچچە يىل شىرىن كۈنلەرنى بىرگە ئۆتكۈزگەن ئىرىنى، ئايدا ئۆزىنى ئايلىق بىلەن تەمىنلەۋەتقان ئىدارنى تاشلاپ ئىلىم ئىلىش يولىغا ئاتلىنىپتۇ. مانا بۇ ئوقۇش ئۈچۈن تاشلانغان قەدەم ئۇنىڭ چۈمبەل ئارتىشقا تۈرىتكە بوپتۇ. ئۇ قىرىندىشىمىزنىڭ سۆزلەپ بىرىشچە ئۇ قىز نامازلىرىدا ئۆكسۈپ - ئۆكسۈپ يىغلاپ كىتىدىكەن، قىرىندىشىمىز نىمە ئۈچۈنلىكىنى سورىغىنىدا مەن ئىلىمسىزلىك سەۋەبىدىن شۇنچە گۇناھ ئىشلارنى قىلىدىم. مەن ئاللاھنىڭ ئاشۇ بىلىمسىزلىكتىن قىلغان گۇناھلىرىمنى مەغپىرەت قىلىشنى تىلەيمەن، ھەمدە ئاشا ھاياتىمنى ھەربىر ئويلىغىنىمدا ، ئاللاھنىڭ ئازابىنى ھەر بىر ئەسلىگىنىمدە مەن قانداق يىغلىماي تۇرالاي دەپ جاۋاب بەرگەن. مەن ئويلاپ قالدىم بىزدە زادى قانچىلىك شىلەر مۇشۇ قىزدەك ئويلىنىپ باققان، قانچلىك كىشىلىرىمىز ئىلىمنى قورئان ئارقىلىق چۈشۈنۈپ ئۇنى ئۈگۈنۈشكە ھەركەت قىلغاندۇ؟......
ئىمانىم ئۆيدە قاپقاپتۇ
بەلكىم بۇ ھىكاينى سىلەرگە سۆزلەپ بەرسەم ئىشەنمەسلىكىڭلار مومكىن، مانا مەن بارغان مېڭسۈن ناھىيسىدە ھەققى يۈزبەرگەن ۋەقە . ياقا يۇرتتىن كەلگەن بىر مۇسۇلمان بىر مۇسۇلمانچە دەپ خەت يىزىلغان قاسساپ دۇكىنىدىن گۈش ئالماق بولۇپ دوكانغا كىرىپتۇ، دۇكاندىرغا ئانچە ئىشەنچ قىلالماي قاسساپتىن سىزدە ئىمان بارمۇ ؟ دەپ سوراپتۇ.( بۇقاسساپ ئەلۋەتتە خۇيزۇ ، ئۆزىنى مەن مۇسۇلمان دەپ قارايدۇ) ئادەتتە ئىمانى دىگەننى سۆزنى خۇيزۇلارمۇ ئىشلىتىدىغان بولغاچقا ئۇ قاسساپ ئۇنىڭ دىن ھەققىدە سوراۋاتقانلىقىنى بىلىپ يانچۇقلىرنى ئىزلەپ ھىچ تاپالماپتۇ، ھەمدە جاۋابەن كەچۈرۈڭ ئىمانىم بۈگۈن ئۆيدە قاپقاپتۇ دەپ جاۋاب بىرىپتۇ. گۆش سىتىۋالغىلى كىرگەن ئادەمنىڭ گاڭگىراپ قالغانلىقى ھەممەيلەنگە ئايان ئەلۋەتتە. نىمە ئۈچۈن ئۇ قاسساپ ئىماننى سورىغۇچىغا ئىمانىم ئۆيدە قاپقاپتۇ دەپ جاۋاب بىرىدۇ؟ ئابايا دەپ ئۆتكەندەك بۇيەردە كىشىلەر ئۆزىنىڭ مۇسۇلمانلىىنى ئىشىك بىشىغا خەت يىزىپ قويۇش، ماشىنىلىرىغا تاختا چاپلاپ قويۇش، دۇكانلىرىغا ئىسلامى پۇراققا ئىگە ھەرخىل بىزەكلەرنى ئىسىپ قويۇش ئارقىلىق ئىپادىلەيدىغان بولغاچقا، ھىلىقى قاسساپمۇ ئىمان دىگەن شۇنىڭغا ئوخشاش كىشىلەرنىڭ مۇسۇلمانلىقىنى بىلدۇرىدىغان ، يىنىدا ئىلىپ يۈرىدىغان بىرەر نەرسە بولسا كىرەك دەپ ئويلاپ شۇنداق جاۋاب بەرگەن ئىكەن.
خاتىمە
بۇلار بۇقىتىملىق سەپەر جەريانىدا ماڭا بەكرەك تەسىر قىلغان ۋەقەلەر بولۇپ، بۇلارنى مەن ئۆزىمىزدىن باشقىنىڭ ئىمانىنى يوققا چىقىرىپ خۇيزۇلار << بىزنىڭ قىشىمىزغا كەلسە دىنىمىز بىردەيدۇ، خەنزۇلارنىڭ قىشىغا كەلسە تىلىمىز بىر دەيدۇ >> دەيدىغان، ئۆزنى ئىماننىڭ يۇقىرىغا قويۇپ، باشقىلارنى بىر سۈپۈرگى بىلەنلا سۈپۈرۈپ تاشلايدىغانلارغا خۇيزۇلار ئەنە ئاشۇنداق دىيىش ئۈچۈن يازغىنىم يوق ئەلۋەتتە. مەن قەتئىي ئىشىنىمەن ئەگەر بىز ئىزلەيدىغان بولساق دىيارىمىزدا ئۇيەردىن ھەم بەتتەر جايلارنىڭ بارلىقىغا. ھەم ھازىر چوڭ بولىۋاتقان پەرزەنتلىرىمىزنىڭ ئەھۋالى ئۇلاردىن ياخشىمۇ ئەمەس. كونىلاردا بىر گەپ بار << كالىنىڭ بىشىغا كەلگەن كۈن، مۇزاينىڭ بىشىغىمۇ كەپتۇ>> ئەنە مەن كۆرگەن ئاشۇ خۇيزۇلارمۇ بورۇن ئۆزلىرىنى دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى ئۆممەت دەپ پەخىرلىنەتتى. چۈنكى ئۇلارمۇ بىزگە ئوخشاش << قۇرئان>> ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ ئاللاھنىڭ نەزىرىدە ئەڭ ياخشى ئۆممەت دەپ تىلغا ئىلىنغانلىقىدىن پەخىرلىنەتتى. ئۆزىنىڭ مۇسۇلمانلىقىدىن ئۆزلىرىنى قالتىس ھىس قىلىشاتتى. مانا بۇ خىل ھىس قىلىشلار، پەخىرلىنىشلەر ئۇلارنى ئاسسىلىماتسىيە بولۇش، ھەتتا ئۆزىنىڭ كىملىكىنى بىلەلمەسلىك دەرىجىسىدە ئۆزلىكىنى يوقۇتۇش گىردابىغا قىلىشتىن قۇتۇلدۇرۇپ قالالمىغانتى.
ئاللاھ قۇرئاندا مۇنداق دەيدۇ: <<(ئى مۇھەممەد ئۈممىتى!) سىلەر ئىنسانلار مەنپەئىتى ئۈچۈن ئوتتۇرىغا چىقىرىلغان ياخشىلىققا بۇيرۇپ يامانلىقتىن توسىدىغان اﷲ غا ئىمان ئېيتىدىغان ئەڭ ياخشى ئۈممەتسىلەر. 3/110>> بۇ ئايەت بارلىق مۇسۇلمانلارنى مۇسۇلمانلىقىدىن پەخىرلىنىشكە تۈرۈتكە بولغان، مۇسۇلمانلارنىڭ دۇنيا مەنپەتى ئۈچۈن چىقىرىلغان ئەڭ ياخشى ئۆممەت ئىكەنلىكىنى زىكىرقىلغان ئايەت بولۇپ، ئايەت بىزگە ھەرگىزمۇ مۇسۇلمانلىق دەۋەسى قىلغۇچىلارنىڭ ھەممىسى ئەڭ ياخشى دىگەندىن دىرەك بەرمەيدۇ. بۇ ئايەتتىن شۇنى كۆرۈۋالالايمىزكى ئەڭ ياخشى بولۇشنىڭ شەرتى بار بولۇپ ، بۇ شەرتلەر ھەرگىزمۇ مەن مۇسۇلمان دەپ دەۋا قىلىش ئەمەس، ھەتتاكى كۈندە بەش ۋاخ ناماز ئوقۇش، رامىزان روزىسى تۇتۇش، زاكات بىرىش، ھەج قىلىش ئەمەس. چۈنكى بۇلار ئەققىلى بىر مۇسۇلماندا بولىدىغان سۈپەتلەر بولۇپ ئەگەر بىر مۇسۇلمانلىقنى دەۋا قىلغۇچىدە بۇ خىل سۈپەتلەر تىپىلمايدىكەن ئۇنىڭ مۇسۇلمانلىقى يالغان، ئۇنىڭ مۇسۇلمان ئەمەسلىكىگە شەك قىلمايمىز ئەلۋەتتە. ئايەتتىن كۆرۈۋىلىشقا بولىدۇكى <<ئەڭ ياخشى>> بولۇش ئۈچۈن ئىككى شەرت ھازىرلاش كىرەك بولۇپ ئەگەر ئۇنىڭ بىرى كەم بولىدىكەن ئۇ <<ئەڭ ياخشى>> ئەمەس. بۇ ئىككى شەرتنىڭ بىرى ئاللاھ ئىمان ئىيتىش . ئادەتتە ئىمان ئېيتىش دىگەن كەلىمە ئۇيغۇر تىلىدا كۆپ ئىشىلىتىلگەچكىمۇ، بىز ئىمان ئېيتىش دىگەن سۆزنى بەك ئاددى چۈشۈنۈپ خۇدانى بىردەپ ئىشىنىشنى ئاللاھقا ئىمان ئېيتىش دەپ چۈشۈنۈپ كەلدۇق. مەن بۇ ئايەتنىڭ خەنزۇچە تەرجىمىسىگە كۆز يۈگۈرتكىنىمدە بۇ يەردىكى تەرجىمە ئاللاھقا قەتئىي ئىشىنىش دەپ ئىلىنغان بولۇپ ، بەلكىم بۇ بىز چۈشۈنۈپ كىلىۋاتقان ئاللاھقا ئىمان ئېيتىش دىگەن كەلىمە بىلەن پەرىقلەنسە كىرەك. ئاللاھقا قەتئىي ئىشىنىش دىمەك ئىنسان ئۆزىنىڭ ئىش پائالىيەتلىرىنى ئاللاھنىڭ مىزانى ئارقىلىق ئورۇنلاشتۇرۇش دىمەكلىك بولۇپ ، بۇ ئاللاھنىڭ بويرىغىنىغا ئەمەل قىلىش، توسقىنىدىن يىنىش، مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھىۋەسسالامغا ئەگىشىش بىلەن ئىپادىسىنى تاپىدۇ. <<ئەڭ ياخشى>> بولۇشنىڭ ئىككىنجى شەرتى ياخشىلىققا بويرۇپ، يامانلىتىن توسۇش بولۇپ ، ئاللاھ كۆرسەتمىسى بويچە، مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھىۋاسسالامنى ئەلگە قىلىپ ئاللاھنىڭ ھىكمىتىنى كىشىلەرگە يەتكۈزۈش، ھەقنى تەۋىسسيە قىلىش، كىشىلەرنى ئاللاھ ياخشى دىگەن ئەمەللەرگە تەرغىپ قىلىش. يامانلىقلارنى توسۇش ( بەلىكىم ھازىر بىزنىڭ دىنى ئۆلمالىرىمىزدا بولسۇن، نۇرغۇن مۇسۇلمان قىرىنداشلىرىمىزدا بولسۇن بۇ سۈپەت ئاساسەن يوق .) يامان ئەمەللەرنىڭ ئالدىنى ئىلىش، يامان ئەمەللەرنى كۆرگەندە ھەركەتى ۋە ئىغىزى ئارقىلىق ئۇخىل ئەمەللەرنى توسۇش دىمەكتۇر. زامانىمىزدىكى مۇسۇلمانلار ئۆزلىرنىڭ مۇسۇلمانقدىن پەخىرلەنسىمۇ، ئۆزلىرىنى مۇسۇلمان بولۇپ قالغانلىقى ئۈچۈن ئاللاھنىڭ نەزىردە بىز <<ئەڭ ياخشى>> ئۆممەت دەپ قارلىمىزدەپ ئويلىسىمۇ ، بىلىپ قالسۇنكى ئەگەر بۈ ئىككى شەرت ئۇ ئىنساندا، ئۇ ئۆممەتتە ھازىر بولمايدىكەن ئۇ بىشىنى نەگەرئورغىنى بىكار، ئۇ <<ئەڭ ياخشى>> مۇسۇلمان، <<ئەڭ ياخشى>> ئۆممەت ئەمەس. مانا مۇشۇ <<ئەڭ ياخشى>> سۈپەتنى يوقۇتۇش بىلەن يۇقارقى كارتىنىلار بارلىققا كەلگەن بولسا، بىزنىڭ مۇشۇ سۈپەتلەرنى يوقىتىشىمىز بىلەن ئۇخىل كارتىنىلار بىزنىڭ دىيارىمىزدا بارلىققا كەلمەسمۇ؟.....
بۇ ماقالە ئەنئەنە بلوگىدىن كۆچۈرۈلدى ، ئەسلى ماقالە ئادرىسى :
http://anana05.blogbus.com/logs/77136785.html