查看完整版本: [-- كەڭسايدىكى ئىككى شىئېرغا ئىلاۋە ‹كۈرەش› --]

كەڭ ساي مۇنازىرە مۇنبىرى -> شېئىر روبايىلار -> كەڭسايدىكى ئىككى شىئېرغا ئىلاۋە ‹كۈرەش› [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

كۈرەش 2011-01-10 17:10

ئەسسالام ئەلەيكۇم قىرىنداشلار

مىنىڭ بۇ ئورۇندا بايان قىلماقچى بولغىنىمنى بەلكىم نىمىدۇ دىيىشىڭلار مۇمكىن.كەڭساي تورىدا يىقىندا ئىلان قىلىنغان ‹ئانا تىل،ۋە كۆزنى يۇمۇپ يامان دىمەڭ مىللەتنى› ناملىق ئىككى شېئىر ئىلان قىلىندى.شېئىرنىڭ بىر قىسىم قېرىنداشلىرىمىز غا بەرگەن زوق-ئىلھامى تۈپەيلى ياخشى ئىنكاس تەكلىپلەر بىرىلدى.بۇنىڭدىن مۇشۇ ئىككى شېئىرنى يازغان ئاپتۇرلارنىڭ ھەمدە ياخشى ئىنكاسلارنى يوللىغۇچىلارنىڭ مىللىي مەسئۇلىيەت،مىللىي سۆيۈنۈش،ئانا-يۇرىتقا بولغان  ئىپتىخارىنىڭ نەقەدەر يۈكسەكلىكى كۆرۋالغىلى بولىدۇ.

شۇنىڭ بىلەن بىرگە بىرقىسىم ئىنكاسچىلارنىڭ تۇزۇك بىر كىشلىك قاراش دۇنيا قاراش ئىڭىنىڭمۇ يوقلىقىنى مۇنازىرە رايۇنىنى ئۆزىنىڭ نەپسى خوشلىقى.باشقىلارنى مەسخىرە قىلىشنىڭ ۋاستىسى  قىلۋالغانلىقىنى كۆردۇم . مىللى كۆيۈنۈش دىگەن نىمە؟

مىللىي مەۋجۇتلۇق دىگەن نىمە؟ئۇيغۇر كىم؟تارىختا قانداق سەلتەنەتكە ئىگە بولغان؟،قانداق مەدەنىيەتلەرنى ياراتقان؟قانچىلىغان كەشپىياتلار ‹ئۇيغۇر›تەرىپىدىن ئىختىرا قىلىنغان،؟

سەلتەنىتىمىز نىمە ئۈچۈن يوقالدى؟ يوقۇلۇش ‹ئۇيغۇر›نىڭ ئاخىرقى تەغدىرىمۇ؟ ؟؟؟ بۇ ھەقتە مولھوسۇللۇق يازغۇچى- ئەدىپلىرىمىز تەرىپىدىن خىلى قىممەتلىك ئەسەرلەر روياپقا چىقتى.‹جۈملىدىن ؛مىللىي مەسئۇلىيەت مىللىي مەۋجۇدىيەت ھەققىدە نوپۇزلۇق قەلەم تەۋرەتكەن يازغۇچىلىرىمىزدىن ئابدۇقادىر جالالدىن ،ئەسئەت سۇلايمان،يالقۇن روزى،زۇلپىقار بارات ئۆزباش..... ›قاتارلىقلارنىڭ كىتاپلىرى كىملىكىمىز ۋەئۆزلۈكىمىز ھەققىدە مۇھىم ئۇچۇر بىلەن تەمىن ئەتسە كىرەك.

مەن دەيمەن؛ ۋىژدان باركىشىدە ئىيماننىڭ بولىشى ناتايىن ئەممە ئىيمان بار كىشىدە ۋىژدان چوقۇم بار...........

چۇنكى ۋىژدان ئىيماننىڭ قورغانى ..........

مىللىي ئىپتىخار ،ۋەئانا -يۇرىتقا بولغان يۈكسەك سۆيۈنىشىنى ئىپادىلەشتە دۇنياغا مەشھور ئالىمىمىز ئابدۇقادىر داموللام نىڭ مۇنۇ بايانلىرى يىتەرلىكتۇ.‹مېنىڭ يۇرتۇم ماڭازۇلۇم قىلغان تەغدىردىمۇ سۆيۈملۈكتۇر،مېنىڭ خەلقىم ماڭا بېخىللىق قىلغان تەغدىردىمۇ سېخىيدۇر›-ئەدەپ ئاچقۇچى- دىن

نىمىدىگەن پاساھەتلىك ئىپادىلەش؟ نىمىدىگەن كاتتا مىللىي ئىپتىخار بۇ؟؟؟؟؟؟؟

سىزدە شۇنداق مىللەتكە كۆيۈنۈش بارمۇ؟

توغرا مىللەت بولىدىكەن، ئەيىپ بولىدۇ!،مىللەت بولىدىكەن ،خائىن بولىدۇ!! مىللەت بولىدىكەن،.............بولىدۇ!!!!

 مىللەتنىڭ ئەيىبىنى تۈزەتمەي تۇرۇپ مىللەتنى تۈزىگىلى بولمايدۇ.لىكىن مىللەتنىڭ ئەيىبىنى تىلغا ئالغاندا ‹سەگەت مەكچىمۇ؟›ياكى‹سەسكەندۈرمەكچىمۇ؟› دىققەت بىلەن سۆز قىلغۇلۇق!

سۆزۈمنىڭ ئاخىرىنى تىل مەۋجۇتلىقىغا شۇم تىل تەككۈزگىچىلەرگە ئابدۇقادىر جالالدىننىڭ ‹ئۆزىنى ئىزدەش بوسۇغىسىدا›ناملىق كىتابىدىكى تەسىراتىنى سۇنۇش بىلەن ئاخىرلاشتۇرماقچىمەن.

{2002-16-ئاۋغۇسىت ھەممە ياق جىمجىت.Uyghurlar.yahoo.group نىڭ تور بىتىگە ئانچە-مۇنچە قاراپ قويىمەن.قورساق كۆپىكى،شىكايەت،مۇنازىرە....

خىرستىئانچى كۆچلەر مۇسۇلمانلارغا مۇنازىرە ئاچتى،ئۇ مۇنازىرىدىن ئاخىرى چىكىنىپ قاچتى.كىمدۇر بىرى يېزىقىمىزنى ئۆزگەرتسەك،تەرەقىي قىلىمىز دېدى.تىل جەھەتتە‹‹كۆچ-كۆچ››ئېلىپ بارساق دېگەنمۇ يوق ئەمەس.پىكرى ناجىنىسلار ئۆزىنىڭ ھېچنىمىسىنى ياخشى كۆرمەيدۇ.مەن ئۇلارغا مۇنداق تەكلىپ بەردىم:‹‹ھەممىنى ئالماشتۇرۇشقا ۋاقىت كېتىدۇ،بىز ئالماشتۇرۇپ بولغىچە باشقىلار يۈگۈرۈپ بولىدۇ،ئەڭ ياخشىسى ئاناڭلارنىڭ ئېمىنى ئالماشتۇرۇڭلار،شۇ چاغدىلا بۇنچە كۆپ ئاۋارە بولمايسىلار››.

 مۇنازىرە بىر مەزگىل جىمىپ كەتتى.ياپۇنىيە يېزىقى بىلەن كورىيە يېزىقى قولايلىق يېزىقلاردىن ئەمەس.لېكىن،ئۇلار ئۇچۇر تېخنىكىسىنى مۇشۇ يېزىق بىلەن ئەلا دەرىجىدە ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ.ھەقىقەت شۇ - مەنبەسىدىن ئايرىلمىغان سۇ دۆڭدىنمۇ يول تاپىدۇ.

ئانا تىلىڭ ئۆز كۆزۈڭگە ئوخشايدۇ،قالغان تىللار كۆزەينەك،دۇربۇن،تېلىسكۇپ،مىكرۇسكۇپ....دېگەنلەرگە ئوخشايدۇ.ئۇلار ھەر قانچە ئىلغار بولسىمۇ،كۆزۈڭ يەنىلا ساق بولىشى كىرەك.

بىر زىيالى دانىشمەنگە مۇنداق دەپتۇ: - پەننىڭ قۇدرىتىگە بىرنىمە دېمەك تەس،كۆزەينىكىم بولمىسا نەسىلەرنى تۈزۈك كۆرەلمەيمەن.كۆزەينىكىمنى تاقىۋالسام،قارا كىگىز دە ئۆمىلەپ كېتىۋاتقان قارا چۈمۈلىنىمۇ كۆرەلەيمەن.

ـ ئوبدان دېدىلە ئەپەندى.ئاشۇ قارا چۈمۈلىنى سىلىنىڭ كۆزەينەكلىرى كۆرەمدۇ ياكى كۆزلىرىمۇ؟ ئىشەنمىسىلە كۆزەينەكلىرىنى كاسىلىرىغا توغرىلاپ باقسىلا،- دەپتۇ دانىشمەن.

ئانا تىلىڭ غورۇر،مۇھەببەت،ۋىجدان،ئەقىدىنىڭ تىلى.ئۇ يىلىك.مەرىپەت،ھەقىقەت،قۇترەت ئۇنىڭدىن باشلىنىدۇ. باشقا تىللار گۇۋاھنامە،شاھادەتنامە،كاپالەتنامە،ھوقۇقنامە تىللىرىدۇر.}‹363،364-بەتلەر›

 

 

 


albax 2011-01-11 16:58
ۋىجدان _ ئاللانىڭ نامايەندىسى دەپ ئاڭلىغانمەن !

uyokuguqi 2011-01-11 18:42
مىللەتنىڭ ئەيىبىنى تىلغا ئالغاندا ‹سەگەت مەكچىمۇ؟›ياكى‹سەسكەندۈرمەكچىمۇ؟› دىققەت بىلەن سۆز قىلغۇلۇق!

مۇشۇ گەپنى قالتىس قىپسىز قېرىندىشىم

lohman 2011-01-18 18:47
ئورتاق پىكىرلىكلەرگە، ئورتاق كۆرەش.

era13 2011-01-20 14:53
تېما ئىگىسىگە كۆپ رەھمەت ،  ھەقيىقەتەن كۆڭلۇمدىكى گەپلەرنى دەپسىز، شۇنداق بەزىدە ھەقىيقەتەن« تىل ،يىزىق ئالماشتۇرىمىز» دىگەنلەرگە  مىنىڭمۇ سىزدىگەندەك دىگۇم كېلىدۇ!

aliplar 2011-01-21 17:47
:‹‹ھەممىنى ئالماشتۇرۇشقا ۋاقىت كېتىدۇ،بىز ئالماشتۇرۇپ بولغىچە باشقىلار يۈگۈرۈپ بولىدۇ،ئەڭ ياخشىسى ئاناڭلارنىڭ ئېمىنى ئالماشتۇرۇڭلار،شۇ چاغدىلا بۇنچە كۆپ ئاۋارە بولمايسىلار›› ما دەھشەت گەپكەن  

partizan 2011-01-21 20:02
يېزىق ئالماشتۇرۇش بىرئەۋلات ساۋاتسىزلاشتى دىگەن گەپ...شۇنىڭ بىلەن مىللەتنىڭ تەرقىياتى ئازدىگەندىمۇ 50يىل چېكىنىپ كېتىدۇ.ناۋادا يىڭى دۇنيا ئۇرشى بولۇپ بىز يەڭگۈچى تەرەپتە تۇرساق باشقا گەپ...

rabiya 2011-01-29 14:32
تېمىڭىزغا رەھمەت قېرىندىشم...

xayik 2011-02-10 12:46
مۇشۇنداق ئىسىل يازمىلىرىڭىز ئۇزۇلمىسۇن !...

samanyoli 2011-02-10 12:56
ھەقىقەتەن ھەر بىر كىشىنى ئويغا سالغىدەك ياخشى تىما بوپتۇ        

pa^re 2011-02-17 11:29
مۇشۇنداق تېمىلارنى كۆرسە ئادەمنىڭ ھاردۇقى چىقىدۇ .

arzuyum 2011-02-17 11:40
بۇ ھەقىقەتەن كەڭسايغا لايق ياخشى تېمىكەن .

ھەسەن 2011-03-05 12:40
ئالاھ رەھمەت قىلسۇن؟  تىخىمۇ ياخشى تىمىلىرىڭىز بۇلسا يۇللاپ تۇرۇڭ  

تاش 2011-05-20 02:27
مەن "ناچار دېمەڭ مىللەتنى<تەۋسىيە>"دېگەن تېمىنى ۋە ئۇنىڭغا چۈشكەن بىر قىسىم ئىنكاسلارنى كۆرگەندىن كېيىن بۇ تېمىنى يېزىشنى ئويلاشتىم.چۈنكى،مۇنبەردىكى تورداشلارنىڭ خېلى كۆپ قىسمىدا ئۆزىگە خاس كۆزقاراش تېخىچە شەكىللەنمەپتۇ.مىللىتىمىزنىڭ ئىللىتىنى كۆرسىتىپ بەرگەن ئەسەرنى كۆرسىمۇ ياخشى يېزىلىپتۇ دەپ،مىللەتنى ناچار دېمەڭ دېسىمۇ ياخشى يېزىلىپتۇ دەپ باھالارنى بىرىۋىرىدىكەن.ئەمدى،ئاساسىي مەقسەتكە كەلسەم،مىللىتىمىزنىڭ ئىللەتلىرىنى كۆرسىتىپ ئەسەر يازىدىغانلار ھەرگىزمۇ مىللەتنى باشقا مىللەتلەردىن چۈشۈرۈش ئۈچۈن ياكى مىللەتنى تىللىۋېلىش ئۈچۈن يازمايدۇ.بەلكى،مىللىتىمىز ئىچىدىكى كىشىلەرنىڭ چۈشكۈنلىشىپ كىتىۋاتقانلىقىدىن،باشقا مىللەتلەرنىڭ يامان ئىللەتلىرىنى ئۈگىنىۋېلىپ،ئۇنى بار كۈچى بىلەن زورايتىۋىتىپ بارغانلىقىدىن ئەپسۇسلىنىپ يازىدۇ.بۇنداق ئەسەرنى يازىدىغانلار قانداقتۇ،«ناچار دېمەڭ مىللەتنى<تەۋسىيە>»دە دېيىلگىنىدەك ۋە ئىنكاسلاردا دىيىلگىنىدەك ئۇنداق ناچار كىشىلەر ئەمەس.ئەگەر ناچار دېسەك ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنى نېمە دەيمىز؟لۇتپۇللا مۇتەللىپنى نېمە دەيمىز؟ئەختەم ئۆمەر"ئۆزىمىزنى ئىتىراپ قىلايلى "دېگەن كىتىپى ئارقىلىق بىزدىكى خېلى كۆپ ئىللەتلەرنى ئىتىراپ قىلغان.زۇلپىقار بارات ئۆزباش "شىنجاڭ مەدەنىيىتى"ژۇرنىلىدا بىرقىسىم ئەسەرلەرنى يېزىپ بىزدىكى زامانىۋى ئىللەتلەرنى ئىتىراپ قىلغان.بۇ كىشىلىرىمىزنى نېمە دەيمىز؟؟ئۈمەرجان ئالىمنىڭ ناخشا تېكىسىتلىرىنى يېزىپ بەرگەن شائېرلىرىمىزنى نېمە دەيمىز؟تاشمۇھەممەت باتۇرنىڭ ناخشا تېكىسىتلىرىنى يېزىپ بەرگەن شائېرلارنى نېمە دەيمىز؟ئۈمەرجان ئالىمنى،تاشمۇھەممەت باتۇرنى نېمە دەيمىز؟ھەممىمىز ياخشى ئويلىنايلى،مىللىتىمىزنى ماختىيالايدىغانلار ھەقىقىي قايىل بولغىدەك ماختايلى.ھەقىقىي سەزگۈرلەر مىللىتىمىزنىڭ ئىللەتلىرىنى ۋاقتىدا كۆرسىتىپ بىرەيلى.ئەمما،ئۈمدنى ئۈزمەيلى!بىز ھامان تۈزىلىمىز.چۈنكى،ئابدۇخالىق ئۇيغۇر،لۇتپۇللا مۇتەللىپ قاتارلىقلارنىڭ ئىللەتلىرىمىزنى كۆرسىتىپ بىرىشى بىلەن بىزنىڭ خېلى كۆپ ئىللەتلىرىمىز تۈزەلدى.خەيىر،مەن كۆپ گەپ قىلماي،پەقەت بارلىق تورداشلارغا ئەختەم ئۆمەرنىڭ"ئۆزىمىزنى ئىتىراپ قىلايلى"دېگەن كىتاپنى،زۇلپىقار بارات ئۆزباشنىڭ ماقالىلىرىنى،"ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى ئەخلاقى"دېگەن كىتاپنى ئوقۇپ بېقىشقا تەۋسىيە قىلىمەن

uqmasot 2012-01-31 12:12
ھەممە ئادەم ئويلانغىدەك تېمىكەن رەھمەت سىزگە

unqa 2012-03-16 22:32
راسلا ھاردۇقى چىققۇدەك ئەھمىيىتى بار تىمىكەن .

تۇتىيا 2012-06-02 12:58
ئۆزىمىزگە ئېشىنەيلى،ئېشەنچ ھەممىنىڭ ئاساسى.

چىمەنزار 2012-06-02 13:16
نېم دېگەن بەلەن تېما !ئاللا رەھمەت قىلسۇن

چىمەنزار 2012-06-02 13:26
ئانا تىلىڭ ئۆز كۆزۈڭگە ئوخشايدۇ،قالغان تىللار كۆزەينەك،دۇربۇن،تېلىسكۇپ،مىكرۇسكۇپ....دېگەنلەرگە ئوخشايدۇ.ئۇلار ھەر قانچە ئىلغار بولسىمۇ،كۆزۈڭ يەنىلا ساق بولىشى كىرەك.
-------------------
    ئانا تىلىڭ غورۇر،مۇھەببەت،ۋىجدان،ئەقىدىنىڭ تىلى.
-----------------
تېما ئېگىسىگە رەھمەت ! يۇقارقىدەك ياخشى جۈملىلەرنى ھېكمەت خاتىرىسگە كۆچۇرىۋالغۇدەككەن....

aliya 2012-06-06 21:20
ئويلانغىدەك ئەھمىيتى بار تىمىكەن .


查看完整版本: [-- كەڭسايدىكى ئىككى شىئېرغا ئىلاۋە ‹كۈرەش› --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.068943 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us