ھىكىم (15 ياش) يەكەن ناھيەسىنىڭ مەلوم يېزىسىدىكى دېھقان بولوپ ،ئۆزگىچە قىززىقىشى بار ئىدى . ئۇ 2006-يىلى ئاپىرىلىنىڭ ئاخىرلىرىدا نەۋرە ئىنىسى ئابدۇقەييۇمنىڭ ئۆيىگە باردى . ئۆيدە ئابدۇقەييۇمنىڭ ئۇزاقتىن بېرى ساقلاپ كېلىۋاتقان يەل مىلتىقى بار ئىدى . ھىكىمنىڭ
مىلتىققا كۆزى چۈشتى ،چۈنكى ئۇ ئۆيدە قارچىغا باقاتتى .<<مۇشۇ مىلىتىق بىلەن قۇش ئوۋلاپ قارچۇغىنى باخسام ياخشى ئەمەسمۇ >> دېگەنلەرنى خىيالىدىن ئۆتكۈزگەن ھېكىم ئابدۇقىيىمغا :_ئىنىم ،يەل مىلتىقىڭنى سېتىپ بەرسەڭ قانداق ؟_دېدى ._ئاكا ،بۇ مىلتىق ماڭىمۇ كېرەك ،سېتىپ بەرسەم بولمايدۇ ،_دېدى ئابدۇقەييۇم ، بىراق ھېكىم مىلتىقنى تالىشىپ تۇرۋالدى ._ئۇكام تۇرۇپ مىلتىقنى ئاياۋاتىسەن ،بىكارغا ئالاي دېمىدىمغۇ ،200يۈۋەنگە سېتىپ بەرگىن قانداق ؟_ دېدى ئۇ . _ئابدۇقىيىم ھېكىمگە يۈز كىلەلمەي مىلتىقنى 200يۈۋەنگە سېتىپ بەردى .ھېكىم مىلتىققا ياغاچتىن پاينەك بېكىتىپ ئۆيىدە ساقلىدى .ھېكىم ئىككى ئاي ئۆتكەندىن كىيىن قوشنا يېزىدىكى نەۋرە ئاكىسى ھامۇتنىڭ ئۆيىگە باردى ۋە ئۇ يەردىمۇ بىر يەل مىلتىقنى كۆرۈپ قالدى . يەل مىلتىققا ھەۋەس قىلىدىغان ھېكىم بۇنىمۇ سېتىۋالماقچى بولدى _دە ،نەۋرە ئاكىسىغا :_ئاكا ،مىلتىقىڭنى سېتىپ بېرەمسەن ؟ _دېدى .ھامۇت ئۇنىڭدىن مىلتىقنى نېمىگە ئىشىلتىدىغانلىقىنى سورىغاندا ،ھېكىم :
_ھازىر بازاردا گۆش قىممەت ،شۇڭا مىلتىقىڭنى قۇش ئوۋلاپ ، قارچىغامنى باقاي دېگەن ئىدىم ،_دەپ جاۋاپ بەردى .
بۇ گەپنى ئاڭلىغان ھامۇتنىڭمۇ ئىنىسىنىڭ كۆڭلىنى قايتۇرغىسى كەلمەي ،مىلتىقنى ئۇنىڭغا بەردى . ھېكىم ئۆيدە مىلتىقنى ساقلاسنىڭ قانونغا خىلاپ ئىكەنلىكىنى
خىيالىغىمۇ كەلتۈرمىگەن ئىدى . ئۇ بۇ ئىككى مىلتىقنى ساقلاپ يۈردى . ھېكىم ئارىدىن بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كىيىن ئابدۇقەييۇمدىن ھېلىقى 200يۈۋەننى قايتۇرۋالماقچى بولدى ۋە ئۇنى ئىزدەپ بېرىپ : _ ئۇكام ، مىلتىق ھقىچان ساڭىمۇ لازىم بولىۋاتىدۇ ،ياخشىسى قايتۇرۇپ بېرەي ،_دېدى .ئابدۇقەييۇممۇ بۇنىڭغا قوشولدى ۋە 200يۈۋەننى ھېكىمگە بېرىپ ھېلىقى مىلتىقنى ئېلىپ قالدى .ھېكىمىنىڭ قانونسىز قورال ساقلاۋاتقانلىقىدەك ئەھۋال ساقچىلارنىڭ دېققىتىنى تارتتى . شۇنىڭ بىلەن جىنايەت گۇماندارى ھېكىم بۇلتۇر 15- ئىيۇل قانونسىز قورال-ياراق ئېلىپ-سېتىش جىنايىتى گۇمانى بىلەن جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىلىپ ،10- ئاۋغوسىت قانون بويىچە قولغا ئېلىندى .بۇلتۇر27- دېكابىر يەكەن ناھيەلىك خەلىق سوت مەھكىمىسى جاۋابكار ھېكىمنىڭ قىلمىشىدىن قورال-ياراق اشقۇرۇش بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىپ ، قورال-ياراق ئېلىپ سېتىش جىنايىتى شەكىللنىدۇ ،دەپ قاراپ ،ئۇنىڭغا ئۈچ يىللىق قاماق جازاسى بەردى .كەڭ ساي تورى .(كىشى ئىسىملىرى ئۆزگەرتىلدى ) <<قانونچىلىق گېزىتى >>