ئىسىت مىنىڭ ئونتۆت ياشلىقىم
نىيازئەلى ئادىل(تۈن لىرىكىسى)
بالىلىقىم تايچاق كەبى ئاساۋ چېغىم،
ئەستىن چىقماس لاتا قونچاق،ياغاچ ئېتىم.
چاقماق كەبى بىرلا قىتىم يىنىپ ئۆچكەن،
ئىسىت مىنىڭ قايتىپ كەلمەس ئونتۆت يېشىم.
ئويۇن دېسە ھەممىدىن تېز چاپار ئىدىم،
تەكرار قىلماي دەرىسلەردىن قاچار ئىدىم.
سىنى مەكتەپ قۇچىغىدىن ئايرىۋىلىپ،
دەرتتە قالدىم، كەچۈر مىنى ئونتۆت يېشىم.
رامزان توۋلاپ كەچ كىرگەندە قايتار ئىدىم،
ئىت قوغلىسا كىيىكلەردەك قاچار ئىدىم.
ئۆيگە كىرمەي قاقشاتقىنىم ئانامنى ...ھەي!
گۆدەككەنمەن ئويلاپ باقسام ئونتۆت يېشىم.
قىش كەلگەندە قاردا بوۋاي ياسار ئىدىم،
رەگەتكىدە قۇچقاچلارنى ئاتار ئىدىم.
غەم-قايغۇسىز ئويناپ يۈرگەن بالىلىققا،
قايتاي دېسەم قايتالمايمەن ئونتۆت يېشىم.
2009-يىلى 31-ئاۋغۇسىت دۈشەنبە
غۇلجا مۇڭغۇلكۈرە شوتايېزىسى
[ tvnlirikisiتەرىپىدىن2010-06-04 21:37قايتا تەھرىرلە ]