查看完整版本: [-- يەل مىلتىق ساقلىغان بالادا قالدى . --]

كەڭ ساي مۇنازىرە مۇنبىرى -> قانۇندىن مەسلىھەت -> يەل مىلتىق ساقلىغان بالادا قالدى . [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

gayrat828 2011-01-11 01:45
[attachment=7956]

ھىكىم (15 ياش) يەكەن ناھيەسىنىڭ مەلوم يېزىسىدىكى دېھقان بولوپ ،ئۆزگىچە قىززىقىشى بار ئىدى . ئۇ 2006-يىلى ئاپىرىلىنىڭ ئاخىرلىرىدا نەۋرە ئىنىسى ئابدۇقەييۇمنىڭ ئۆيىگە باردى . ئۆيدە ئابدۇقەييۇمنىڭ ئۇزاقتىن بېرى ساقلاپ كېلىۋاتقان يەل مىلتىقى بار ئىدى . ھىكىمنىڭ مىلتىققا كۆزى چۈشتى ،چۈنكى ئۇ ئۆيدە قارچىغا باقاتتى .<<مۇشۇ مىلىتىق بىلەن قۇش ئوۋلاپ قارچۇغىنى باخسام ياخشى ئەمەسمۇ >> دېگەنلەرنى خىيالىدىن ئۆتكۈزگەن ھېكىم ئابدۇقىيىمغا :
_ئىنىم ،يەل مىلتىقىڭنى سېتىپ بەرسەڭ  قانداق ؟_دېدى .
_ئاكا ،بۇ مىلتىق ماڭىمۇ كېرەك ،سېتىپ بەرسەم بولمايدۇ ،_دېدى ئابدۇقەييۇم ، بىراق ھېكىم مىلتىقنى تالىشىپ تۇرۋالدى .
_ئۇكام تۇرۇپ مىلتىقنى ئاياۋاتىسەن ،بىكارغا ئالاي دېمىدىمغۇ ،200يۈۋەنگە سېتىپ بەرگىن قانداق ؟_ دېدى ئۇ .
_ئابدۇقىيىم ھېكىمگە يۈز كىلەلمەي مىلتىقنى 200يۈۋەنگە سېتىپ بەردى .ھېكىم مىلتىققا ياغاچتىن پاينەك بېكىتىپ  ئۆيىدە ساقلىدى .
ھېكىم ئىككى ئاي ئۆتكەندىن كىيىن قوشنا يېزىدىكى نەۋرە ئاكىسى ھامۇتنىڭ ئۆيىگە باردى ۋە ئۇ يەردىمۇ بىر يەل مىلتىقنى كۆرۈپ قالدى . يەل مىلتىققا ھەۋەس قىلىدىغان ھېكىم بۇنىمۇ سېتىۋالماقچى بولدى _دە ،نەۋرە ئاكىسىغا :
_ئاكا ،مىلتىقىڭنى سېتىپ بېرەمسەن ؟ _دېدى .
ھامۇت ئۇنىڭدىن مىلتىقنى نېمىگە ئىشىلتىدىغانلىقىنى سورىغاندا ،ھېكىم :
_ھازىر بازاردا گۆش قىممەت ،شۇڭا مىلتىقىڭنى قۇش ئوۋلاپ ، قارچىغامنى باقاي دېگەن ئىدىم ،_دەپ جاۋاپ بەردى .
بۇ گەپنى ئاڭلىغان ھامۇتنىڭمۇ ئىنىسىنىڭ كۆڭلىنى قايتۇرغىسى كەلمەي ،مىلتىقنى ئۇنىڭغا بەردى . ھېكىم ئۆيدە مىلتىقنى ساقلاسنىڭ قانونغا خىلاپ ئىكەنلىكىنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرمىگەن ئىدى . ئۇ بۇ ئىككى مىلتىقنى ساقلاپ يۈردى .
ھېكىم ئارىدىن بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كىيىن ئابدۇقەييۇمدىن ھېلىقى 200يۈۋەننى قايتۇرۋالماقچى بولدى ۋە ئۇنى ئىزدەپ بېرىپ :
_ ئۇكام ، مىلتىق ھقىچان ساڭىمۇ لازىم بولىۋاتىدۇ ،ياخشىسى قايتۇرۇپ بېرەي ،_دېدى .
ئابدۇقەييۇممۇ بۇنىڭغا قوشولدى ۋە 200يۈۋەننى ھېكىمگە بېرىپ ھېلىقى مىلتىقنى ئېلىپ قالدى .
ھېكىمىنىڭ قانونسىز قورال ساقلاۋاتقانلىقىدەك ئەھۋال ساقچىلارنىڭ دېققىتىنى تارتتى . شۇنىڭ بىلەن جىنايەت گۇماندارى ھېكىم بۇلتۇر 15- ئىيۇل قانونسىز قورال-ياراق ئېلىپ-سېتىش جىنايىتى گۇمانى بىلەن جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىلىپ ،10- ئاۋغوسىت قانون بويىچە قولغا ئېلىندى .
بۇلتۇر27- دېكابىر يەكەن ناھيەلىك خەلىق سوت مەھكىمىسى جاۋابكار ھېكىمنىڭ قىلمىشىدىن قورال-ياراق اشقۇرۇش بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىپ ، قورال-ياراق ئېلىپ سېتىش جىنايىتى شەكىللنىدۇ ،دەپ قاراپ ،ئۇنىڭغا ئۈچ يىللىق قاماق جازاسى بەردى .كەڭ ساي تورى .
(كىشى ئىسىملىرى ئۆزگەرتىلدى ) <<قانونچىلىق گېزىتى >>

xaxatux 2011-01-11 01:55
گەپ قىلاي دېسە  چېتىۋالىدۇ ،  گەپ قىلمايدېسە ھەددىدىن ئېشىۋالىدۇ..............................

gayrat828 2011-01-11 01:59
ئەڭ ياخشىسى چاۋاك چېلىپ بېرىڭ ،ئاۋازى چىقىدۇ .

كۈرەش 2011-01-11 02:00
..............................!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!

karakax 2011-01-11 10:37
ئەستاغپۇللا ياما ن بوپتۇ............ئامال يوق.............

mujayid 2011-01-11 10:46
يائاللا كارامەت ،،،!!!   ،،، يەلمىلتىق ساقلىغانغا ئۈچ يىللىق كېسىۋەتكەن بارمۇ ،،،،؟ بىر ئادەمنىڭ ھاياتى مۇھىممۇ ياكى بىر قوتا يەلمىلتىقمۇ،،،،؟؟؟ 

تاھىربەگ 2011-01-11 12:19
ئەتە ئۆگۈن  كىچىك باللار  رەگەتكە  ياساپ  ئوينىسىمۇ  كىسىدۇ تېخى !!!!!  

general 2011-01-11 13:02
يەل مىلتىق ياساپ سېتىش جىنايىتىنىڭ باش ئاتامانى ئاشۇ زاۋۇتلار بولغاندىن كېيىن،شۇ زاۋۇتلارنى قانۇن بويىچە جازاغا تارتسا بوپتىكەن. بالىلارنىڭ ئويۇنچۇق قوراللىرىمۇ ئادەمنى مېيىپ قىلىشقا كۇپايە.شۇ قوراللارنىمۇ يىغىۋېلىش كېرەكتى.

kuwruk 2011-01-11 14:31
يەل مىلتىقنى ئىشلەپچىقىرىشى ۋە سىتىشى چەكلەنگىلى ئۇن يىلدىن ئاشتى،،،قىرىنداشلىرمىزنىڭ بىلىپ-بىلمەي قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ قۇيۇپ، جازالىنىپ كىتىشتىن ساقلىنىش لازىم،،،،

kalibdaxbiz 2011-01-11 15:07
مەن 9-ئايدا پەيزاۋاتقا ئوينىگىلى باسام  بازار ئىچىدىكى مەلىدە ئىككى خەنزۇ يولداش شۇ يەل مىلتىق بىلەن پاختەك ئېتىپ يۈردىكەن، ئۇ قانداق ئىش ئەمدى . نۇرغۇن ئادەملە كاراپ تۇردى. شىنجاڭدىمۇ ئىككى خىل سىياسەت بامۇ يا؟ ..........

handanlik 2011-01-11 15:23
ئىشلىتىش
引用第9楼kalibdaxbiz于2011-01-11 15:07发表的  :
مەن 9-ئايدا پەيزاۋاتقا ئوينىگىلى باسام  بازار ئىچىدىكى مەلىدە ئىككى خەنزۇ يولداش شۇ يەل مىلتىق بىلەن پاختەك ئېتىپ يۈردىكەن، ئۇ قانداق ئىش ئەمدى . نۇرغۇن ئادەملە كاراپ تۇردى. شىنجاڭدىمۇ ئىككى خىل سىياسەت بامۇ يا؟ ..........




مۇنۇ بىزنىڭ يەكەندە سىياسەت دىگەن شۇنداق ياخشى6يىل بوپتىكەن يۇرتۇم يەكەنگە كەلمىگىلى ئۆزگۇرۇشلەر خىلى كۆپ
مەسلەن..بىليارىتخانىلار قىماخانلارغا ئۆزگۇرىپتۇ. سوغۇق ئىچىملىك دۇككانلىرى پاھىشخانلارغا ئۆزگۇرۇپتۇ..ئۇنۋىرسال سودا دۇككانلىرى نەشە سىتىش دۇككانلىرىغا ئايلىنىپتۇ.

تىخى تۇنۇگۇن ساقچىخانغا سالاھىيەت گۇۋانامەمنى ئالغىلى بارسام بىرخەنزۇ  يولداش        ساقچى ئىدارىسىدا ماگزىن ئىچىۋاپتۇ بۇ نىم بولغىنى  ئىشەنمىسەڭلار يەكەن سەيدادۇي ساقچىخانسى

دەرۋازىدىن كىرسىڭىز ئوڭ تەرەپتە دۇجۇرنۇلىك ئىشخانسى سول تەرەپتەماگزىن بار. ماگزىنغا كىرسىڭىزمۇ شۇ ساقچىخانا چوڭ دەرۋازىسىدىن كىرىسىز.......

hll 2011-01-11 15:38
     ئادىل بولماپتۇ ئۇدىگەن ئادەم بولغاندىكىن تەربىيە بىرىش كىرەكتە توۋا مائىشنى .

kalibdaxbiz 2011-01-11 15:59
گەپ يەنىلا قانۇن ئىجرا قىلغۇچىلادا ، مائاشنىڭ قۇلى بولۇش، خوشەمەتچىلىك ، شەخسىيەتچىلىك...........

farxah 2011-01-11 18:38
نەقىل
引用第9楼kalibdaxbiz于2011-01-11 15:07发表的  :
مەن 9-ئايدا پەيزاۋاتقا ئوينىگىلى باسام  بازار ئىچىدىكى مەلىدە ئىككى خەنزۇ يولداش شۇ يەل مىلتىق بىلەن پاختەك ئېتىپ يۈردىكەن، ئۇ قانداق ئىش ئەمدى . نۇرغۇن ئادەملە كاراپ تۇردى. شىنجاڭدىمۇ ئىككى خىل سىياسەت بامۇ يا؟ ..........

پۇقراچە كىيىنگەن ھەربىيلەردۇ،ھەقىچان!!!

ablatmamat 2011-01-11 23:46
مەن چاۋاك چالاي ئاۋاز چىقسۇن

kastiro 2011-01-12 00:07
ھەي ----نادانلق،،

kin 2011-01-12 01:40
     ھەرقانداق مىلتىق يىغىۋېلىنىشى كېرەك...ھەتتا شىلىم ئاتىدىغان ھىسىيات تاپانچىسىمۇ بۇنىڭ ئىچىدە...

maniwer2010 2011-01-26 15:44
ئۇيغۇرنىڭ يەتتە يېشىدا خەتنە-سۈنئەت تويىدا بىر قېتىم كەسكەن«مىلتىق»نى يەنە بىر قېتىم
كېسىۋال دىمەكچىمۇ ؟....

maniwer2010 2011-01-26 16:09
«مەن 9-ئايدا پەيزاۋاتقا ئوينىگىلى باسام  بازار ئىچىدىكى مەلىدە ئىككى خەنزۇ يولداش شۇ يەل مىلتىق بىلەن پاختەك ئېتىپ يۈردىكەن، ئۇ قانداق ئىش ئەمدى . نۇرغۇن ئادەملە كاراپ تۇردى. شىنجاڭدىمۇ ئىككى خىل سىياسەت بامۇ يا؟ ..........»
(قەلىپداش بىز)
مانا بۇگەپنىڭ جېنى بار ،جوڭگۇدا «بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم» دىگەندەك پەلىپەتىش گەپلەر ئېسىڭىزدىمۇ؟!..
مۇشۇ تېمىغىمۇ يۇقۇرىدا بىر نەچچە قىزىل پاچاق ئەخلەتلەر كىرىۋېلىپ بىر نىمىلەرنى..دەپ يۈرۈپتۇ،،،،،،

umutwar 2011-01-26 16:18
.........................

akgul 2011-01-27 11:45
ئامال يوق

kadrdan 2011-11-15 01:10
بۇ  سىياسەت قانداق سىياسەت بىلەلمىدىم مىلتىقنى ياساپ ساتقان زاۋۇتلارنى نىمىشقا جازالىمايدۇ؟مەن بىلەلمىدىم ھەي ي ي ي


查看完整版本: [-- يەل مىلتىق ساقلىغان بالادا قالدى . --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.051887 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us