قىز ئايىم ، ئائىلەڭدە پالاكەت يۈز بەردى . جۈپتۈڭ ساڭا خىيانەت قىلدى .قانداق ئويلايسەن ، نىمىشقا شۇنداق بولدى ؟ ئاۋال ئۆزۈڭنى ئوبدان سوراق قىل : يا تىلىڭ يامان، يا چىچەن ئەمەسسەن، يا تىتىملىق تاماق ئىتىشنى بىلمەيسەن. شۇنداقلىقىڭ راست بولسا ، سەندىن كۆڭۈل قىلىشى تەبىئىي . چۈنكى ، بۇنداق ئائىلىدە راھەت بولمايدۇ قىزىم !

ئائىلە - ئەڭ قالتىس جاي. ئىنىقى تىلىڭغا ئىھتىيات قىل . ئەر ۋە ئايالنىڭ ئۆمۈر يولدىشىدىن يۇشۇرۇن بىر سىرى بولىشى شەرت :جۈپتۈڭگە ئۇنى غايەت سۆيۈشىڭنى ، ئۇنىڭسىز ياشىيالماسلىقىڭنى ئىزھار قىلغان ۋاقتىڭ ئۇنىڭ ئۈچۈن قىزىقىڭ قالمايدۇ . شۇنى يادىڭدا تۇت.
ئەگەرجۈپتۈڭ ئۇ شاختىن بۇ شاخقا قونىۋىرىدىغانلار خىلىدىن بولسا، ئۇ ئەركەك تىن تارتماي ھالاك بولسۇن . چۈنكى، ئۇ ئەۋلاد ۋە جەمئىيەتكە زىيان كەلتۈرگۈچىدۇر . بۇنداق ئادەم تۈزەلمەيدۇ . بۇزۇقچىلىق ئۇنىڭ سۆڭىكىدە بار ، قىنىدا بار. ئۇنىڭدىن قۇتۇلساڭ سۆيۈن ، پالاكىتىڭ يىراقلىشىدۇ .......

جۈپتۈڭ خىيانەت قىلدى دەيلى ، شۇ كۈنگىچە قىلىپتا سالغاندەك ئىدى. بۇ ۋەزىيەت تۇيۇقسىزلا يۈز بەردى . بۇ ھالاتتە سەن ئۇنى دەرھال يەر بىلەن بىر قىلما . ئەركەكنىڭ زەئىپلىكى - غايەت سەمىمىيلىكىدە . شۇنىڭ ئۈچۈن ،ئۇ تەسىرگە تىز بىرىلىدۇ. ئۇ كىمگىدۇر قىزىقىپ قالغان بولسا سەندىن كۆڭلى قالغىنى ئۈچۈن ئەمەس، تاشقى تەسىرنىڭ ئۆتكۈرلۈكى ئۈچۈنمۇ شۇنداق بولۇشى مومكىن .
ئايال زاتىنىڭ ئايلىنىشىدىن ساقلىسۇن . چۈنكى ، ئۇ ئاينىسا ، جۈپتىدىن پۈتۈنلەي كۆڭلى سوۋۇپ ، بىرىلگەن ئادىمىگە كۆڭلى چۈشۈپ ، پۈتۈن نىيىتى بىلەن ئەستايىدىل ئاينىيدۇ. ۋاقىت ئۆتۈشى بىلەنمۇ شۇ ئىدىيىسىدە قەتئىي تۇرۇۋىرىشى مومكىن . بۇ ھەقىقىي خەتەر . شۇنىڭ ئۈچۈن ، خىيانەتكار ئايال كەچۈرۈلمەيدۇ .

ئەمما ، ئەر تەسىرگە بىرىلگەندە تەھلىلنى يوقىتىدۇ . شەيتانغا تىز قۇل بولىدۇ . ئۇ تەسىرگە قانداق تىز بىرىگەن بولسا ، يەنە شۇنداق تىز قايتىشىمۇ مومكىن . ئۆزىگە كەلگەندە قىلغان ئىشىدىن ئەستايىدىل ئەپسۇسلىنىشى مومكىن . يۈرەكتىن چىقىرىپ توۋۋا قىلىشى مومكىن . مانا شۇنىڭ ئۆزى سىنىڭ ھىچ نەرسە يوقاتمىغىنىڭ ئەمەسمۇ ؟ سەۋر كىرەك .

جۈپتۈڭ خاتا قىلدى ، سەن بۇ ھالەتكە ئۇنىڭ دوستى سۈپىتىدە باھا بەر ۋە دوستنىڭ ئىشىنى قىل . ئۇ ئاداشتى دوست دوستى ئاداشقاندا توغرا يول كۆرسەتسە ، بۇرچىنى ئادا قىلغان بولىدۇ . ئۇنىڭ ئۆيدىن بىزىشىدە ئۆزەڭنىڭمۇ ھەسسەڭ بار . ھازىر سىنىڭ ۋەزىپەڭ ئۆيدە يىغلاپ ئولتۇرۇش ئەمەس ، قانداق قىلىپ بولسۇن ئۇنى خەتەردىن قايتۇرۇشتۇر .

ئائىلىچىلىك - كەڭ قورساقلىقتۇر،قىزىم . تۇرمۇش كەچۈرۈملۈڭ بار جايدا تۇرمۇش بولىدۇ . دەيلى ، ئىرىڭ سەندىن يىراقلاپ بىرىۋىتىپتۇ . شۇنى بىلگىنكى ، سەن ئاغرىنىۋەرسەڭ ،جاڭجال چىقىرىۋەرسەڭ، تاپقىنىڭ مەندىن ئەلا چىقتىمۇ دەپ ياقىسىغا ئىسىلىۋەرسەڭ ، ئۇنىڭ سەندىن يىراقلىشىشى تىخىمۇ تىزلىشىدۇ . سەندىن ئۇزاقلاشقان ئەرنى قورقۇتۇش ، ئەلئارىسىدا شەرمەندە قىلىش بىلەن قايتۇرغىلى بولمايدۇ . بۇ ئىشلار ئۇنىڭغا ھەددىدىن ئارتۇق ئاغرىق بىرىدۇ ۋە بۇ ئاغرىقلارنى سەن پەيدا قىلىۋاتقىنىڭ ئۈچۈن ئۇنىڭغا يەنىمۇ خۇنۇكرەك كۆرۈنىسەن . كۆرىسەنكى ، ئۇ نىرىقى تەرەپكە ئاۋۋالقىدىن بەتتەرەك ئىنتىلىشكە باشلايدۇ . ھىلىقى ئايال بولسا بۇنداق پەيتتە ئۇنىڭغا تىخىمۇ يىپىشىۋالىدۇ . ھەممە ياقتىن ئۇرۇلۇپ - سۈرۈلگەن ئەرگە ئۇ ناھايىتى مىھرىبان بولۇپ تۇيۇلىدۇ ۋە ئۇنىڭ تەھبىركارلىق بىلەن كۆرسەتكەن مىھرىبانچىلىقىدىن پاناھ تاپىدۇ . مانا قىزىم ، جاڭجال - سۈرەن بىلەن ئىرىشكىنىڭ شۇ بولدى . ئۆز قولۇڭ بىلەن ئۇلارنى تىخىمۇ يىقىنلاشتۇرۇپ قويدۇڭ . بۇمۇ يەتمىگەندەك ئوتتۇرغا چۈشۈپ شەرمەندە بولدۇڭ .

بالىجان ، بۇنداق ۋاقىتتا ئۆزەڭنى كۆرۈپ كۆرمىگەنگە ، سىزىپ سەزمىگەنگە ئال . ئۈندىمەي ئائىلەڭنى ئاۋات قىلىۋەر . شۇ كۈنگىچە بىپەرۋا بولغان تۇتۇمىڭنى ئەستايىدىل ياخشىلا . ئەپچىل ئاياللاردىن ئاياللىق سەنئىتىنى ئۈگەن . يەنى كىيىنىش ، تاماق قىلىشتىكى نازۇكلۇكلارنى ، ۋەھاكازالار...

بىر نەچچە بالىلىق تۇرسام ، ئۆيدە بىر تالاي ئىشلار ماڭا قاراشلىق تۇرسا ، بىر ئەرگە يىقىش ئۈچۈن ئەينەككە قاراپ ياسىنىپ ،ئۆيۈمنى چىرايلىق ياساپ يۈرۈشلىرىم ئارتۇقچە ئەمەسمۇ؟ دىمە. جۈپتۈڭ - ساڭا ھالال بىرىلگەن مۇقەددەس مۈلكۈڭ . مۈلكۈڭگە بولسا ئوغرى چۈشۈپ تۇرۇپتۇ. ئىھتىيات قىلىسەن - دە . ئەگەر ئۇ يوقىلىپ كەتسە قول سىلكىپ قىلىۋەرمەيسەنغۇ . ناۋادا قول سىلكىسەڭمۇ ، ئىچىڭدە كۈيۈپ كۈل بولىسەنغۇ . دىمەك ، ئۆزۈڭنى ئاسراش ئۈچۈن جۈپتۈڭنى قولدىن بەرمەسلىكىڭ كىرەك . ئەمما ، ھازىر ئىرىڭنىڭ كىلىش - كىتىشىنى سۈرۈشتۈرمە ، ئۆزۈڭنى ئۇنىڭ قەيەردە يۈرىشى بىلەن قىزىقمايدىغان كۆرسەت. يوقىلىپ كىتىپ يەنە پەيدا بولسىمۇ قەيەردە يۈردىڭىز ؟ دىمە . لايىقىدا ئالدىغا چاي ، تاماق قويۇپ ، كىر كىيىملىرىنى پاكىزىغا ئالماشتۇرۇپ قويىۋەر . قاپىقىڭنى تۈرمە. ئەمما ، ئىچىلىپ- يىيىلىپمۇ مۇئامىلە قىلما . پەقەت سوئالىغىلا جاۋاپ بەر . ئىرىڭ چىچەنرەك بولسا نىمىشقا سىنىڭ قىزىقمايۋاتقىنىڭ بىلەن قىزىقىشى مومكىن. شۇ چاغدا : كوچىدا بىزنىڭ زىيىنىمىزغا ئىش قىلارمىدىڭىز ، ئامان - ئىسەن كىرىپ كەلدىڭىز ، شۇ كۇپايە. دىگەندەك جاۋاپنى بىرىپ قوي . ئەمما ، تەبئىي ئىيت .

ئۆزۈڭ بولساڭ بازارغا ئاتىغان چىرايلىق كىيىملىرىڭنى كىيىپ ، ئوسما، سۈرمەڭنى قويۇق قىلىپ يۈرىۋەر . ئەنە شۇ چاغدا ئۇنىڭ مىڭىسىگە توك ئۇرىدۇ . يۈرىكىگە غەشلىك چۈشىدۇ . نىمىدەپ ماڭا قىزىقمايدۇ؟ ئىچىلىپ كەتكىنىنى قارا بۇنىڭ ، مىنى بۇرۇنقىدەك قىزغانمايۋاتىدىغۇ بۇ تۇرۇشتا بىراۋغا كۆڭلى چۈشۈپ قالمىسۇن يەنە ؟... دىگەن ۋەھىمە پەيدا بولىدۇ . قانداق قىلىپ بولسۇن، ئۇنىڭ يۈرىكىگە شۇ ۋەھىمىنى سىلىش كىرەك . نەتىقىسىنى ئاسانلا كۆرىسەن ، گىزى كەلگەندە مەغرۇر ئادەم بولۇشمۇ ئىلىم .

ساڭا خىيانەت قىلغان ئىرىڭگە يىلىنما، ئىلتىجا قىلما . مەغرۇر بول . ئەمما ئۇنىڭ كۆڭلى قالىدىغان ئىش قىلما . سەۋر قىل . بۈگۈن بولمىسا ئەتىسى سىنى ئۈنىڭغا سىلىشتۇردۇ . ئاشۇ چاغدا سىنىڭ پەزىلەتلىرىڭ ئۈستۈن كەلگىدەك بولسا ، نىكاھنىڭ مىھرى ، ئائىلىنىڭ مىھرى ئۆلمەيدىغان نەرسە. بىر كۈنى جۈپتۈڭ ئائىلەڭگە زار بولۇپ قايتىپ كىلىدۇ . خەلقنىڭ كەل - كەل دىسە كەلمەيدۇ ، كەلمە دىسە كىلىدۇ ، دىگەن ماقالى ئائىلىگىمۇ تەئەللۇقتۇر ، سەۋر قىل .

خاتىمە
تۇغۇلىدىغان بالا قىز بولسا، تولغىقى ئاچچىق بولىدۇ دەيتتى ئانام. دۇنياغا ئىنقىلابىي جەريان بىلەن كېلىۋاتقىنىنىڭ ئۆزى ئاددى ئەمەسلىكىگە،ئۇنىڭدا بىر گەپ بارلىقىغا ئىشارەت. ئوغۇل بالىغا قارىغاندا قىز بالا جىسمانەن پىششىق تۇغۇلىدۇ ۋە ئاسان چوڭ بولىدۇ،بۇمۇ بىر سىر.ئايال زاتى نىسبەتەن ئۇزاقراق ياشايدۇ، بۇمۇ بىر ھېكمەت.يەنە يا ئوقۇغانمەن، يا ئاڭلىغانمەن-ئەگەر ئەر كىشى يىللاپ ئەمەس،ئەقەللىيسى بىر نەچچە كۈن داۋامىدا بىر ئايال ئۆتەيدىغان ئىشنى ئىشلەپ باقسا،چارچاپ كېسەل بولۇپ قېلىشى،بۇلا ئەمەس،ھەتتا ئۆلۈپ قېلىشى مۇمكىن ئىكەن. ئايال بولسا ئۈزۈلىمەن دەپ تۇرغان قىلدەك بېلى، گۈلدەك نازۇك تەبىئىتى بىلەن بۇ دۇنيانىڭ ئەركەكلەر كۆتۇرەلمىگەن زىل يۈكلىرىنى كۆتۈرۈپ ئۆتىدۇ.ئۇنىڭ ھەرىكەتلىرى بىمىسلى تاشنى يېرىپ چىققان مايسىدەك.يەنە بۇنىڭ ئۈستىگە دائىم ياشناپ تۇرۇۋېرىشچۇ. ئېسمىنى بىلگەندىن باشلاپ ئۆز تائىپەمنى ھەيرەت بىلەن كۆزىتىشتىن چارچاپ قالمىدىم.ئايال ئاسرارخانا،ئايال مۆجىزە.

مۆتىۋەر ئايىم،دۇنيا سىنى شۇنداق ئىنچىكىلىك بىلەن قوبۇل قىلدى،ئەزىز قىلدى. ئەمما،بۇنىڭ بىلەن پەخىرلەنمىگەيسەن.يەلكەڭگە چۈشكەن يۈك ناھايىتى ئېغىر، ئۇنى كۆتۈرۈش،ئېلىپ مېڭىش مۈشكۈلاتى بار. ھەممە مۆجىزە سەندىكى ئاشۇ يۈكنى كۆتۈرۈشۈڭگە باغلىق.ئەتىراپىڭدىكىلەرگە بالا گەردان بولىدىغان ۋەئۇلارنى سائادەتمەن قىلىدىغان نېمەت بار،سەندە. سەن ئۇنى تىلىڭ بىلەن، قولۇڭ ھەم دىلىڭ بىلەن يەتكۈزۈپ ياشايسەن.شۇ يولدا ئاداشمىغايسەن.بەرىكەتسىز ئائىلىلەر،قويدى-چىقتىلار،بالىلاردىكى بەتپېئىللىق،ئاكا- ئىنىلەر ئوتتۇرسىدىكى ئۈزۈلۈشلەر،پەرزەنتلەرنىڭ بېشىغا چۈشىدىغان كۈلپەت ئاساسەن ئايال زاتىنىڭ خاتالىقلىرى تۈپەيلىدىندۇر.بىلىپ قوي،سەندىن، يەنى ئايال زاتىدىن پەقەت ياخشىلىق تارقىلىشى كېرەك.چۈنكى،جىسمىڭدا خاسىيەت كۆپتۇر. شۇ بۈيۈك نېمەتنى،بۇ بەھرە ئېلىشقا تېگىشلىك ئىمكانىيەتنى .ئىسراپ قىلما.ئادەملەرگە بەخىت يەتكۈز ۋەئۆزۈڭمۇ بەخت ئىچىدە ياشاپ ماڭ !

قىزلارغا ئاتالغان نەق گەپلەر دىگەن كىتابتىن ئىلىندى .