ئادەمنىڭ ئىككى ئايىغى يۈرەككە يىراق جايلاشقانلىقتىن قان كەمرەك كېلىدۇ،ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاياغنىڭ تېرە ئۈستى ياغ قاتلىمى نېپىز بولغانلىقى ئۈچۈن ئادەتتە
ئومۇمەن ئاياغ تېرىسىنىڭ تېمپىراتۇرىسى تۆۋەن بولىدۇ.ۋاھالەنكى،پۇتنىڭ ئالقىنى بىلەن ئۈستۈنكى نەپەس يولى شىلىمشىق پەردىسىنىڭ ئارلىقىنى نېرۋا تومۇرلىرى
زىچ باغلاپ تۇرىدۇ.قاچانكى ئاياغ مۇزلايدىكەن، ئۈستۈنكى نەپەس يولى شىلىمشىق پەردىسىنىڭ ئىچكى قىسىمىدىكى ئىنچىكە قان تومۇرلىرى رېفىلكىس ھالىتىدە
قىسقىراق پۈرەكچىلەرنىڭ ھەركىتى ئاستىلاش بىلەن ئىممۇنىتلار كۆزگە كۆرۈنەرلىك ھالدا سۇسلىشىدۇ.شۇنىڭ بىلەن بۇرۇن،كېكىردەكتىكى ۋىرۇس،مىكرۇپلار پۇرسەتتىن
پايدىلىنىپ ئىچكىرىگە ئۆتىدۇ ۋە ھەدەپ كۆپىيىش بىلەن زۇكام قاتارلىق ھەرخىل كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.دىمەك،قىش كۈنلىرىدە پۇتىڭىزنى ئىسسىق
ساقلاشقا دىققەت قىلىـــــــــــڭ.
مەنبــــــــــــە(سالامەتلىككە دائىر مەسلىھەت)