باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 8724 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: يەل مىلتىق ساقلىغان بالادا قالدى .
دوستلىشىش
gayrat828
ھامان بىر كۈنى .......
دەرىجە: كۇلۇب باشلىقى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 2
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 10
ئومۇمىي يازما: 1421
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1421دانە
ئۆسۈش: 12030 %
مۇنبەر پۇلى: 12939 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-01-18
ئاخىرقى: 2012-03-31
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-01-11 01:45

يەل مىلتىق ساقلىغان بالادا قالدى .



ھىكىم (15 ياش) يەكەن ناھيەسىنىڭ مەلوم يېزىسىدىكى دېھقان بولوپ ،ئۆزگىچە قىززىقىشى بار ئىدى . ئۇ 2006-يىلى ئاپىرىلىنىڭ ئاخىرلىرىدا نەۋرە ئىنىسى ئابدۇقەييۇمنىڭ ئۆيىگە باردى . ئۆيدە ئابدۇقەييۇمنىڭ ئۇزاقتىن بېرى ساقلاپ كېلىۋاتقان يەل مىلتىقى بار ئىدى . ھىكىمنىڭ مىلتىققا كۆزى چۈشتى ،چۈنكى ئۇ ئۆيدە قارچىغا باقاتتى .<<مۇشۇ مىلىتىق بىلەن قۇش ئوۋلاپ قارچۇغىنى باخسام ياخشى ئەمەسمۇ >> دېگەنلەرنى خىيالىدىن ئۆتكۈزگەن ھېكىم ئابدۇقىيىمغا :
_ئىنىم ،يەل مىلتىقىڭنى سېتىپ بەرسەڭ  قانداق ؟_دېدى .
_ئاكا ،بۇ مىلتىق ماڭىمۇ كېرەك ،سېتىپ بەرسەم بولمايدۇ ،_دېدى ئابدۇقەييۇم ، بىراق ھېكىم مىلتىقنى تالىشىپ تۇرۋالدى .
_ئۇكام تۇرۇپ مىلتىقنى ئاياۋاتىسەن ،بىكارغا ئالاي دېمىدىمغۇ ،200يۈۋەنگە سېتىپ بەرگىن قانداق ؟_ دېدى ئۇ .
_ئابدۇقىيىم ھېكىمگە يۈز كىلەلمەي مىلتىقنى 200يۈۋەنگە سېتىپ بەردى .ھېكىم مىلتىققا ياغاچتىن پاينەك بېكىتىپ  ئۆيىدە ساقلىدى .
ھېكىم ئىككى ئاي ئۆتكەندىن كىيىن قوشنا يېزىدىكى نەۋرە ئاكىسى ھامۇتنىڭ ئۆيىگە باردى ۋە ئۇ يەردىمۇ بىر يەل مىلتىقنى كۆرۈپ قالدى . يەل مىلتىققا ھەۋەس قىلىدىغان ھېكىم بۇنىمۇ سېتىۋالماقچى بولدى _دە ،نەۋرە ئاكىسىغا :
_ئاكا ،مىلتىقىڭنى سېتىپ بېرەمسەن ؟ _دېدى .
ھامۇت ئۇنىڭدىن مىلتىقنى نېمىگە ئىشىلتىدىغانلىقىنى سورىغاندا ،ھېكىم :
_ھازىر بازاردا گۆش قىممەت ،شۇڭا مىلتىقىڭنى قۇش ئوۋلاپ ، قارچىغامنى باقاي دېگەن ئىدىم ،_دەپ جاۋاپ بەردى .
بۇ گەپنى ئاڭلىغان ھامۇتنىڭمۇ ئىنىسىنىڭ كۆڭلىنى قايتۇرغىسى كەلمەي ،مىلتىقنى ئۇنىڭغا بەردى . ھېكىم ئۆيدە مىلتىقنى ساقلاسنىڭ قانونغا خىلاپ ئىكەنلىكىنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرمىگەن ئىدى . ئۇ بۇ ئىككى مىلتىقنى ساقلاپ يۈردى .
ھېكىم ئارىدىن بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كىيىن ئابدۇقەييۇمدىن ھېلىقى 200يۈۋەننى قايتۇرۋالماقچى بولدى ۋە ئۇنى ئىزدەپ بېرىپ :
_ ئۇكام ، مىلتىق ھقىچان ساڭىمۇ لازىم بولىۋاتىدۇ ،ياخشىسى قايتۇرۇپ بېرەي ،_دېدى .
ئابدۇقەييۇممۇ بۇنىڭغا قوشولدى ۋە 200يۈۋەننى ھېكىمگە بېرىپ ھېلىقى مىلتىقنى ئېلىپ قالدى .
ھېكىمىنىڭ قانونسىز قورال ساقلاۋاتقانلىقىدەك ئەھۋال ساقچىلارنىڭ دېققىتىنى تارتتى . شۇنىڭ بىلەن جىنايەت گۇماندارى ھېكىم بۇلتۇر 15- ئىيۇل قانونسىز قورال-ياراق ئېلىپ-سېتىش جىنايىتى گۇمانى بىلەن جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىلىپ ،10- ئاۋغوسىت قانون بويىچە قولغا ئېلىندى .
بۇلتۇر27- دېكابىر يەكەن ناھيەلىك خەلىق سوت مەھكىمىسى جاۋابكار ھېكىمنىڭ قىلمىشىدىن قورال-ياراق اشقۇرۇش بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىپ ، قورال-ياراق ئېلىپ سېتىش جىنايىتى شەكىللنىدۇ ،دەپ قاراپ ،ئۇنىڭغا ئۈچ يىللىق قاماق جازاسى بەردى .كەڭ ساي تورى .
(كىشى ئىسىملىرى ئۆزگەرتىلدى ) <<قانونچىلىق گېزىتى >>
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 838
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 55
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە55دانە
ئۆسۈش: 180 %
مۇنبەر پۇلى: 685 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-08-04
ئاخىرقى: 2012-03-21
يۇمشاق سافا  يوللانغان ۋاقت: 2011-11-15 01:10

بۇ  سىياسەت قانداق سىياسەت بىلەلمىدىم مىلتىقنى ياساپ ساتقان زاۋۇتلارنى نىمىشقا جازالىمايدۇ؟مەن بىلەلمىدىم ھەي ي ي ي