ئېنگىلىزتىلىنى ئۈگىنىۋاتقانلارنىڭ مۇتلەق كۆپىنچىسى لىياڭنىڭ ئەسەبىيلەر ئېنگىلىزتىلى كىتابىنى بىلىشى مۇمكىن.بۇ كىتاب باشلانغۇچ سەۋىيەدىن يوقىرىلاپ ماڭىدىغان ھەقىقىي نان تىگىدىغان كىتابلارنىڭ بىرى.مەن بۇ كىتاب ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە بىرەي:
ئۇيغۇرچە نامى:ئەسەبىيلەر ئېنگىلىزتىلى
ئېنگىلىزچەنامى:Crazy English
خەنزۇچە نامى:疯狂英语"脱口而出"
كىتاب ئاپتۇرى :لىياڭ"李阳"، دۇنياغا داڭلىق ئېنگىلىزچە ئىغىزتىلى مۇتەخەسسسى،20نەچچە يىلدىن بىرى،200دىن ئارتۇق شەھەرلەردە تەكلىپ بىلەن ئېنگىلىزتىلى ئۆتكەن،پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا30مىلىيۇندىن ئارتۇق ئېنگىلىزتىلى ھىرىسمەنلىرى ئۇنىڭ نادىر لىكسىيەسىنى ئاڭلىغان،ئۇيەنە ياپۇنىيە، كورىيە ۋە ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەرگە تەكلىپكە بىنا ئەن ئەسەبىيلەر ئېنگىلىزتىلى ۋە ئەسەبىيلەر خەنزۇتىلىنى ئۆتكەن.دۇنياغا داڭلىق مائارىپ ماركىسى ئەسەبىيلەر ئېنگىلىزتىلى ۋە ئەسەبىيلەر خەنزۇتىلىنى يارتقان.ئىشقىلىپ سۆزلىسەك كۆپ.ئۇنىڭ ئىش-ئىزلىرى،ئۈگۈنۈش روھى ھەقىقەتەن ئۈگۈنۈشكە ئەرزىيدۇ.
بۇنى ئۈگىنىۋاتقان چاغلىرىمدىمۇ مىنى شۇنداق جەلىپ قىلغان،بۇ كىتابنىڭ7قىسمى نەشىردىن چىققىپ بولغان.لىكىن مېنىڭچە بولغاندا ھەر قىسىم كىتابدىكى 100نەچچە جۈملە شەكلى ۋە 100نەچچە نادىر جۈملىلەرنىلا ئۈگۈنۈڭ،ھەممىسىنى ئۈگەنسىڭىز تىخى ياخشى مىنىڭچە بولغاندا پەقەت مۇشۇ جەمئىي 200نەچچە جۇملە ۋە جۈملە شەكلىنى ئۈگەنسىڭىزلا بولىدۇ<تەجىربەمنى سۆزلەۋاتىمەن>.بۇنىڭ يەنە mp3شەكلى بولغاچقا ئۈگۈنىشىڭىزگە تىخمۇ ياردىمى تىگىدۇ.باشقىسىنى ئادىشىپ قالماڭ مۇشۇ 疯狂英语"脱口而出"ناملىق كىتابنى ئۈگۈنىسىز.لىياڭنىڭ بۇنىڭدىن باشقا كىتابلىرىمۇ بولغاچقا ئەسكەرتىش بىرىپ قويدۇم.بۇ كىتابنى ھەرقايسى شەخسى كىتابخانىلاردىن ئالساڭلار ئاسان توختايدۇ.ئۆزى سەل قىممەترەك،لېكىن ئەرزىيدۇ.توردىن چۈشۈرىمەن دەپ يۈرمەڭ،قولىڭىزدىكى كىتابدىن ئۈگەنگەنگە يەتمەيدۇ.
ئەرئوغۇز تەييارلىدى.
مەنبە:ئەرئوغۇز ئېنگىلىزتىلى بلوگى؛
ئادرىسى:
http://eroghuz.blogbus.com/logs/91801885.html ئەسكەرتىش:ئەگەر كىتابىنى چۈشۈرىمەن دەپ تۇرىۋالساڭلار بۇ ئادرىسدىن چۈشۈرۈڭلار:
http://eroghuz.blogbus.com/logs/98064118.html