غولجا شەھىرى پەنجىم يېزا تۆۋن پەنجىم كەنىتىدە ئولتۇرۇشلۇق دېھقان ئايال قۇربانگۈل ،ئېتىز-ئېرىق ئىشلىرىغا پىششىق ئىشچان ئايال ئىدى . 1999-يىلى يۇقۇردىن <<قىزىل يەرشارى>> ئۈزۈمىنى ئىلى رايۇنىدا كىڭەيتىپ دھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش چاقىرقى كەلدى . ئىلى رايۇنىنىڭ تۇپىرىقى ھاۋا كىلىماتى <<قىزىل يەرشارى ئۈزۈمى>> نى ئۆستۈرۈشكە تولىمۇ ماس كىلەتتى ،كىرىمىمۇ يۇقۇرى ئىدى . قۇربانگۈل يۇقرنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشوپ ،تەششەبۇسكارلىق بىلەن ئوتتۇرغا چىقىپ ،ھەر تۈپىنى 33 يۈۋەندىن 2328 تۈپ تەك كۆچىتىنى سېتىۋىلىپ ،18 مودىن كۆپىرەك يېرىگە تىكتى ۋە ئىككى ئوغىلى بىلەن بىرلىكتە تەك كۆچىتىنى ئەي قىلىش ئۈچۈن كېچە-كۈندۈز دېگۈدەك جاپالىق ئىشلىدى . نەتىجىدە تەك كۆچىتى تولوق ئەي بولدى .
2003-يىلى سېنتەبىردە تەكلەر مېۋىگە كىرىپ ،ئۈزۈملەر پىشتى ئەپسوس ، بۇ ئۈزۈم <<قىزىل يەرشارى >> ئۈزۈمى بولماستىن ، تەك كۆچىتىنىڭ 90% تتىن كۆپىرەكى سۈپەتسىز باشقا تۈر بولوپ چىقتى . بارلىق دەسمايىسىنى تەك كۆچىتىگە سېلىپ ،ئۈچ يىل ئەجىر قىلىپ كۆڭىلدىكىدەك نەتىجىگە ئېرىشلەمىگەن قۇربانگۈلگە بۇ ئىش قاتتىق ئەلەم قىلدى . قۇربانگۈل بۇ كۆچەتلەرنى 1999-يىلى پەنجىم يېزىلىق خەلىق ھۆكۆمىتىنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ،سابىق ئىلى ۋىلايەتلىك باغۋەنچىلىك تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش پونكىتىدىن ھەم سېتىۋالغان چاغدا توختام تۈزۈشكەن ئىدى . پەرۋىش مەزگىلىدە ئىلى ۋىلايەتلىك باغۋەنچىلىك تېخنىكىسىنى كىڭەيتىش پونكىتى مەخسوس تېخنىك ئاجىرتىپ ،ئۇنىڭغا كۆچەت يېتىشتۈرۈشتە تېخنىكا جەھەتتىن ياردەم بەرگەن ئىدى ، ئەمما مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارمۇ تەك كۆچىتىنى ساختا دەپ باھالىدى . قۇربانگۈل ئۇيان ئويلاپ ،بۇيان ئويلاپ ئاخىرى قانون ئارقىلىق ھوقوق مەنپەئەتىنى قوغداش قارارىغا كەلدى ۋە 2003-يىلى ئۆكتەبىردە غولجا شەھەرلىك خەلىق سوت مەھكىمىسىگە ساختا تەك كۆچىتىنى ساتقان ئىككى ئورۇن ئۈستىدىن ئەرىز سۇنۇپ 258مىڭ 702 يۈۋەن تۆلەم بېرىشنى تەلەپ قىلدى . غولجا شەھەرلىك خەلىق سوت مەھكىمىسى دېلوغا قاراپ چىقىپ : << ئىلى ۋىلايەتلىك باغۋەنچىلىك تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش پونكىتى قۇربانگۈلگە بارلىق چىقىملىرى ئۈچۈن 258مىڭ 702 يۈۋەن تۆلەم بەرسۇن >> دىگەن مەزمۇندا ھۆكۆم چىقاردى ، بىراق پونكىت ھۆكۆمگە قايىل بولماي ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق يۇقۇرى خەلىق سوت مەھكىمىسىنىڭ ئىلى ئوبلاستلىق شۆبىسىگە نارازىلىق ئەرىزى سۇندى . نارازىلىق ئەرىزىدە : << تەك كۆچىتىنى شىنجاڭ ئىلى قىزىل مېۋە پەن-تېخنىكا مەسئولىيەت چەكلىك شىركىتى ساتقان ،توختاممۇ شىركەت بىلەن تۈزۈلگەن ،شۇڭا جاۋابكارلىقنى ئۈستىمىزگە ئالمايمىز >> دېيىلگەنىدى . ئىلى ئوبلاستلىق شۆبە خەلىق سوت مەھكىمىسى دەل-ئىسپاتلارغا ئاساسەن <<ئەسلى سوت ھۆكۆمىدىكى دەۋا سۇبىيكىتلىرى توغرا بولىمغان ، شىنجاڭ ئىلى قىزىل مېۋە پەن-تېخنىكا چەكلىك مەسئولىيەت شىركىتى ۋە بۇ شىركەت بىلەن چېتىشلىقى بولغان يەن بىر قانچە شىركەتنىمۇ جاۋابكار سۈپىتىدە دېلوغا چېتىش كېرەك >> دەپ قاراپ ، دېلونى شەھەرلىك خەلىق سوت مەھكىمىسنىڭ قايتا سوت قىلىشىغا قايتۇردى . شۇنىڭ بىلەن غولجا شەھەرلىك خەلىق سوت مەھكىمىسىدىكى مۇناسىۋەتلىك خادىملار جاۋابكارلارنى تېپىشتا زور تىرىشچانلىق كۆرسەتتى . ئەينى يىللى ئىلى ۋىلايىتى ئەمەلدىن قالدرۇلۇپ ،ئىلى قازاق ئاپتۇنۇم ئوبلاستىغاقوشىۋىتىلگەن مەزگىللەردە بۇ شىركەتلەرنىڭ بەزىلىرى رويىخەتتىن ئۆچۈرۋىتىلگەن ،بەزىلىرى ۋەيران بولغان ۋە بەزىلىرى شىركەت نامىنى ئۆزگەرتىۋەتكەن بولغاچقا ،سودىيەلەرنىڭ ئۇلارنى تېپىشى ئىنتايىن قىينغا چۈشتى . دەۋاگەر قۇربانگۈل بۇ شىركەتلەرنىڭ نەدىلىكىنى ،مەسئولىنىڭ كىمىلىكىنىمۇ بىلمەيتتى ، توختاملىشىپ تەك كۆچىتى سېتىۋالغىنىغا خېلى يىللار بولغاچقا ،بۇ شىركەتلەرنىڭ بەزىلىرىنىڭ تىجارەت خارەكتېرى ئۆزگىرىپ كەتكەن ،مەسئول خادىملىرى باشقا ئورۇنلارغا يۆتكىلىپ كەتكەن ئىدى ،شۇڭا جاۋابكارلارنى تېپىش دېڭىزدىن يىڭنە ئىزدىگەندەك تەسكە چۈشۈپ ،دېلونىڭ بېجىرىلىشىگە زور تەسرى يەتكۈزدى . ئەمما 70 ياشلىق قۇربانگۈل سوتنىڭ ئادىل ھۆكۆم چىقىرىپ ،زىيانلىرىنى تۆلىتىپ بېرىشكە زور ئۈمۈت باغلىغانلىقى ئۈچۈن ،توختىماي يەتتە يىل قاتىردى . بۇ جەرياندا كۆپ رىيازەت چەكتى ،ھاللىق تۇرمۇش كەچۈرۋاتقان بۇ ئايال بارلىق بېساتىدىن ئايرىلىپ ،تۇرمۇشتا قىينىلىپ قالدى . سودىيەلەر يېنىدىن پۇل چىقىرىپ خالىس يادەم قىلىپ ،ئۇنىڭغا سوتنىڭ ئادىل ھۆكۆم چىقىردىغانلىقىغا ئىشىنىشنى ،ئۈمۈتسىزلەنمەي كۈتۈشنى ئېيتىپ مەدەت بەردى . غولجا شەھەرلىك خەلىق سوت مەھكىمىسىدكى خادىملارنىڭ زور تىرىشچانلىق كۆرىسىتىشى نەتىجىسىدە ، شىنجاڭ ئىلى قىزىل مېۋە پەن-تېخنىكا مەسئولىيەت چەكلىك شىركىتىگە چېتىشلىق تۆت شىركەت ئاخىر تېپىلدى . بۇلتۇر ئىيۇلدا شەھەرلىك خەلىق سوت مەھكىمىسى جاۋابكارلىقى بار بۇ بەش شىركەت ئۈستىدىن ھۆكۆم چىقاردى . ھۆكۆمدە : << شىنجاڭ ئىلى قىزىل مېۋە پەن-تېخنىكا مەسئولىيەت چەكلىك شىركىتى دەۋاگەرنىڭ زىينىنى ئۈستىگە ئېلىشقا تېگىشلىك ، بىراق بۇ شىركەتنىڭ ئىز-دېرىكى ئېنىق بولمىغانلىقى ئۈچۈن ، بۇ شىركەتنىڭ تۆت پايچى شىركىتى بولغان ،ئىلى ئوبلاستلىق باغۋەنچىلىك تېخنېكىسىنى كېڭەيتىش پونكىتى ،<يىشىدا> يېڭى ساقلاش مەسئولىيەت چەكلىك شىركىتى ، كۈنەس ناھيىلىك ياۋا مېۋىلەرنىڭ سورىتنى ياخشىلاش مەيدانى ، ئىلى ئوبلاستلىق باۋتۇڭ مېۋە-چىۋە كۆكتاتلاردىكى كېسەللىكلەردىن ساقلىنىش _ ئالدىنى ئېلىش مەسئولىيەت چەكلىك شىركىتى ، شۇنداقلا جاۋابكار لىيۇ چىۋېڭ قاتارلىقلار چاتما جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىپ ،دەۋاگەر قۇربانگۈلنىڭ ئومومى زىينى 258مىڭ 702 يۈۋەننى تۆلىسۇن ، پەنجىم يېزلىق خەلىق ھۆكۆمىتىنىڭ بۇ دېلودا جاۋابكارلىق مەسئولىيتى يوق >> دېيىلدى . . جاۋابكارلار ھۆكۆمگە قايىل بولماي شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يۇقۇرى خەلىق سوت مەھكىمىسىنىڭ ئىلى ئوبلاستىلىق شۆبسىگە نارازىلىق ئەرىزى سۇندى . ئىلى ئوبلاستلىىق شۆبە خەلىق سوت مەھكىمىسى جاۋابكار تەرەپلەرنىڭ نارازىلىق ئەرىزىنى رەت قىلىپ ئەسلى سوت ھۆكۆمىنى كۈچكە ئېگە قىلدى . شۇنىڭ بىلەن شەھەرلىك سوت مەھكىمىسى جاۋابكار شىركەتلەرنىڭ ئەينى يىللىرى قوشقان پېيىنىڭ ئاز-كۆپلىكى بويىچە نىسبەتلەشتۈرۈپ نەقلەشتۈرگەندىن كىيىن ،258مىڭ 702 يۈۋەننى قۇربانگۈلگە تۇتقۇزدى . قانونچلىىق گېزىتى