باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 2242 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: 1000يۈۋەن ئۈچۈن ۋەھشيلەرچە ئادەم ئۆلتۈرۈش .
دوستلىشىش
gayrat828
ھامان بىر كۈنى .......
دەرىجە: كۇلۇب باشلىقى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 2
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 10
ئومۇمىي يازما: 1421
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1421دانە
ئۆسۈش: 12030 %
مۇنبەر پۇلى: 12939 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-01-18
ئاخىرقى: 2012-03-31
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-01-06 20:11

1000يۈۋەن ئۈچۈن ۋەھشيلەرچە ئادەم ئۆلتۈرۈش .



ئاتونوم رايونلوق يۇقۇرى خەلىق سوت مەھكىمىسى يېقىندا سوت ئېچىپ قىزىلسۇ ئوبلاستىلىق ئوتتۇرا خەلىق سوت مەھكىمىسىنىڭ جاۋابكار دىلزات(15) ياش قا جازا ئۆلچىگەن قىسىمىنى كۈچتىن قالدۇرۇپ ، بۇلاڭچىلىق جازاسى ئۈچۈن 15 يىللىق قاماق جازاسى بېرىپ ،قوشۇمچە 5000يۈۋەن شىتىراپ قويوش جازاسى بەردى . دىلزات ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقوغوچىسى بولوپ ،دەرىستىمۇ ياخشى ئىدى ،ئەمما ئۇ پۇلنى دەپ بىر ئادەمنىڭ بېشىغا چىقىپ مەڭگۈلۈك پۇشماندا قالدى .
دىلزات بۇلتۇر 4- يانىۋار چۈشتىن كىيىن مەكتەپتىن يېنىپ ،كىيمىنى يەڭگۈشلەپ بولوپ سىرىتقا چىقماقچى بولدى ،لىكىن يانچۇقىنى شۇنچە ئاختۇرۇپمۇ خەجلىگۈدەك پۇل تاپالمىدى . << ئامال قىلىپ پۇلنىڭ ئېپىنى قىلاي >>. ئۇ شۇلارنى ئويلاپ ،قوشنىسى يۈسۈپنى ئېسىگە ئالدى . ئۇ بىر قاتار پىلانلارنى تۈزگەچ ،سۇ ئېلىش باھانىسى بىلەن يۈسۈپنىڭ ئىشىكىنى چەكتى . ئۆيدە يۈسۈپنىڭ ئاغىنىلىرى بولغاچقا ، ئۇ سۇنى ئېلىپلا چىقىپ كەتتى . دىلزات گۈللىرىگە سۇ قۇيغاچ ،مېھمانلارنىڭ كېتىشىنى ساقلىدى . ھايال ئۆتمەي يۈسۈپنىڭ مېھمانلىرى ئۇزاپ چىقتى . ئۇ دەرھال سىرىتقا چىقتى ،ھەمدە يۈسۈپ بىلەن پاراڭلاشقاچ ئۆيىگە كىردى . دىلزات قول يۇيۇش باھانىسى بىلەن ھاجەتخانىغا كىرگەچ ،ئاشخانىدىكى پىچاقنى يانچۇقىغا سېلىۋالدى .  ئۇ بىر ئازدىن كىيىن يۈسۈپكە يېقىنلىشىپ ،بوينىغا پىچاق ئۇردى . يۈسۈپ تۇيۇقسىز زەربىدىن ئۆزىنى ئوڭشىۋىلىپ ،دىلزاتقا تاقابىل تۇرماقچى بولدى ،بىراق دىلزات ئۇنىڭغا توختىماستىن پىچاق ئۇردى . يۈسۈپ تۇرۇشقا تەمشىلۋىدى ،دىلزات كالتەك بىلەن ئۇنىڭ ئارقا مىڭىسىگە ئۇردى ، ئۇ بۇنىڭلىق بىلەن بولدى قىلماي ،كەكىنىڭ چۇلدىسى بىلەن يۈسۈپنىڭ بىسىنىڭ كەينىگە يەنە ئۇردى . ئاندىن ئاشخانا ئۆيدىن قىڭغىراقنى ئاچىقىپ ،يۈسۈپنى قالايمىقان چاناشقا باشلىدى . دىلزات يۈسۈپ جىمىپ قالغاندىن كىيىن يانچۇقىدىكى 1000يۈۋەن بىلەن يانفۇننى ئېلپ چىقىپ كەتتى ،ئۇنىڭ قولى يۈسۈپنى ئۆلتۈرۈش جەريانىدا زەخمىلەنگەچكە ،ئۇ دوختۇرخانىغا باردى . دوختۇر بارماق پېيىنىڭ ئۈزۈلگەنلىكى ،دەرھال ئوپىراتسىيە قىلىىسا بولمايدىغانلىقى ،شۇڭا ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۈستىدە تۇرۇشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى . دىلزات قەشقەرگە بېرىپ دوختۇرلارغا كۆرۈندى ،دوختۇرلار ئوخشاشلا قولىنى ئوپىراتسىيە قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقاچقا ،ئۇ ئاتۇش شەھىرىگە قايتىپ كەلدى . ئۇ ئاپتوموبىلدىن چۈشۈپلا تونۇشلىرىنى ئىزدىدى . تۇيۇقسىز قارىشى تەرەپتىن ساۋاقدىشنىڭ ئانىسىنى كۆردى . ئۇ  ئايالنىڭ ئالدىغا بېرىپ ئەھۋاللاشقاندىن كىيىن ،ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۈرۈمچىگە كەتكەنلىكى ،ئۆزى ھادىسىگە ئۇچۇرغاچقا ئۇنى ئاتا-ئانىسىغا ۋاكالىتەن ئوپىراتسىيە قىلىشقا قول قويوپ بېرىشنى ئۆتۆندى . ئايال قوشولدى ،ئەمما دوختۇرلار بىلەن كۆرۈشۈپلا نىيىتىدىن يېنىۋالدى . دىلزات ئوقۇتقوچىسىنى چاقىرتىپ كەلدى .ئۇمۇ قول قويوشنى رەت قىلىپ ،ئەھۋالنى دىلزاتنىڭ ئانىسىغا ئېيتتى . ئوغىلىنىڭ خەتەرگە يولۇققانلىقىنى بىلگەن ئانا دەرھال دوختۇرخانىغا كەلدى . ئۇ ئوپىراتسىيە  قىەغىزىگە قول قويوپ بولوپلا ، ئاتۇش شەھەرلىك ج خ ئىدارىسىگە دېلو مەلوم قىلدى . ساقچىلارنىڭ رازۋىدكا قىلىش نەتىجىسىدە ،دىلزادنىڭ جىنايى قىلمىشى ئاشكارلاندى ،نەتىجىدە ئۇ 7- يانىۋار توختىتىلىپ 19-يانىۋار ئاتۇش شەھەرلىك خەلىق سوت مەھكىمىسىنىڭ تەتىقى بىلەن قانون بويىچە قولغا ئېلىندى .
قىزىلسۇ ئوبلاستلىق ئوتتۇرا خەلىق سوت مەھكىمىسى جاۋابكار دىلزاتنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزگەندە 18 ياشقا توشمىغانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ ئۇنىڭغا بۇلاڭچىلىق جىنايىتى ئۈچۈن مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىپ 5000يۈۋەن شىتىراپ قويوش ، ئۇنىڭ ۋەسىيىسىنى قوشۇمچە ھەق تەلەپ دەۋاگەرلىرىگە 73مىڭ 729 يۈۋەن تۆلەم بېرىش توغىرسىدا ھۆكۆم چىقاردى .
<<قانونچىلىق گېزىتى>> دىن ئختىيارى مۇخپىر ھېمىدىگۈل ياقۇپ .
قاراقاش
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 2872
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1609
ئۇنۋان:سۆيۈملۈك ھازىرغىچە1609دانە
ئۆسۈش: 19850 %
مۇنبەر پۇلى: 26458 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-10-11
ئاخىرقى: 2012-01-17
يۇمشاق سافا  يوللانغان ۋاقت: 2011-01-06 20:17

قانۇن ئادىل
ۋەتەندۇر بەخىت ،ۋەتەندۇر تەخىت .
ۋەتەنسىز ئامىتىڭ مازغاپ.