باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 8138 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: كەڭسايدىكى ئىككى شىئېرغا ئىلاۋە ‹كۈرەش›
‹بارلىق ئەمەللەر نىيەت بىلەن بولىدۇ...›ھەدىس شە& ..
دەرىجە: چولپان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 4954
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 612
ئۇنۋان:كۆيۈمچان ھازىرغىچە612دانە
ئۆسۈش: 1670 %
مۇنبەر پۇلى: 4755 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-17
ئاخىرقى: 2012-08-05
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-01-10 17:10

كەڭسايدىكى ئىككى شىئېرغا ئىلاۋە ‹كۈرەش›

ئەسكەرتىش: بۇ يازما kangsay تەرىپىدىن نادىرلاندى(2011-01-10)

ئەسسالام ئەلەيكۇم قىرىنداشلار

مىنىڭ بۇ ئورۇندا بايان قىلماقچى بولغىنىمنى بەلكىم نىمىدۇ دىيىشىڭلار مۇمكىن.كەڭساي تورىدا يىقىندا ئىلان قىلىنغان ‹ئانا تىل،ۋە كۆزنى يۇمۇپ يامان دىمەڭ مىللەتنى› ناملىق ئىككى شېئىر ئىلان قىلىندى.شېئىرنىڭ بىر قىسىم قېرىنداشلىرىمىز غا بەرگەن زوق-ئىلھامى تۈپەيلى ياخشى ئىنكاس تەكلىپلەر بىرىلدى.بۇنىڭدىن مۇشۇ ئىككى شېئىرنى يازغان ئاپتۇرلارنىڭ ھەمدە ياخشى ئىنكاسلارنى يوللىغۇچىلارنىڭ مىللىي مەسئۇلىيەت،مىللىي سۆيۈنۈش،ئانا-يۇرىتقا بولغان  ئىپتىخارىنىڭ نەقەدەر يۈكسەكلىكى كۆرۋالغىلى بولىدۇ.

شۇنىڭ بىلەن بىرگە بىرقىسىم ئىنكاسچىلارنىڭ تۇزۇك بىر كىشلىك قاراش دۇنيا قاراش ئىڭىنىڭمۇ يوقلىقىنى مۇنازىرە رايۇنىنى ئۆزىنىڭ نەپسى خوشلىقى.باشقىلارنى مەسخىرە قىلىشنىڭ ۋاستىسى  قىلۋالغانلىقىنى كۆردۇم . مىللى كۆيۈنۈش دىگەن نىمە؟

مىللىي مەۋجۇتلۇق دىگەن نىمە؟ئۇيغۇر كىم؟تارىختا قانداق سەلتەنەتكە ئىگە بولغان؟،قانداق مەدەنىيەتلەرنى ياراتقان؟قانچىلىغان كەشپىياتلار ‹ئۇيغۇر›تەرىپىدىن ئىختىرا قىلىنغان،؟

سەلتەنىتىمىز نىمە ئۈچۈن يوقالدى؟ يوقۇلۇش ‹ئۇيغۇر›نىڭ ئاخىرقى تەغدىرىمۇ؟ ؟؟؟ بۇ ھەقتە مولھوسۇللۇق يازغۇچى- ئەدىپلىرىمىز تەرىپىدىن خىلى قىممەتلىك ئەسەرلەر روياپقا چىقتى.‹جۈملىدىن ؛مىللىي مەسئۇلىيەت مىللىي مەۋجۇدىيەت ھەققىدە نوپۇزلۇق قەلەم تەۋرەتكەن يازغۇچىلىرىمىزدىن ئابدۇقادىر جالالدىن ،ئەسئەت سۇلايمان،يالقۇن روزى،زۇلپىقار بارات ئۆزباش..... ›قاتارلىقلارنىڭ كىتاپلىرى كىملىكىمىز ۋەئۆزلۈكىمىز ھەققىدە مۇھىم ئۇچۇر بىلەن تەمىن ئەتسە كىرەك.

مەن دەيمەن؛ ۋىژدان باركىشىدە ئىيماننىڭ بولىشى ناتايىن ئەممە ئىيمان بار كىشىدە ۋىژدان چوقۇم بار...........

چۇنكى ۋىژدان ئىيماننىڭ قورغانى ..........

مىللىي ئىپتىخار ،ۋەئانا -يۇرىتقا بولغان يۈكسەك سۆيۈنىشىنى ئىپادىلەشتە دۇنياغا مەشھور ئالىمىمىز ئابدۇقادىر داموللام نىڭ مۇنۇ بايانلىرى يىتەرلىكتۇ.‹مېنىڭ يۇرتۇم ماڭازۇلۇم قىلغان تەغدىردىمۇ سۆيۈملۈكتۇر،مېنىڭ خەلقىم ماڭا بېخىللىق قىلغان تەغدىردىمۇ سېخىيدۇر›-ئەدەپ ئاچقۇچى- دىن

نىمىدىگەن پاساھەتلىك ئىپادىلەش؟ نىمىدىگەن كاتتا مىللىي ئىپتىخار بۇ؟؟؟؟؟؟؟

سىزدە شۇنداق مىللەتكە كۆيۈنۈش بارمۇ؟

توغرا مىللەت بولىدىكەن، ئەيىپ بولىدۇ!،مىللەت بولىدىكەن ،خائىن بولىدۇ!! مىللەت بولىدىكەن،.............بولىدۇ!!!!

 مىللەتنىڭ ئەيىبىنى تۈزەتمەي تۇرۇپ مىللەتنى تۈزىگىلى بولمايدۇ.لىكىن مىللەتنىڭ ئەيىبىنى تىلغا ئالغاندا ‹سەگەت مەكچىمۇ؟›ياكى‹سەسكەندۈرمەكچىمۇ؟› دىققەت بىلەن سۆز قىلغۇلۇق!

سۆزۈمنىڭ ئاخىرىنى تىل مەۋجۇتلىقىغا شۇم تىل تەككۈزگىچىلەرگە ئابدۇقادىر جالالدىننىڭ ‹ئۆزىنى ئىزدەش بوسۇغىسىدا›ناملىق كىتابىدىكى تەسىراتىنى سۇنۇش بىلەن ئاخىرلاشتۇرماقچىمەن.

{2002-16-ئاۋغۇسىت ھەممە ياق جىمجىت.Uyghurlar.yahoo.group نىڭ تور بىتىگە ئانچە-مۇنچە قاراپ قويىمەن.قورساق كۆپىكى،شىكايەت،مۇنازىرە....

خىرستىئانچى كۆچلەر مۇسۇلمانلارغا مۇنازىرە ئاچتى،ئۇ مۇنازىرىدىن ئاخىرى چىكىنىپ قاچتى.كىمدۇر بىرى يېزىقىمىزنى ئۆزگەرتسەك،تەرەقىي قىلىمىز دېدى.تىل جەھەتتە‹‹كۆچ-كۆچ››ئېلىپ بارساق دېگەنمۇ يوق ئەمەس.پىكرى ناجىنىسلار ئۆزىنىڭ ھېچنىمىسىنى ياخشى كۆرمەيدۇ.مەن ئۇلارغا مۇنداق تەكلىپ بەردىم:‹‹ھەممىنى ئالماشتۇرۇشقا ۋاقىت كېتىدۇ،بىز ئالماشتۇرۇپ بولغىچە باشقىلار يۈگۈرۈپ بولىدۇ،ئەڭ ياخشىسى ئاناڭلارنىڭ ئېمىنى ئالماشتۇرۇڭلار،شۇ چاغدىلا بۇنچە كۆپ ئاۋارە بولمايسىلار››.

 مۇنازىرە بىر مەزگىل جىمىپ كەتتى.ياپۇنىيە يېزىقى بىلەن كورىيە يېزىقى قولايلىق يېزىقلاردىن ئەمەس.لېكىن،ئۇلار ئۇچۇر تېخنىكىسىنى مۇشۇ يېزىق بىلەن ئەلا دەرىجىدە ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ.ھەقىقەت شۇ - مەنبەسىدىن ئايرىلمىغان سۇ دۆڭدىنمۇ يول تاپىدۇ.

ئانا تىلىڭ ئۆز كۆزۈڭگە ئوخشايدۇ،قالغان تىللار كۆزەينەك،دۇربۇن،تېلىسكۇپ،مىكرۇسكۇپ....دېگەنلەرگە ئوخشايدۇ.ئۇلار ھەر قانچە ئىلغار بولسىمۇ،كۆزۈڭ يەنىلا ساق بولىشى كىرەك.

بىر زىيالى دانىشمەنگە مۇنداق دەپتۇ: - پەننىڭ قۇدرىتىگە بىرنىمە دېمەك تەس،كۆزەينىكىم بولمىسا نەسىلەرنى تۈزۈك كۆرەلمەيمەن.كۆزەينىكىمنى تاقىۋالسام،قارا كىگىز دە ئۆمىلەپ كېتىۋاتقان قارا چۈمۈلىنىمۇ كۆرەلەيمەن.

ـ ئوبدان دېدىلە ئەپەندى.ئاشۇ قارا چۈمۈلىنى سىلىنىڭ كۆزەينەكلىرى كۆرەمدۇ ياكى كۆزلىرىمۇ؟ ئىشەنمىسىلە كۆزەينەكلىرىنى كاسىلىرىغا توغرىلاپ باقسىلا،- دەپتۇ دانىشمەن.

ئانا تىلىڭ غورۇر،مۇھەببەت،ۋىجدان،ئەقىدىنىڭ تىلى.ئۇ يىلىك.مەرىپەت،ھەقىقەت،قۇترەت ئۇنىڭدىن باشلىنىدۇ. باشقا تىللار گۇۋاھنامە،شاھادەتنامە،كاپالەتنامە،ھوقۇقنامە تىللىرىدۇر.}‹363،364-بەتلەر›

 

 

 

‹ئىنسان پەقەت ئۆزقىلمىشىنىڭ نەتىجىسىنى كۆرىدۇ›سۈرەنەجمە-39ئايەت
سېنىڭ نىيىتىڭ شۇ بولسا كۆردىغىنىڭ ئالدىڭدا !..
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 883
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 90
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە90دانە
ئۆسۈش: 340 %
مۇنبەر پۇلى: 1195 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-08-07
ئاخىرقى: 2012-08-05
يۇمشاق سافا  يوللانغان ۋاقت: 2011-02-10 12:46

مۇشۇنداق ئىسىل يازمىلىرىڭىز ئۇزۇلمىسۇن !...