باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 880 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: ئىسلامى شىئىېرلار
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 847
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 46
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە46دانە
ئۆسۈش: 540 %
مۇنبەر پۇلى: 833 سوم
تۆھپىسى: 2 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-08-04
ئاخىرقى: 2012-07-28
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-01-07 23:22

ئىسلامى شىئىېرلار

سەن دىمەيسەن تارتقىنىڭنى ئەزىيەت[شېئىر]

1  ھەر كۈن ھەر چاغ تارىخ بەتكە قارىساڭ

پەيغەمبەرلەر قىسسىسىنى ئويلىساڭ

ئەتراپىڭغا چۇڭقۇر نەزەر تاشلىساڭ

سەن دىمەيسەن تارتقىنىڭنى ئەزىيەت



2  پەيغەمبەرنىڭ 13 يىللىق ھاياتى

قۇرەيىشلەرنىڭ قىيىن-قىستاق ئازابى

كۆز ئالدىڭدىن ئۆتسە كۈندە نەچچە رەت

سەن دىمەيسەن تارتقىنىڭنى ئەزىيەت



3  بىلال،ئەممار، خەببابلارنىڭ تارىخى

سۇمەييە ھەم ياسىرلارنىڭ ۋاپاتى

ئويلاندۇرسا ئىلگىركىلەر ھاياتى

سەن دىمەيسەن تارتقىنىڭنى ئەزىيەت



4  ھىجرەت قىلغان مۇسۇلمانلار ھەبەشكە

كەچكەن ھەممە نەرسىسىدىن بەس-بەستە

قارىمىغان دۇنيالىققا ھەۋەستە

سەن دىمەيسەن تارتقىنىڭنى ئەزىيەت



5  <<لا الە الااللە >> نى قانۇن قىپ

تىرىك ئىسلام ھاياتىنى جەۋلان قىپ

ئۆتكەنلەرنى ئويلىساڭ سەن نەچچە رەت

سەن دىمەيسەن تارتقىنىڭنى ئەزىيەت



6  مانا بۇلار رازى قىلغاچ رەببىنى

تىرىك تۇرۇپ بەرگەنتى خۇش بىشارەت

ئويلاپ باقساڭ ئۈلگە قىلغان ھاياتنى

سەن دىمەيسەن تارتقىنىڭنى ئەزىيەت



7  ۋارىس بولساڭ ئىلگىركىلەر سېپىگە

شۇندا ھەمرا ساڭا بەخت - سائادەت

قىززىقساڭ سەن ئاشۇ جەننەتكە

سەن دىمەيسەن تارتقىنىڭنى ئەزىيەت


ھالى خاراپ[ئىسلامىي شېئىر]






1  مۇسۇلماننى قوغلاپ يۈرگەن مەلئۇنلارنىڭ ھالى خاراپ

بىزنى بىرىگە چېقىپ يۇرگەن ئازغۇنلارنىڭ  ھالى خاراپ

بۇ دۇنيادا يۈرسىمۇ ساق،ھارامنى يەپ سېلىپ قورساق

پات-پۇرسەتتە،قىيامەتتە بۇلۇر ئۇنىڭ جىسمى كاۋاپ



2  يوللار تۇسۇپ ،ئۆي ئاختۇرۇپ مۇسۇلمانغا ئەزىيەت قىپ

ئىككى تۆت تال پۇلنى كۆزلەپ ،ئۆزدىنىدىن پۈتۈن كىچىپ

مۇسۇلماننىڭ كۆز يېشىدىن مەمنۇن بۇلۇپ ،پەخىرلىنىپ،

يۈرگەنلەرنىڭ  پات- پۇرسەتتە بۇلۇر ھالى ئىتتىن خاراپ



3  مەن ئىمام دەپ جار سېلىپ قۇرئان -ھەدىسلەرنى بۇرمىلاپ

ئايەت -ھەدىس يۇلىنى ئىبلىس يۇلىغا توغىرلاپ

ئۆز مەسئۇلىيىتىنى تۇنىماي ئامانەتنى ئوغىرلاپ

كاپىرلارغا يان باسقاننىڭ پات-بۇرسەتتە ھالى خاراپ.



4  مۇقىملىقنى سۆزلىگەن ،سوتسىيالىزىمنى كۈيلىگەن

ئىسلام يۇلى  خاتا دەپ ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرىگەن

كاپىرلاغا يان بېسىپ ،ئىسلامنى ئۆگەيلىگەن

بۇنداقلارنىڭ پات- پۇرسەتتە ھالى خاراپ






پارتىيەگە تەشەككۈر[ئىسلامىي شېئىر]






1  قاراڭغۇلۇق قاپلىغان زۇلمەت كەبى تۈنلەردە

ئاچارچىلىق،بۇزۇقلىق ئەۋج ئالغان كۈنلەردە

<<رەببىم،ئاللاھ >> دىگەنلەر خارلىنىۋاتقان پەيتلەردە

يىتەكچى بۇپ ئاتلانغان پارتىيەگە تەشەككۈر



2  باتىل قانۇن تۈزۈمدە ئۈممەت بولدى ۋەيرانە،

كاپىررر ئىنسان دەردىدە ھەربىر ئىنسان سەرسانە

ھەقىقەتنى مەشئەل قىپ قاراڭغۇلۇق زۇلمەتتە،

جاھىليەتنى قۇتقۇزغان پارتىيەگە تەشەككۈر



3  كۇفرى، باتىل، شىرىكلەر ئەۋج ئالغان دۇنيادا،

ھەق ئىسلامدىن ئايرىلىپ ، تىڭىرقاشتا تۇرغاندا

ئوت ئىچىدىن يول ئېچىپ ،تەرىقەتنى كۆرسىتىپ

رەتكە سالغان ئۈممەتنى  پارتىيەگە تەشەككۈر



4  ھاياتلىقنى ھىدايەت ئۆلچىمىدە چىگىرلاپ ،

بارچىلانغان قەلىبنى بىر نۇقتىغا توغىرلاپ.

بۇزۇق،باتىل پىكىرنى يىلتىزىدىن قۇمۇرۇپ،

توغرا يولغا باشلىغان پارتىيەگە تەشەككۈر



5  قۇتۇلدۇرۇپ ئۈممەتنى  قاراڭغۇلۇق زۇلمەتتىن،

بۇزۇقلۇقنى تارقاتقان ئاسىي پىكرەت يۇلىدىن

تازىلاشنى غايە قىپ كۇفرى،باتىل، شىرىكتىن

تەرىقەتكە چاقىرغان پارتىيەگە تەشەككۈر



6  ئۆز رەببىنى تۇنۇتۇپ ھىدايەتكە چاقىرغان

بارچىلانغان تەنلەرگە قۇۋۋەت بېرىپ ئويغاتقان

ئىتائەتسىز ئۆلۈمدىن پىكىر بىلەن قايتۇرغان

ھەقىقەتكە چاقىرغان پارتىيەگە تەشەككۈر



7  ئۆز رەببىنى تۇنۇتۇپ ،ساپ ئەقىدە تۇرغۇزغان

تەقدىم قىلىپ بارىنى ئۆز نەپسىدىن ۋاز كەچكەن.

ساھابىنى ئۈلگە قىپ ،ئۈممەت ئۈچۈن ئاتلانغان

پاك سىياسىي ئىسلامىي پارتىيەگە تەشەككۈر



8  چىدامچانلىق سەبرىنى ھەر قەدەمدە بار قىلغان

رەسۇلۇللاھنى ئۈلگە قىپ ،ھەق ئىسلامنى يار قىلغان.

ئۈممىتىم دەپ ئاھ چىكىپ پىغانلاردا زار بولغان

ۋولقان كەبى ئېتىلغان پارتىيەگە تەشەككۈر



9  كۆپ پارتىيە ئىچىدىن پۇلات كەبى تاۋلانغان

ئۈممىتىم دەپ ئىزدىنىپ ھەق يۇلىدا تاللانغان  

كەلگەن ئېغىر سىناقنى بۈيۈك نېمەت دەپ بىلگەن،

ئۈلگە ئالغان رەسۇلدىن پارتىيەگە تەشەككۈر



10  غايەڭ ئۈچۈن ئاتلىنىپ، ھەق يۇلىدا ئىزدەندىڭ

ساپ پىكرەتنى كۆرسىتىپ ،چەلكەشلىكنى تۈگەتتىڭ.

ئاجىز ئۈممەت قەلبىنى روھىڭ بىلەن ئويغاتتىڭ

قىيامەتنى ئەسلەتكەن پارتىيەگە تەشەككۈر .



11. سەن بولغاچقا ئۈممىتىم بىر بۇلاقتىن سۇ ئىچتى

ۋەتەن ، مىللەت يۇقۇلۇپ قېرىنداشلىق نۇر چاچتى.

غايەڭ ئۈچۈن قۇشۇنۇڭ داۋانلاردىن يول ئاچتى

روھىي قۇۋۋەت بەرگۈچى پارتىيەگە تەشەككۈر



12  نام شۆھرىتىڭ تارقالدى پۈتۈن دۇنيا ئەللەرگە

سىڭىپ كىردى پاك نامىڭ بارچە ئىنسان قەلبىگە ،

زەربە بەردىڭ ئوق كەبى قاراڭغۇلۇق زۇلمەتكە

كاپىرلارنى تىترەتكەن پارتىيەگ تەشەككۈر






ئىسلامىي پارتىيە[شېئىر]




    

1  ئىنسانلارنىڭ يۇلىنى يۇرۇتتۇڭ سەن پارتىيە ،

جاھىليەت قوينىدىن قۇتۇلدۇردۇڭ پارتىيە .

بۇزۇقلۇقنى تۇنۇتۇپ ئۆزگەرتتىڭ سەن پارتىيە ،

قېرىنداشلىق مېھرىنى چىڭىتتىڭ سەن پارتىيە



2  ھەقىقەتنى ئۆگەتكەن ساپ-سىياسىي پارتىيە،

چەلكەشلىكنى تۈگەتكەن خەلىقئارالىق پارتىيە.

كاپىرلارنى قورقۇتقان جانلىق ئۈلگە پارتىيە

قەلىبلەرنى ئويغاتقان دائىم سەزگۈر پارتىيە.



3  ئۆز رەببىنى تۇنۇتۇپ تەنبىھ بەرگەن پارتىيە

تېپىپ رەسۇل يۇلىنى ئۈلگە قىلغان پارتىيە

قىيامەتلىك بەخىتنى كۆرسەتتىڭ سەن پارتىيە

پارچىلانغان ئۈممەتنى قۇتقازدىڭ سەن پارتىيە



4  پەيغەمبەردىن باشقىغا ئەگەشمەڭ دەپ ھەر دائىم،

باتىل ئۇنىڭ ئۆزگىسى دەپ سۆزلىگەن پارتىيە

يول كۆرسەتتىڭ زىمىندا تازىلاشقا شىرىكنى،

ئىسلامىيلىك يۇلىغا يىتەكلىدىڭ پارتىيە



5  ئايەت-ھەدىس ئارقىلىق قۇرۇلغان سەن پارتىيە

ھاياتنىڭ قىممىتىنى كۆرسەتتىڭ سەن پارتىيە.

سىياسەت جىسمىڭ سىنىڭ،غالىپتۇر سەن پارتىيە،

جەننەتكە قىززىقتۇرۇپ يول باشلىغان پارتىيە



6  كۆپ پارتىيە ئىچىدىن تاللانغان ئۇ پارتىيە

بۇيرۇق-تۇسۇق قۇرئاندىن. ئالغان غالىپ پارتىيە،

رەزىل قانۇن-تۈزۈمدىن قۇتقۇزۇشنى ئۈممەتنى،

ئۆزئۈستىگە ئېپ دائىم ھەركەت قىلغان پارتىيە



7  ئەڭ ئاخىرقى نىشانىڭ دۆلەت قۇرۇش دۇنيادا،

كاپىرلارنى خار قىلپ ،ئىسلام يېيىش بارچىغا.

شۇ سەۋەبلىك ئاخىرى يىتىش ئالىي ماقامغا،

نىشانىڭغا ئىنتىلىپ ئىلگىرلەيسەن پارتىيە



8  پۈتۈن ئەلگە تارالدى سىنىڭ نامىڭ پارتىيە

ئەگىشىۋاتقان قۇشۇنىڭ كۆپەيمەكتە  پارتىيە

كاپىرلارنى نەس باستى سەن بولغاچقا پارتىيە

قاراڭغۇلۇق يۇرۇيدۇ سەن بىلەنلا پارتىيە .






قىلايلى دەئۋەت=[ئىسلامىي شېئىر]






1<<ئاللاھ يوق >> دەپ ماددىنى ئىلاھ قىلىپ كۆرسەتكەن ،

ھەقىيقەتتە ماڭغاننى<< تىرورچى >> دەپ كۆرسەتكەن.

دەئۋەتچىنى ئۈممەتكە << ئەسەبىي >> دەپ كۆرسەتكەن

ئاسىي مەلئۇن شەيتانغا قارشى قىلايلى دەئۋەت



2  ھەيۋە قىلىپ بىزلەرگە سەنلەر بىزدىن قورق دىدى،

ئەگەر بىزدىن قورقمىساڭ جاجاڭ بىر پاي ئوق دىدى.

بۇ دۇنيادا ياشايسەن ،جەننەت-دەۋزاق يوق دىدى،

بۇ تۇزكور كاپىرلارغا قارشى قىلايلى دەئۋەت.



3  بۇ دەئۋەتنىڭ نۇرىنى پارلاندۇرۇپ ھاياتتا،

ئۈلگە قىلىپ رەسۇلنى تەرىقەتتە،ئۆلچەمدە.

ئاتلىنايلى كۈرەشكە رەبنى رازى قىلىشقا،

ساھابىلار ئىزىنى بېسىپ قىلايلى دەئۋەت.



4  << لا الە اللااللە>> بايراق بولسۇن دۇنيادا،

بارچە قەلىپ بىرلىشىپ يەتسۇن ئالىي ماقامغا.

ئىسلامىيلىك نۇرلىرى چاقناپ كەتسۇن ھاياتتا،

رەببىمىزنى رازى قىلىپ بىز قىلايلى دەئۋەت!!!
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5262
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 9
ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە9دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 90 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-28
ئاخىرقى: 2011-01-08

ئاللاھ ئەجرىڭىزنى بەرسۇن قېرىندىشىم،ئىلىمىڭىز نى زىيادە قىلسۇن.ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن ئامىن.
i love allah forever
ئۆلۈم،ئۇ ئىشنىڭ باشلىنىشى!
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 909
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 327
ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە327دانە
ئۆسۈش: 590 %
مۇنبەر پۇلى: 3935 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-08-09
ئاخىرقى: 2011-02-18
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-01-08 23:01

  مەنبە قىنى؟ ئۆزىڭىزمۇ ياكى... ...؟؟؟
كۆزلىرىمدە تىترەپ تۇرار بىر لەھزە ياش
ئول سەۋەبكى بەكمۇ خۇنۈك ئاجىز قۇياش
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 847
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 46
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە46دانە
ئۆسۈش: 540 %
مۇنبەر پۇلى: 833 سوم
تۆھپىسى: 2 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-08-04
ئاخىرقى: 2012-07-28
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-01-08 23:13

مەنبە ( ھەقىقەت توربىتى)