باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 1450 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: شەيتان چاڭگىلىدىن قۇتۇلغان يىگىت
ئەركەتۈرۈك
دەرىجە: چولپان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 2013
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 556
ئۇنۋان:تېرىشچان ھازىرغىچە556دانە
ئۆسۈش: 6390 %
مۇنبەر پۇلى: 10943 سوم
تۆھپىسى: 6 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-17
ئاخىرقى: 2012-02-25
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-01-12 01:03

شەيتان چاڭگىلىدىن قۇتۇلغان يىگىت

ھېكايە


(مەھزۇن)

ئۇنىڭ تىنىقلىرى ئىتتىكلىشىپ، پۈتۈن بەدەنلىرى ئوتتەك قىززىپ  يۈرىكى تىز-تىز سۇققىلى تۇردى. بۇنداق ۋاقىتتا كۆزگە ئۇيقا كىلىش مۇمكىنمۇ؟ ئۇ ياتقان يىرىدىن دەس تۇرۇپ كارۋات ئەتىراپىنى ئىككى ئۈچ ئايلاندى-دە، سۇخانىغا چىقىپ مۇزدەك سۇ بىلەن يۈز- كۆزلىرىنى يۇيۇپ كىردى. تامدىكى سائەت بۈگۈن ئۇنىڭ بىلەن قېرشىقاندەك ناھايىتى ئاستا مېڭىۋاتاتتى. ئۇ دەرىزىدىن ئايغا قاراپ ئۆز-ئۆزىگە:
نەچچە كېچە پىراقىدا قىيناپ ئۇيقۇسىز قويۇپ يۈرەك باغرىمنى پارە-پارە قىلغان جانان بىلەن ئاخىرى ۋېسال شارابىنى ئىچىدىغان بولدۇم دېدى ۋە ئۇ چوكاننىڭ چۈشتە دېگەن سۆزلىرىنى قايتا ئەسلىدى:
..........
-        ئەمىسە ئىشىكنى تاقىماي ياتىمەن، سائەت ئونئىككى بولغاندا كىلىڭ، دىققەت قىلارسىز.
     ئۇنىڭ يۈرىكى بۇرۇنقىدىنمۇ قاتتىقراق سوقۇپ كەتتى، پۈتۈن بەدىنىگە تارقاپ نېرۋىلىرىنى غېدىقلاۋاتقان شەھۋانىي ھېسسايات تەسىرىدىن تىتىرەپ تۇرغان  پوتلىرىنى سۆرىگەن پېتى كارۋىتىغا كىلىپ ئولتۇرۇپ ئۈستەل چىرىقىغا قاراپ خىيالغا پاتتى: ئەجەپ قىينالدىميا... بۇ سەۋدالىق دەردىدە  تاماقلىرىم ئازلاپ ئۇيقۇممۇ كەملەپ كەتتى. مانا، ئەقل-ھۇشى جايىدا ئەمەس ئادەمگە ئوخشاپ قېلىۋاتىمەن. نىمە قىلىۋاتقىنىمنىمۇ بىلمەي قالىمەن تېخى! ھەي ئايال !! ھەي ئايال!! «ئايال دېگەن بىر شەيتان، ھەردائىم ئۇنىڭ شەررىدىن پاناھ تىلەپ تۇرۇش كىرەك» دېگەن گەپ راس ئىكەن جۇمۇ. بىر ئىككى ھەپتە بولدى قايسى چىشى جىن چاپلاشتىكى بىلمىدىم تۇرۇپ-تۇرۇپ شەھۋانى خىياللارغا چۈمۈپ قالىدىغان، كۇچىدىكى ھەرخىل ياشتىكى قىز-چوكانلارغا قاراپ قالىدىغان بولۇپ قالدىم دېسە. نىمە تىلىسەڭ شۇنى تاپىسەن دېگەندەك ئۆيۈمگە يېقىن جايدىكى بىر تېجارەتچىنىڭ ئايالى بىلەن بىر-ئىككى قېتىم سالاملىشىپ قويىۋىدىم ئۇمۇ ئاران تۇرغاندەك ماڭا يېقىنچىلىق قىلىشقا باشلىدى، نەتىجىدە بۈگۈن كىچە ئۇنىڭ ئۆيىدە ئۇچۇرشىشدىغانغا كىلىشتىم... ئۇچۇرشىدىغان ۋاقىت يېقىنلاپ كەلگەنسىرى ئىددىيەمدە توقۇنۇش بولۇشقا باشلاۋاتقىننى كۆرمەمدىغان... قانداق قىلسام بۇ نىيتىمدىن يانارمەن. ئايالىمغا يۈز كىلەلەمەنمۇ؟ ئۇ مىڭ بىر جاپادا قۇرساق كۈتۈرۈپ يۈرەك پارەمنى ساق-سالامەت يەڭگىپ ئاپىسىنىڭكىدە دەم ئېلىۋاتىدۇ.. يەنە ئىككى ھەپتە بەرداشلىق بىرەلىسەم بۇنداق پەسكەشلىكتىن ساقلىنىپ قالالايتتىم. ياق، ياق...ئۇغۇل بالا بولغاندىكىن بىرەر قېتىم ئۇنداق ئىش قىلىپ قويسام ھېچ ئىش بولماس.
مۇشۇنداق خىياللار بىلەن پۈتۈشكەن ۋاقىتمۇ كىلىپ قالاي دېدى. ئاخىرى ئۇنىڭ شەيتىنى غالىب كىلىپ ئۇنى ئايالنىڭ ئۆيى تەرەپكە سۆرەپ ماڭدى.
ئۇ ئالدى كەينىگە قارىغاچ ھۇدۇقۇش ئارىلاش ئەنسىزلىك بىلەن تىز-تىز مېڭىۋاتاتتى دەل شۇچاغدا يىراقتىن يىغلىغاندەك بىر خىل ئاۋاز كىلىشكە باشلىدى، ئۇ، ئايالنىڭ ئۆيى تەرەپكە ماڭغانسېرى ھېلىقى ئاۋازمۇ تەڭ كۈچىيىشكە باشلىدى، ئۇ ئەمدى پەرق قىلدىكى بۇ بىرسىنىڭ قۇرئان ئۇقۇۋاتقان ئاۋازى ئىدى. ئۇ ھەر قانچە قىلىپمۇ بۇ ئاۋازنى ئاڭلىماسلىققا سېلىپ ئۆتۈپ كىتەلمدى، بۇ ئاۋاز ئاڭلانغان ئۆيدىن ئۆتۈپ كەتسىلا ھېلىقى چوكاننىڭ ئۆيىگە كىرەتتى. ئۇ مېڭىشىنى ئاستىلاتقاچ قۇرئانغا قۇلاق سالدى.
-        غەيرىل مەغدۇبى ئەلەيھىم ۋەلەدداللىن. (غەزىپىڭگە يۇلۇققانلارنىڭ ۋە ئازغانلانىڭ يولىغا ئەمەس....).
ئامىن....
بۇ سۈرە فاتىھەغۇ دېدى ئۇ  ئىچىدە.

-        يەۋمە تەرەل مۇئمىنىينە............... (ئۇ كۈندە، مۇئمىن ئەرلەرنى، مۇئمىن ئاياللارنى كۆرىسەنكى، ئۇلارنىڭ نۇرى ئۇلارنىڭ ئالدىدا ۋە ئۇلارنىڭ ئوڭ تەرىپىدە ماڭىدۇ، (ئۇلارغا) بۈگۈن سىلەرگە ئاستىدىن ئۆستەڭلار ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەر بىلەن خۇش خەۋەر بىرىلىدۇ، ئۇ يەرلەردە مەڭگۈ قالىسىلەر، بۇ ئۇلۇغ مۇۋەپپىقىيەتتۇر دېيلىدۇ).
نېمە دېگەن يېقىملىق ئاۋاز بۇ !!!
بۇ مۇڭلۇق قىرائەت ئاۋازى ئۇنىڭغا تەسىر قىلماقتا ئىدى، ئۇ پۈتۈن ئىشتىياقى بىلەن زەن سېلىپ تېڭشاشقا باشلىدى.. ئايەت: ئەلەم يەئنى لىللەزىينە..... (مۇئمىنلەرگە ئۇلارنىڭ دىللىرى ئاللاھنىڭ زىكرىگە ۋە نازىل بولغان ھەقىيقەتكە يەنى ( قۇرئان ئايەتلىرىگە) ئېرىيدىغان ۋاقىت يەتمىدىمۇ؟ .... ).
ئۇ خۇددى بۇ خىتابلار دەل ئۆزىگە قارىتىلىۋاتقاندەك تۇيغۇغا كەلدى-دە، ئىختىيارسىز  قاتتىق سىلكىنىپ كەتتى.
دەل شۇ چاغدا شەيتان ئۇنىڭ  كۆڭلىگە ۋەسۋەسە سېلىشقا باشلىدى:
-        ئۇنچىۋالا بۇپ كەتمە.. قۇرئان دېگەننى تېخى نۇرغۇن قېتىم ئاڭلىۋالىسەن.. ئۇ جانانىڭ تازا ياسىنىپ سېنى كۈتۈپ تۇرۋاتىدۇ، سەن پەقەت ئۇنىڭ يېنىغا كىرسەڭلا ئىش پۈتىدۇ... ئۇنداق ئەھمەقلىق قىلما.. تىز بول! خۇدا بەندىلىرنىڭ تۆبىلىرنى قۇبۇل قىلىپ گۇناھلىرىنى مەغپىرەت قىلىدىغان تۇرسا يەنە نېمىدىن قورقاتتىڭ...
ئۇ يەنە بىر ئاز ئىككىلەنگەندەك بولدى-دە، سەۋر قاچىسى تولۇپ:
ئاھ خۇدا ... مەن قانداق بەندە!! خۇدا ئۈزەڭ بار... دەپ ۋارقىراپ كەتتى. ئاخىرى ئۇنىڭ ئەقلى، شەھۋىتى ئۈستىدىن غالىب كەلگەنىدى.
ئۆزىنى تۇتۇۋېلىش ئۇنىڭغا خېلى قىيىنغا توختىدى ئۇ:
خۇدا ئۆزەڭ بار.. خۇدا ئۆزەڭ بار،،، ئۆزەڭ ساقلا دېگىنىچە كەينىگە يېنىپ ئۆيى تەرەپ كە يول ئالدى.
ئۇ پاكىز يۇيۇنۇپ چىقىپ ئىككى رەكئەت ناماز ئۇقۇدى... سەجدىگە بارغاندا  كۆزلىرىدىكى ياشنى تۇتىۋالالماي ئاللاھقا دۇئالار قىلدى.
بىر سەجدە بىلەنلا ئىماننىڭ تەمىنى ھەقىيقى تېتىغاندەك بولۇپ كۆڭلىدىكى بىئاراملىقلاردىن ئەسەرمۇ قالمىدى....



مەنبە:ئىسلام بىرلەشمە مۇنبىرى
ئەسسالام قېرىنداش يولۇڭ تۈز بولسۇن ،
ياخشى ئىش ئىزلىرىڭ ئىبرەت بوپ قالسۇن .
باشلىغىن دوسلارنى ياخشى يوللارغا ،
بۇنىڭدىن دوسلارمۇ ھەق يولنى تاپسۇن.
ئۆلۈم،ئۇ ئىشنىڭ باشلىنىشى!
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 909
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 327
ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە327دانە
ئۆسۈش: 590 %
مۇنبەر پۇلى: 3935 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-08-09
ئاخىرقى: 2011-02-18

  يا، رەببىم ، مۇستەھكەم ئىمان مۇستەھكەم ئىرادە ئاتاقىلغايسەن، ئامىن!!!
كۆزلىرىمدە تىترەپ تۇرار بىر لەھزە ياش
ئول سەۋەبكى بەكمۇ خۇنۈك ئاجىز قۇياش
دوستلىشىش
gayrat828
ھامان بىر كۈنى .......
دەرىجە: كۇلۇب باشلىقى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 2
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 10
ئومۇمىي يازما: 1423
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1423دانە
ئۆسۈش: 12030 %
مۇنبەر پۇلى: 12959 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-01-18
ئاخىرقى: 2012-05-10
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-01-12 04:09

  غەيرىل مەغدۇبى ئەلەيھىم ۋەلەدداللىن...............
بۇ يەردىكى ئوقۇلۇشقا دېققەت قىلىڭ بۇرادەر ، لەززالىيىن دىگەن ئايەت يېزىلىشتا مۇشۇنداق يېزىلىدۇ ھەم ئوقۇلۇشتىمۇ مۇشۇنداق ئوقۇلىدۇ ، تەۋجىتلىك ئوقۇلۇشى ئۈچۈن<< د>> ھەرىپىنى  شۇ پىتىملا ئوقۇمايدۇ بەلكى ئاۋاز << د >>ھەرىپىگە يېقىن بولغان دىماقتىن ئېتىلىپ چىققان ئاھاڭدا ئوقۇلۇدۇ . ئەگەر بۇنداق ئوقۇيالمىسا ئادەتتىكى بويىچە <<ز >> ھەرىپىنى داۋاملاشتۇرسا بولىدۇ . ئەۋزىلى بايا مەن دىگەندەك تەۋجىتلىك ئوقۇلۇشى دىماقتىن ئېتىلىپ چىققان <<د>> ھەرىپىگە  يانداش ئاھاڭ .  بىۋاستە <<لەددالىيىن >> دەپ ئوقۇلغاندا مەنىسى ئۆزگىرىپ كېتىشى مومكىن .
<<غەيرىل مەغزۇبى ئەلەيھىم ۋە لەززالىيىن >> بۇنى يازغاندا ئىمكان قەدەر تەۋجىتلىك ھالىتىنى يازىمەن دېسىڭىز چوقوم ئەرەپچە يېزىقىنى يېزىڭ ، سىزنىڭ يازغىنىڭىز ئايەتنىڭ تەۋجىتلىك ھالىتى ...ھازىرقى ئۇيغۇرچىسى بولسا تەۋجىتسىز ئادەتتىكى يېزىلىش ھالىتى ...<<غەيرىل مەغزۇبى ئەلەيھىم ۋە لەززالىيىن >>.  
بەلكىم  مەن ئانچە توغرا چۈشەندۈرەلمىگەندىمەن ئەمما  بەزىلىرىمىز ئۇددۇللا   <<لەددالىيىن >> دەپ ئوقىسا ئوقولوشنىڭ توغرا بولماسلقى تۈپەيلى خاتالىق كىلىپ چىقىشى مومكىن .. شۇڭا بۇنى كۆرگەن قېرىنداشلىرىمىز  مىنىڭ چۈشەندۈرۈشۈمنى ئىنىق بىلەلمەي قالغان بولسا  ئەتىراپىدىكى <<قۇرئان >> ساۋادى  قېرىنداشلىرىمىزدىن سورىسا  تەلەپپوزى بويىچە ئوقوپ سىزگە ئىنىق چۈشەندۈرۈپ بېرىشى مومكىن .. ئامال بار سوراپ كۆرۈڭ ..
تېمىڭىزغا رەھمەت ، ئاللا رەھمەت قىلسۇن ..ئامىن .
بىلمىگەن نەرسە توغرىلىق توختالما!
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 396
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 503
ئۇنۋان:تېرىشچان ھازىرغىچە503دانە
ئۆسۈش: 820 %
مۇنبەر پۇلى: 6434 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-24
ئاخىرقى: 2012-05-08
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-01-12 05:01

غەيرەت ئەپەندى پىكرى ئورۇنلۇق.
قەلبىنى مەزھەب مۇتەئەسسۇبلۇقى چىرماپ كەتكۈچىدە كامىل ئىمان بولمايدۇ. مۆرىتى كەلسە، مەزھەبنى دەپ قۇرئان، ھەدىستىن تانىدۇ. ۋەھالەنكى مەشھۇر 4ئىماملار: ئىشەنچلىك ھەدىس مەزھىبىمدۇر،دېيىشكەن.
قەيسەر يۈرەك
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5709
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 125
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە125دانە
ئۆسۈش: 230 %
مۇنبەر پۇلى: 1472 سوم
تۆھپىسى: 5 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-01-18
ئاخىرقى: 2011-04-18
4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-01-18 05:16

قۇتلۇق ئەپەندىنىڭ تۈزگەن كىتابىدا بەك ئوچۇق چۈشەندۈرۈلگەن .  
ئىتقاد جاندىنمۇ مۇھىم !!!
kalduk ibadat uqun,kaytimiz yisap uqun.mihmanbiz budunyada,ulimiz tirilix uqun.
دەرىجە: چولپان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5388
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 951
ئۇنۋان:مۇنبەرداش ھازىرغىچە951دانە
ئۆسۈش: 2220 %
مۇنبەر پۇلى: 11157 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-01-01
ئاخىرقى: 2012-05-10
5-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-01-19 15:23

ھەقىقى ئاللاھدىن كورقۇپ گۇناھلاردىن ئۈزىنى تارتقان ئادەملەرنىڭ دەرىجىلىرى يوقىرى بولۇپ،
دۇئالىرى ئىجابەت بولىدۇ.[غارغا سولىنىپ قىلىپ دۇئاسى ئىجابەت بولغان ئادەمنىڭ بىرسى يۇقىرقى ئادەمگە ئوخشاشتۇر]
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5811
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1608
ئۇنۋان:سۆيۈملۈك ھازىرغىچە1608دانە
ئۆسۈش: 180 %
مۇنبەر پۇلى: 16857 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-01-22
ئاخىرقى: 2012-05-10
6-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-03-28 17:08

ئەسسالامۇ - ئەلەيكۇم ، اللە  ھەممىمىزنى ئىماندا مۇستەھكەم قىلسۇن ، شەيتاننىڭ ۋەسۋەسسىلىرىدىن ئۆز پاناھىدا ساقلىسۇن ، اميىن !
اللا