查看完整版本: [-- 1000يۈۋەن ئۈچۈن ۋەھشيلەرچە ئادەم ئۆلتۈرۈش . --]

كەڭ ساي مۇنازىرە مۇنبىرى -> قانۇندىن مەسلىھەت -> 1000يۈۋەن ئۈچۈن ۋەھشيلەرچە ئادەم ئۆلتۈرۈش . [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

gayrat828 2011-01-06 20:11
[attachment=7751]

ئاتونوم رايونلوق يۇقۇرى خەلىق سوت مەھكىمىسى يېقىندا سوت ئېچىپ قىزىلسۇ ئوبلاستىلىق ئوتتۇرا خەلىق سوت مەھكىمىسىنىڭ جاۋابكار دىلزات(15) ياش قا جازا ئۆلچىگەن قىسىمىنى كۈچتىن قالدۇرۇپ ، بۇلاڭچىلىق جازاسى ئۈچۈن 15 يىللىق قاماق جازاسى بېرىپ ،قوشۇمچە 5000يۈۋەن شىتىراپ قويوش جازاسى بەردى . دىلزات ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقوغوچىسى بولوپ ،دەرىستىمۇ ياخشى ئىدى ،ئەمما ئۇ پۇلنى دەپ بىر ئادەمنىڭ بېشىغا چىقىپ مەڭگۈلۈك پۇشماندا قالدى .
دىلزات بۇلتۇر 4- يانىۋار چۈشتىن كىيىن مەكتەپتىن يېنىپ ،كىيمىنى يەڭگۈشلەپ بولوپ سىرىتقا چىقماقچى بولدى ،لىكىن يانچۇقىنى شۇنچە ئاختۇرۇپمۇ خەجلىگۈدەك پۇل تاپالمىدى . << ئامال قىلىپ پۇلنىڭ ئېپىنى قىلاي >>. ئۇ شۇلارنى ئويلاپ ،قوشنىسى يۈسۈپنى ئېسىگە ئالدى . ئۇ بىر قاتار پىلانلارنى تۈزگەچ ،سۇ ئېلىش باھانىسى بىلەن يۈسۈپنىڭ ئىشىكىنى چەكتى . ئۆيدە يۈسۈپنىڭ ئاغىنىلىرى بولغاچقا ، ئۇ سۇنى ئېلىپلا چىقىپ كەتتى . دىلزات گۈللىرىگە سۇ قۇيغاچ ،مېھمانلارنىڭ كېتىشىنى ساقلىدى . ھايال ئۆتمەي يۈسۈپنىڭ مېھمانلىرى ئۇزاپ چىقتى . ئۇ دەرھال سىرىتقا چىقتى ،ھەمدە يۈسۈپ بىلەن پاراڭلاشقاچ ئۆيىگە كىردى . دىلزات قول يۇيۇش باھانىسى بىلەن ھاجەتخانىغا كىرگەچ ،ئاشخانىدىكى پىچاقنى يانچۇقىغا سېلىۋالدى .  ئۇ بىر ئازدىن كىيىن يۈسۈپكە يېقىنلىشىپ ،بوينىغا پىچاق ئۇردى . يۈسۈپ تۇيۇقسىز زەربىدىن ئۆزىنى ئوڭشىۋىلىپ ،دىلزاتقا تاقابىل تۇرماقچى بولدى ،بىراق دىلزات ئۇنىڭغا توختىماستىن پىچاق ئۇردى . يۈسۈپ تۇرۇشقا تەمشىلۋىدى ،دىلزات كالتەك بىلەن ئۇنىڭ ئارقا مىڭىسىگە ئۇردى ، ئۇ بۇنىڭلىق بىلەن بولدى قىلماي ،كەكىنىڭ چۇلدىسى بىلەن يۈسۈپنىڭ بىسىنىڭ كەينىگە يەنە ئۇردى . ئاندىن ئاشخانا ئۆيدىن قىڭغىراقنى ئاچىقىپ ،يۈسۈپنى قالايمىقان چاناشقا باشلىدى . دىلزات يۈسۈپ جىمىپ قالغاندىن كىيىن يانچۇقىدىكى 1000يۈۋەن بىلەن يانفۇننى ئېلپ چىقىپ كەتتى ،ئۇنىڭ قولى يۈسۈپنى ئۆلتۈرۈش جەريانىدا زەخمىلەنگەچكە ،ئۇ دوختۇرخانىغا باردى . دوختۇر بارماق پېيىنىڭ ئۈزۈلگەنلىكى ،دەرھال ئوپىراتسىيە قىلىىسا بولمايدىغانلىقى ،شۇڭا ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۈستىدە تۇرۇشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى . دىلزات قەشقەرگە بېرىپ دوختۇرلارغا كۆرۈندى ،دوختۇرلار ئوخشاشلا قولىنى ئوپىراتسىيە قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقاچقا ،ئۇ ئاتۇش شەھىرىگە قايتىپ كەلدى . ئۇ ئاپتوموبىلدىن چۈشۈپلا تونۇشلىرىنى ئىزدىدى . تۇيۇقسىز قارىشى تەرەپتىن ساۋاقدىشنىڭ ئانىسىنى كۆردى . ئۇ  ئايالنىڭ ئالدىغا بېرىپ ئەھۋاللاشقاندىن كىيىن ،ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۈرۈمچىگە كەتكەنلىكى ،ئۆزى ھادىسىگە ئۇچۇرغاچقا ئۇنى ئاتا-ئانىسىغا ۋاكالىتەن ئوپىراتسىيە قىلىشقا قول قويوپ بېرىشنى ئۆتۆندى . ئايال قوشولدى ،ئەمما دوختۇرلار بىلەن كۆرۈشۈپلا نىيىتىدىن يېنىۋالدى . دىلزات ئوقۇتقوچىسىنى چاقىرتىپ كەلدى .ئۇمۇ قول قويوشنى رەت قىلىپ ،ئەھۋالنى دىلزاتنىڭ ئانىسىغا ئېيتتى . ئوغىلىنىڭ خەتەرگە يولۇققانلىقىنى بىلگەن ئانا دەرھال دوختۇرخانىغا كەلدى . ئۇ ئوپىراتسىيە  قىەغىزىگە قول قويوپ بولوپلا ، ئاتۇش شەھەرلىك ج خ ئىدارىسىگە دېلو مەلوم قىلدى . ساقچىلارنىڭ رازۋىدكا قىلىش نەتىجىسىدە ،دىلزادنىڭ جىنايى قىلمىشى ئاشكارلاندى ،نەتىجىدە ئۇ 7- يانىۋار توختىتىلىپ 19-يانىۋار ئاتۇش شەھەرلىك خەلىق سوت مەھكىمىسىنىڭ تەتىقى بىلەن قانون بويىچە قولغا ئېلىندى .
قىزىلسۇ ئوبلاستلىق ئوتتۇرا خەلىق سوت مەھكىمىسى جاۋابكار دىلزاتنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزگەندە 18 ياشقا توشمىغانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ ئۇنىڭغا بۇلاڭچىلىق جىنايىتى ئۈچۈن مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىپ 5000يۈۋەن شىتىراپ قويوش ، ئۇنىڭ ۋەسىيىسىنى قوشۇمچە ھەق تەلەپ دەۋاگەرلىرىگە 73مىڭ 729 يۈۋەن تۆلەم بېرىش توغىرسىدا ھۆكۆم چىقاردى .
<<قانونچىلىق گېزىتى>> دىن ئختىيارى مۇخپىر ھېمىدىگۈل ياقۇپ .

karakax 2011-01-06 20:17
قانۇن ئادىل

kuwruk 2011-01-06 20:21
بىر ئىغىز،،گەپ ئۇچۇن ،قاراپ قۇيغانلقى ئۇچۇن ،ئىھتىيادسىزلىقتىن سۇقۇلوپ كەتكەنلىكىتىن ،،،بىر بىرسىگە پىچاق تىقىپ ئولتۇرۋتتىشى بىزنىڭ مىللەتتە ئۇمۇملىشىپ قالغانغۇ؟

yusup 2011-01-06 20:45
قانۇن ئادىل ، جازاسىنى تارتىدۇ.

sakei 2011-01-06 21:23
                     مىللىتىم  10 م ىليوندىن  ئەمدىلام  ئاشقانتىڭ

ibrayim 2011-01-06 21:38
مۇشۇمۇ ئادىللىقمۇ!!!.ئادەم ئۆلتۈرگەن تۇرۇقلۇق ئۆلۈمگە بۇيرۇلمسا.!!

xapkat0999 2011-01-06 22:11
ئۇنى ئۈلۈمگە ھۈكۈم قىلسا بۇپتىكە ئەسلى

turkax 2011-01-06 23:21
شۇلار بىلەنلا كەتسە مەيلى ئىدسغۇ...ئولارنىڭ ئاتا-.ئانسىغائىچىم ئاغرىپ قالدى .....نادانلىقتىن كىلىپ چىققان ئاقىۋەتلەر.....
ياشلىرىمىزنىڭ كۆڭلىگە ئىنساپ تىلەيمەن...

mollidat 2011-01-07 00:45
دىلۇ ئۇنداق ئەمەس،،،،،،،،،،،،،،،،،،

kalibdaxbiz 2011-01-07 13:07
kiliq  توغرا دەيدۇ.

ohho~duqu 2011-01-07 14:58
مەنمۇ سىزگە ئوخشاش قاراشتا ، مىنىڭچە بۇ چوقۇم ئويدۇرما خەۋەر

farxah 2011-01-08 14:53
شۇنداق،بۇ ئىنىقلا ئۇيدۇرما خەۋەر تۇرمامدۇ،نىمانداق باش ئاخىر يوق


查看完整版本: [-- 1000يۈۋەن ئۈچۈن ۋەھشيلەرچە ئادەم ئۆلتۈرۈش . --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.043496 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us