مەن بۇرۇندىنلا كۇچىلاردا خىيال سۇرگەچ كۇچىلارنى ئايلىنىشقا ئۆتكەن كەچكەنلەرنى شەھرىمىزدىكى ئۆزگىرىشلەرنى ، جەمىيەتتە بولۇپ ئۆتكەن ئىشلارنى كۆزىتىشكە ئامىراق ئىدىم ، مانا بۇگۇنمۇ شۇ خىياللاردا كۇچىغا چىقتىم ، كىچىلارنى ئايلىنىپ شەھرىمىزنىڭ ئاۋات رەستىسىگە كەلگىنىمدە يېنىمدىكى بىر بوۋاينىڭ «ھەي ھازىرقى قىزلار نىمە بولۇپ كىتىۋاتىدىغاندۇ ، يولدا شۇنداقمۇسەت قىلىقلارنى قىلىشىپ ماڭامدۇ »دىگەن ئاۋازى قولۇقىمغا كىرىپ قالدى ، مەن شۇ ۋاقىتتا ئىسىمنى يېغىپ ئالدىمغا قارىدىم ، ئالدىمدا 5-6 قىز كىتىپ باراتتى ، ئۇلار كىچىك قىزلار بۇلۇپ قارىماققا 17-18ياشلار چامىسىدا ئىدى ،ئۇلارنىڭ كىيىنىشى شۇنچىلىك چاكىنا ئىدى ، ئۇلارغا ھەممە ئادەم قارىشاتتى ،ئەمما ئۇلار بۇنى بىلمىگەندەك سەت كۇلىشىپ ، بىر -بىرسىنى قىچىقلىشىپ ئېيتاۋۇر مايمۇن قىلمايدىغان ھەرىكەتلەرنى قىلىشىپ يولنىڭ ھەممە يىرىنى بىر ئېلىپ كىتىپ باراتتى ، مەن ۋە ھېلىقى بوۋاي ئۇلاردىن نەچچە قەدەملا كەينىدە بولۇپ ئۇلار پىيادىلىكلەر يولىنىڭ ھەممىسىنى ئىگىلەپ ماڭغاچقا يا بەك كەينىدە قالالماي يا ئالدىغا ئۆتەلمەي كىتىپ باراتتۇق ،ئارلىقىمىز ئۇنچە يېقىن بولمىسىمۇ ئۇلار چېچىۋالغان ئۆتكۇر ئەتتىر پۇرىقى دىمىقىمىزغا ئۇرۇلۇپ تۇراتتى ،ھېلىقى بوۋاي يەنە گەپ باشلىدى « مۇشۇ كەمدىكى قىزلار كىچىك تۇرۇپ بۇزۇلۇپ كىتىپ بارىدۇ ،بىز ياش چاغلىرىمىزدا قىزلار بەك ھايالىق ئىدى ، ھازىرقى قىزلار ھەي...» بوۋاي ئۇھ سىنىپ قويۇپ جىمجىت يولىنى داۋاملاشتۇردى ، مەن بولسام ئۇنتۇنسىز كىتىپ باراتتىم ، بىز شۇ تەرىقىدە مېنىڭ بىر جايغا كەلگەندە ئالدىمىزدىكى ماڭغان قىزلار ئۇدۇلدىن كەلگەن ، بېشىغا ياراشتۇرۇپ ياغلىق چەگكەن ، چىرايىنى تۇپا باسسىمۇ تەبىي چىرايلىقلىقىنى يۇقاتمىغان قارىماققىلا سەھرا قىزى ئىكەنلىكى چىقىپ تۇرىدىغان بىر قىزغا سوقۇلدى.
_كەچۇرۇڭ سىڭلىم ،_دىدى سەھرالىق قىز ئوڭايسىزلانغان ھالدا
_ نىمىنى كەچۇردۇ ، كۆزۇڭگە قاراپ ماڭساڭ بولمامدۇ ، ھو ~~~~،_ ئۇ قىزلارنىڭ ئارىسىدىن ئورۇق كەلگەن كۆزلىرى خۇمالىشىپ ئاران ئېچىۋاتقان سەھرالىق قىزنى سۇقىۋەتكەن قىز ئۇنى ئېغىزغا ئالغۇسىز سەت گەپلەر بىلەن ھاقارەتلەشكە باشلىدى ، بىز ئۇ ۋاقىتقىچە ئۇلارنىڭ قېشىغا كىلىپ تۇختىدۇق ، ھېلىقى بوۋاي ئاچىقىنى باسالمىدى بولغاي :
_ ھەي قىزىم سىز نىمىداق بىشەم ، سىز بۇ قىزنى سۇقىۋەتسىڭىز ئۇ سىزدىن كەچۇرۇم سورىسا يەنە سىز ئۇنى ھاقارەتلەۋاتىسىزغۇ ؟_دىدى بوۋاي سېلىق گەپلەر بىلەن
_ قاراڭلار بالا ما يەردە بىر ئالجىغان قېرى ماڭا گەپ قىلىۋاتىدۇ ... قىزلار سەت كۇلۇشتى
_ ھە قېرى ئۇ سېنىڭ نىمەڭ ئىدى ، خوتۇنۇڭمۇ ياكى قېرىغاندا ھالىڭغا باقماي تۇتىۋالغان ئاشناڭمۇ ؟ ھازىرقى قېرىلا شاش جۇمۇ قىزلار .... ھېي..ھېي ...
_ ئۇياتسىز ، شەرمەندىلەر .... بوۋاي ئاچىقىدىن يېرىلغۇدەك بولۇپ ئۇ قىزغا ئېتىلدى ، مەن بوۋاينى تۇتىۋالدىم چۇنكى بۇنداق بىر نىمىلەرگە گەپ قىلغاننىڭ قىلچىلىك پايدىسى يوق ئىكەنلىكىنى «نادانغا قىلغان ئېسىت سۆزۇم »دەپ قالىدىغانلىقى ئېنىق ئىدى ، ھېلىقى قىزمۇ بوۋاينى ھاقارەتلەشكە باشلىدى ، ئۇ چاغقىچە ئادەملەر يېغىلىپ قالغاچقا ئىشنىڭ ئەپلەشمەيۋاتقانلىقىنى سەزگەن بىر قىز ئۇنى تارتىپ:
_ جۇرە ئاداش ماڭايلى ، دىسكۇخانىنى بۇ چاغقىچە ئېچىپ باشلاپ بولدى ،_ دىدى
_ سەن يېزىلىق ، مەتۇبۇزۇق،پاسكىنا يەنە سەن ئالجىغان قېرى تۇختاپ تۇرۇش ، بۇگۇن كەيپىيەتىم چاغ دوسلىرىم بىلەن دىسكۇخانىغا كىرىپ چىقىپ ئاندىن ھەرقايسىڭنى ئىزدەيمەن ... ئۇ شۇنداق دىگىنىچە كىتىپ قېلىشتى ، مەن شۇ ۋاقىتتا ھېلىقى سەھرالىق قىزغا قارىدىم ، ئۇ قىز ئىسسق ياشلىرىنى ئېقىتىپ تۇراتتى
_ مۇنداق ئىشلارغا يىغلاپ ئۆزىڭىزنى ئاۋارە قىلىپ يۇرمەڭ سىڭلىم ، بۇنداق بىر نىمىلەر ھەر نىمىنى دەيدۇ ،يىغلىماڭ ،_دىدى مەن ئۇنىڭغا تەسەللىي بىرىپ شۇ ۋاقىتتا ئۇ ماڭا قارىدى
_ رەخمەت ئاڭا ،بۇنداق ھاقارەتكە تۇنجى ئۇچۇرشۇم ، شەھەرلىك قىزلارنى بەك دەتتى راستىلا شۇنداقكەن ،_دىدى ئۇ كۆز ياشلىرىنى سۇرۇتۇپ ، بىز خۇشلىشىپ كىتىپ قالدۇق بوۋاي يولدا ماڭغاچ بىر ئېغىز گەپ سۆز قىلمىدى ، مەن بىر نەچچە قېتىم بوۋاينىڭ چىرايىغا قارىدىم ، بوۋاينىڭ چىرايى ئاقىرىپ كەتكەن ئىدى ، ساقاللىرى تىتىرەتتى ، قارىماققىلا ئاچىقىدىن يېرىلىپ كەتكۇدەك بولغانلىقى ئېنىق ئىدى ، بوۋايمۇ بارا -بارا كەينىمدە قالدى ، بۇگۇن ئۇچراتقان بۇ ئىشلار مېنىڭ كۆڭلۇمنى شۇنداق يېرىم قىلىپ قويغاندى ، ھازىر كاللامنى پۇتۇنلەي شۇ ئىش چىرمىۋالغاندى ، بۇ ئىشلار ئىدىيەمدىن ئۆتمەيۋاتاتتى،
ھەي ھازىر بىز تەرەققىي قىلدۇق ، ھازىر كىيىمىمىز پۇتۇن ، قۇرسىقىمىز توق ھازىر بۇنىدىن ھەم يىمەيمىز جەمىيىمىزنىڭ تەرىققىياتى بىزگە نۇرغۇن ياخشى شارائىتلارنى ھازىرلاپ بەرسىمۇ ، ھازىرقى ياشلىرىمىزدا بولۇپمۇ 20ياشتىن تۆۋەن ياشلىرىمىزدا غەرىپلىشى ئىدىيىسى ، ئەتىگە نىمە بولۇشقا پىسەنىت قىلماسلىقى ئىدىيىسى سىڭىپ ، غەرىپنىڭ ياخشى تەرىپنى بۇرۇن ئەمەس ناچار تەرىپىنى بۇرۇن قۇبۇل قىلىپ ئەنە شۇنداق يۇرۋاتقانلارمۇ ئاز ئەمەس ، بۇرۇنلاردا قىزلىرىمىز يوللاردا ماڭسىمۇ شەرمى ھايا بىلەن ماڭىدىكەنتۇق ھازىرچۇ تاس قالىدۇ يالىڭاچ ماڭغىلى ، نۇرغۇن ئىلغار ئىدىيىدىكى ياشلىرىمىز مەدەنىيىتىمىزنى قوغدايلى دەپ ھەر جايدىن ئاۋاز قۇشىۋاتقان ، ھەركىتىدە ئىپادىلىۋاتقان مۇشۇ كۇندە يەنە بىر قىسىم ئۇيغۇرۇمنىڭ يۇزىدىكى قارا داغ بۇلىۋاتقان ياشلىرىمىز ئۇلارغا ئەكىسچە يول تۇتىۋاتىدۇ ، مانا كۇرۇپ تۇرۇپرىمىز شەرمى ھايالىق ئوغۇل قىزلىرىمىز ئۆز ئارا دىيىشىشتىن نۇمۇس قىلىدىغان بەزى گەپ سۆزلەر بايامقىدەك ئۆزىنى «ئاقسا »دەپ ئاتىشىۋالىدىغان ياشلىرىمىز جارىستاندا دەۋاتىدۇ ، ئۇلار ئۈچۈن چوڭلار بىر باش ئاغرىقى ، ئۆزىگە نەسىيەت قىلغان ياشلار دۇسمەن بۇلىۋاتىدۇ ، ھىلىقى سەھرا قىزنى «سەھرالىق ،مەتۇ بۇزۇق»دىگەن قىز ئىسىمگە كەلگەندە ئەسقەر رېقىپ ئاكىنىڭ «سالام سەھرا »دىگەن ناخشىسىدىكى مۇنۇ قۇرلار يادىمدىن كەچتى :
تۇپا چىراي ،قاپارغان ئالغان ،
ياشاش ئۈچۈن ئەمەسمۇ قالقان.
كىم نان يىمەي ئاسماندا ئۇچقان،
سالام سەھرا، ئامان بول ،ئامان .
ئەنە شۇ قىزلارنىڭ ئۇچىسىدىكى ئەبجەش كىيىملەر ، شۇ قىزلار يەۋاتقان ئاش -تائاملار شۇ سەھرا قىزىنىڭ تەر تۇكۇپ ھالال ئىشلىگەن ئەجىرىنىڭ مەسئۇلى ئەمەسمۇ ، ئۇنى «پاسكىنا »دەيدۇ تېخى ، راسىت ئۇ قىزنىڭ يۇزىنى يۇيۋاتسە كۆرىدىغىنىمزى پاك ، ھەقىقىي ئۇيغۇر قىزى ، ھېلىقى قىزلاچۇ ؟ ئۇلارنىڭ يۇزىنى قېرىۋېتىدىغان بولساق ئالۋاستىنىڭ ئۆزى بولىشىدۇ ، ئۇ قىزنى سەھرالىق دەيدۇ ، ئۇلار كىمنىڭ ئەۋلادىكەن ، شۇلارنى شەھەرلىك قىلغان كىم ؟ يەنە شۇ ئۆزى تىلىغان ھاقارەتلىگەن شۇ بوۋاي ۋە سەھرالىق قىز ئەمەسمۇ ، دىسكۇخانىغا مېڭىشىپتۇ ، ئۇ يەردىكى ھالىمۇ تايىنلىق ، بىرسى سەھنىدە «ئانام ،ئانام ....»دەپ ھەسرەت يۇتۇپ ناخشا ئوقىسا ئۇنىڭغا خوشال بولغاندەك پەستە قولتۇقلىشىپ تانسا ئوينىشىدۇ ، ئۇيغۇرۇمنىڭ ئېسىل خەلىق ناخشىلىرى چىقسا ئامرىكىنىڭ ئۇسىلىمۇ ،ياكى ئەرەپلەرنىڭمۇ پەرىق ئەتكىلىمۇ بولمايدىغان مايمۇنمۇ قىلىشتىن خىجىلىق ھېس قىلىدىغان ھەركەتلەت بىلەن ئاللا قانداقتۇر ھەرىكەتلەتنى چىقىرىشىپ ئوسۇل ئوينىشىدۇ ، ئادەمنىڭ ھۆ بولغۇسىنى كەلتۇرۇپ بۇنى يېڭى ئۇسلۇپ ، دىبا ئۇسۇللىرى دەۋېلىشىدۇ تېخى ، ئۇنداق دىگەندىن ئادەم تەلەت ھايۋانلارنىڭ قىلىقى دىگەن ياخشىراق ، بىر ئۇندان تىلىمىز ئۇلارنىڭ ئاغىزىدا خارلىنىپ دىگەن گېپىنىڭ ئاساسىي جەھەتتىن ھەممىسى دىگۇدەك ئەبجەش ئۆزلىرى ئىجات قىلىۋالغان گەپلەر ،نىمە ئۇ «ohhodh»دىگەن ، نىمە ئۇ «كەتتۇق »دىگەن ،بىزدە شۇنداق گەپ سۆز بارمۇ ؟ ئەلۋەتتە يوق ،ئۆزلىرىغۇ يېڭى ياخشى يول تېپىشىپ ماڭالمايدۇ ،ئەجداتلىرىمىز قالدۇرغان يولدىنمۇ ماڭالمىسا يەنە ئۇنى ئۇيغۇر دىگۇلىكمۇ ، شۇ دىسكۇخانىلارغا كىرگەندە شۇ يەردىكى بەزى قىلىقلار مېنى بىئارام قىلىدۇ ئاللا ماڭا قۇدىرەت بەرسە شۇلارنى 57مىللەت قىلىپ ئايرىۋەتسەم دەيمەن ، ئەنە شۇلار ئەسلىدىن ، نەسلىدىن تانغانلار ، ھەي ،دىسكۇخانىغا ماڭغان قىزلار ...........
بۇ تېمىنىڭ ئەسلى كېلىش مەنبەسى::
http://bbs.misranim.com/read.php?tid=8880