سەھەردە ئورنىڭىزدىن تۇرۇپلا بىر چىنە قىزىق چاينى سوۋوتۇپ ناشتىدىن ئاۋۋال ئىچىۋىتىشنى چوقۇم ئۇنتۇماڭ.بۇنى ئۇزۇن مۇددەت داۋاملاشتۇرسىڭىز كېسىلىڭىز بولسا ساقىيىسىز،بولمىسا ساغلام ياشايسىز.
قانچىلىك ئالدىراش بولۇشىڭىزدىن قەتئىينەزەر ناشتا قىلىشنى ھەرگىز ئۇنتۇماڭ.چۈنكى ناشتا قىلماسلىق ئۆمرىڭىزنى قىسقارتىۋىتىدۇ.
سىرتقا چىقماقچى بولسىڭىز ئۆزىڭىزگە بىر قۇر سەپسىلىشنى پەقەت ئۇنتۇماڭ.شۇنداق قىلسىڭىز ياقتۇرمايدىغان ئادەملىرىڭىزنىڭ مەسخىرىسىدىن ساقلىنالايسىز.
ئىشىكتىن چىقىشتىن ئاۋۋال ئۆيدىكىلىرىڭىزگە خوش دىيىشنى قەتئىي ئۇنتۇماڭ.چۈنكى بۇنىڭ ئاخىرقى خوشلىشىش بولۇپ قېلىشىنى ئالدىن مۆلچەرلىيەلمەسلىڭىز مۇمكىن.
بۈگۈن نېمىلەرنى قىلىدىغانلىقىڭىزنى كۆڭلىڭىزگە پۈكۈۋېلىڭ ،ئاۋارىچىلىقتىن قۇتۇلاي دېسىڭىز ئۇلارنى شۇ كۈنىلا تۈگىتىشنى ئۇنتۇماڭ.
سەھەردە ئالدىڭىزغا ئۇچرىغان تونۇش - بىلىشلىرىڭىزدىن كۈلۈمسىرەپ تىنچ - ئامانلىق سوراشنى ئۇنتۇماڭ.چۈنكى سەمىمىي ئەھۋال سوراش ئىككىلا تەرەپنى خۇشاللىققا چۆمۈلدۈرەلەيدۇ.
ئۆزىڭىزنىڭ ھازىرقى ئەڭ چوڭ بايلىقىڭىزنىڭ نېمىلىكىنى بىلىڭ ھەم ئۇنى قەدىرلەشنى ئۇنتۇماڭ.
كۆرۈشمىگىلى ئۇزاق بولمىغان ئۇرۇق - توغقان، ساۋاقداش، دوست - يارەنلىرىڭىزدىن كۈندە بىرەرى بىلەن تېلېفۇنلىشىشنى ئۇنتۇماڭ. چۈنكى بۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى شادلاندۇرالايسىز.
ھاياتىڭىز ھەمىشە مەنىلىك ئۆتۈشى ناتايىن ،ئوڭۇشسىزلىققا، پېشكەللىككە يولۇققىنىڭىزدا ئۆزىڭىزگە تەسەللىي بولىدىغان ياخشى ئۇسۇلدىن بىرنى تېپىۋىلىڭ ،ئۇنتۇماڭكى غەمكىن بولسىڭىز روھسىزلانماڭ،خۇشال بولسىڭىز ئاشۇرۋەتمەڭ.
ئۆيىڭىزدە ياشانغانلار بولسا ھەرگىز قۇرۇق قول كەلمەڭ،ھېچ بولمىغاندا نان، سۈت، مېۋە بولسىمۇ ئالغاچ كېلىڭ.
-پەن ۋە تۇرمۇش ژۇرنىلىدىن