查看完整版本: [-- غولجىدا چاقىنىغان ئادىللىق ساداسى . --]

كەڭ ساي مۇنازىرە مۇنبىرى -> قانۇندىن مەسلىھەت -> غولجىدا چاقىنىغان ئادىللىق ساداسى . [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

gayrat828 2011-01-06 02:02
[attachment=7728]

غولجا شەھىرى پەنجىم يېزا تۆۋن پەنجىم كەنىتىدە ئولتۇرۇشلۇق دېھقان ئايال قۇربانگۈل ،ئېتىز-ئېرىق ئىشلىرىغا پىششىق ئىشچان ئايال ئىدى . 1999-يىلى يۇقۇردىن <<قىزىل يەرشارى>> ئۈزۈمىنى ئىلى رايۇنىدا كىڭەيتىپ دھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش چاقىرقى كەلدى . ئىلى رايۇنىنىڭ تۇپىرىقى ھاۋا كىلىماتى <<قىزىل يەرشارى ئۈزۈمى>> نى ئۆستۈرۈشكە تولىمۇ ماس كىلەتتى ،كىرىمىمۇ يۇقۇرى ئىدى . قۇربانگۈل يۇقرنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشوپ ،تەششەبۇسكارلىق بىلەن ئوتتۇرغا چىقىپ ،ھەر تۈپىنى 33 يۈۋەندىن 2328 تۈپ تەك كۆچىتىنى سېتىۋىلىپ ،18 مودىن كۆپىرەك يېرىگە تىكتى ۋە ئىككى ئوغىلى بىلەن بىرلىكتە تەك كۆچىتىنى ئەي قىلىش ئۈچۈن كېچە-كۈندۈز دېگۈدەك جاپالىق ئىشلىدى . نەتىجىدە تەك كۆچىتى تولوق ئەي بولدى .
2003-يىلى سېنتەبىردە تەكلەر مېۋىگە كىرىپ ،ئۈزۈملەر پىشتى ئەپسوس ، بۇ ئۈزۈم <<قىزىل يەرشارى >> ئۈزۈمى بولماستىن ، تەك كۆچىتىنىڭ 90% تتىن كۆپىرەكى سۈپەتسىز باشقا تۈر بولوپ چىقتى . بارلىق دەسمايىسىنى تەك كۆچىتىگە سېلىپ ،ئۈچ يىل ئەجىر قىلىپ كۆڭىلدىكىدەك نەتىجىگە ئېرىشلەمىگەن قۇربانگۈلگە بۇ ئىش قاتتىق ئەلەم قىلدى . قۇربانگۈل بۇ كۆچەتلەرنى 1999-يىلى پەنجىم يېزىلىق خەلىق ھۆكۆمىتىنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ،سابىق ئىلى ۋىلايەتلىك باغۋەنچىلىك تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش پونكىتىدىن ھەم سېتىۋالغان چاغدا توختام تۈزۈشكەن ئىدى . پەرۋىش مەزگىلىدە ئىلى ۋىلايەتلىك باغۋەنچىلىك تېخنىكىسىنى كىڭەيتىش پونكىتى مەخسوس تېخنىك ئاجىرتىپ ،ئۇنىڭغا كۆچەت يېتىشتۈرۈشتە تېخنىكا جەھەتتىن ياردەم بەرگەن ئىدى ، ئەمما مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارمۇ تەك كۆچىتىنى ساختا دەپ باھالىدى .
قۇربانگۈل ئۇيان ئويلاپ ،بۇيان ئويلاپ ئاخىرى قانون ئارقىلىق ھوقوق مەنپەئەتىنى قوغداش قارارىغا كەلدى ۋە 2003-يىلى ئۆكتەبىردە غولجا شەھەرلىك خەلىق سوت مەھكىمىسىگە ساختا تەك كۆچىتىنى ساتقان ئىككى ئورۇن ئۈستىدىن ئەرىز سۇنۇپ 258مىڭ 702 يۈۋەن تۆلەم بېرىشنى تەلەپ قىلدى . غولجا شەھەرلىك خەلىق سوت مەھكىمىسى دېلوغا قاراپ چىقىپ : << ئىلى ۋىلايەتلىك باغۋەنچىلىك تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش پونكىتى قۇربانگۈلگە بارلىق چىقىملىرى ئۈچۈن 258مىڭ 702 يۈۋەن تۆلەم بەرسۇن >> دىگەن مەزمۇندا ھۆكۆم چىقاردى ، بىراق پونكىت ھۆكۆمگە قايىل بولماي  ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق يۇقۇرى خەلىق سوت مەھكىمىسىنىڭ ئىلى ئوبلاستلىق شۆبىسىگە نارازىلىق ئەرىزى سۇندى . نارازىلىق ئەرىزىدە : << تەك كۆچىتىنى شىنجاڭ ئىلى قىزىل مېۋە پەن-تېخنىكا مەسئولىيەت چەكلىك شىركىتى ساتقان ،توختاممۇ شىركەت بىلەن تۈزۈلگەن ،شۇڭا جاۋابكارلىقنى ئۈستىمىزگە ئالمايمىز >> دېيىلگەنىدى . ئىلى ئوبلاستلىق شۆبە خەلىق سوت مەھكىمىسى دەل-ئىسپاتلارغا ئاساسەن <<ئەسلى سوت ھۆكۆمىدىكى دەۋا سۇبىيكىتلىرى توغرا بولىمغان ، شىنجاڭ ئىلى قىزىل مېۋە  پەن-تېخنىكا چەكلىك مەسئولىيەت شىركىتى ۋە بۇ شىركەت بىلەن چېتىشلىقى بولغان يەن بىر قانچە شىركەتنىمۇ جاۋابكار سۈپىتىدە دېلوغا چېتىش كېرەك >> دەپ قاراپ ، دېلونى شەھەرلىك خەلىق سوت مەھكىمىسنىڭ قايتا سوت قىلىشىغا قايتۇردى . شۇنىڭ بىلەن غولجا شەھەرلىك خەلىق سوت مەھكىمىسىدىكى مۇناسىۋەتلىك خادىملار جاۋابكارلارنى تېپىشتا زور تىرىشچانلىق كۆرسەتتى .
ئەينى يىللى ئىلى ۋىلايىتى ئەمەلدىن قالدرۇلۇپ ،ئىلى قازاق ئاپتۇنۇم ئوبلاستىغاقوشىۋىتىلگەن مەزگىللەردە بۇ شىركەتلەرنىڭ بەزىلىرى رويىخەتتىن ئۆچۈرۋىتىلگەن ،بەزىلىرى ۋەيران بولغان ۋە بەزىلىرى شىركەت نامىنى ئۆزگەرتىۋەتكەن بولغاچقا ،سودىيەلەرنىڭ ئۇلارنى تېپىشى ئىنتايىن قىينغا چۈشتى . دەۋاگەر قۇربانگۈل بۇ شىركەتلەرنىڭ نەدىلىكىنى ،مەسئولىنىڭ كىمىلىكىنىمۇ بىلمەيتتى ، توختاملىشىپ تەك كۆچىتى سېتىۋالغىنىغا خېلى يىللار بولغاچقا ،بۇ شىركەتلەرنىڭ بەزىلىرىنىڭ تىجارەت خارەكتېرى ئۆزگىرىپ كەتكەن ،مەسئول خادىملىرى باشقا ئورۇنلارغا يۆتكىلىپ كەتكەن ئىدى ،شۇڭا جاۋابكارلارنى تېپىش دېڭىزدىن يىڭنە ئىزدىگەندەك تەسكە چۈشۈپ ،دېلونىڭ بېجىرىلىشىگە زور تەسرى يەتكۈزدى . ئەمما 70 ياشلىق قۇربانگۈل سوتنىڭ ئادىل ھۆكۆم چىقىرىپ ،زىيانلىرىنى تۆلىتىپ بېرىشكە زور ئۈمۈت باغلىغانلىقى ئۈچۈن ،توختىماي يەتتە يىل قاتىردى . بۇ جەرياندا كۆپ رىيازەت چەكتى ،ھاللىق تۇرمۇش كەچۈرۋاتقان بۇ ئايال بارلىق بېساتىدىن ئايرىلىپ ،تۇرمۇشتا قىينىلىپ قالدى . سودىيەلەر يېنىدىن پۇل چىقىرىپ خالىس يادەم قىلىپ ،ئۇنىڭغا سوتنىڭ ئادىل ھۆكۆم چىقىردىغانلىقىغا ئىشىنىشنى ،ئۈمۈتسىزلەنمەي كۈتۈشنى ئېيتىپ مەدەت بەردى .
غولجا شەھەرلىك خەلىق سوت مەھكىمىسىدكى خادىملارنىڭ زور تىرىشچانلىق كۆرىسىتىشى نەتىجىسىدە ، شىنجاڭ ئىلى قىزىل مېۋە پەن-تېخنىكا مەسئولىيەت چەكلىك شىركىتىگە چېتىشلىق تۆت شىركەت ئاخىر تېپىلدى . بۇلتۇر ئىيۇلدا شەھەرلىك خەلىق سوت مەھكىمىسى جاۋابكارلىقى بار بۇ بەش شىركەت ئۈستىدىن ھۆكۆم چىقاردى . ھۆكۆمدە : << شىنجاڭ ئىلى قىزىل مېۋە پەن-تېخنىكا مەسئولىيەت چەكلىك شىركىتى دەۋاگەرنىڭ زىينىنى ئۈستىگە ئېلىشقا تېگىشلىك ، بىراق بۇ شىركەتنىڭ ئىز-دېرىكى ئېنىق بولمىغانلىقى ئۈچۈن ، بۇ شىركەتنىڭ تۆت پايچى شىركىتى بولغان ،ئىلى ئوبلاستلىق باغۋەنچىلىك تېخنېكىسىنى كېڭەيتىش پونكىتى ،<يىشىدا> يېڭى ساقلاش مەسئولىيەت چەكلىك شىركىتى ، كۈنەس ناھيىلىك ياۋا مېۋىلەرنىڭ سورىتنى ياخشىلاش مەيدانى ، ئىلى ئوبلاستلىق باۋتۇڭ مېۋە-چىۋە كۆكتاتلاردىكى كېسەللىكلەردىن ساقلىنىش _ ئالدىنى ئېلىش مەسئولىيەت چەكلىك شىركىتى ، شۇنداقلا جاۋابكار لىيۇ چىۋېڭ قاتارلىقلار چاتما جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىپ ،دەۋاگەر قۇربانگۈلنىڭ ئومومى زىينى 258مىڭ 702 يۈۋەننى تۆلىسۇن ، پەنجىم يېزلىق خەلىق ھۆكۆمىتىنىڭ بۇ دېلودا جاۋابكارلىق مەسئولىيتى يوق >> دېيىلدى . .
جاۋابكارلار ھۆكۆمگە قايىل بولماي شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يۇقۇرى خەلىق سوت مەھكىمىسىنىڭ ئىلى ئوبلاستىلىق شۆبسىگە نارازىلىق ئەرىزى سۇندى . ئىلى ئوبلاستلىىق شۆبە خەلىق سوت مەھكىمىسى جاۋابكار تەرەپلەرنىڭ نارازىلىق ئەرىزىنى رەت قىلىپ ئەسلى سوت ھۆكۆمىنى كۈچكە ئېگە قىلدى . شۇنىڭ بىلەن شەھەرلىك سوت مەھكىمىسى جاۋابكار شىركەتلەرنىڭ ئەينى يىللىرى قوشقان پېيىنىڭ ئاز-كۆپلىكى بويىچە نىسبەتلەشتۈرۈپ نەقلەشتۈرگەندىن كىيىن ،258مىڭ 702 يۈۋەننى قۇربانگۈلگە تۇتقۇزدى .
قانونچلىىق گېزىتى

karakax 2011-01-06 02:09
قانۇن ئادىل ....................................

bahram 2011-01-06 02:54
تاس قاپتۇ ھە ئپوخشاش چىرايلارنى تاپالماي قالغىلى

yamghur 2011-01-06 08:03
70 ياشلىق ئانا 7 يىل قاتىراپ..........يەنە نەچىچىلىك «70 ياش»لار...........

urkax5 2011-01-06 10:29
ئۇئايال يۈزدە-يۈز زىيانكەشلىككە ئۇچىرغوچى تۇرۇپ10يىلدا ئاران ھەل بولدى بۇ ئىش ،بىزنىڭ خەۋرىمىز بار

zam_zam 2011-01-06 10:47
باشقىلار يۇز كىلەلمەيلام پۇتتۇرگەن ئىشمۇ نىمە ...ئاران ئاران پۇتۇپتۇ
قانۇن ئادىل جۇما.........

banda 2011-01-06 11:51
بۇ دېلۇغۇ ئادىلىق بىلەن بىر تەرەپ بوپتۇ . بىراق يىقىندا بىزننى بۇ يەردە بىر دېھقان يېزىلىق ھۆكۈممەت بىلەن ئۆي جاي توغۇرلۇق داۋالاشقان شۇنداقلا دەۋانى  غۇلجا شەھەرلىك خەلىق سوت مەھلكىمسى سوت ئاچقان ،شۇنداقلا بۇ دېھقان خېلى چىقىمدا بولۇپ بىر ئادۇكاتمۇ ئالغان ، شۇنداق قىلىپ بىرەر ئايدىن كىيىن دېھقان تەكلىپ قىلغان ئادۇۋكات بۇ دېھقانغا ىوشال ھالدا تېلفۇن قىلغان يەنى تېلفۇندا بۇ دېھقانى سوتتا يەڭگەنلىكىنى ئەتىسى كىلىپ ھۆكۈمنى ئىلۋىلىشنى ئىيتقان بۇ دېھقان ئەتىسى ىوشال ھالدا خوشنا ناھيەدىن 2سائەت ئاپتۇبۇس بىلەن يول يۈرۈپ   غۇلجا شەھەرلىك خەلىق سوت مەكىمسىگە كەلگەن شۇنداقلا ھۆكۈمنىمۇ ئالغان ،ئەپسۇس ...مېڭ ئەپسۇس  ھۆكۈمنامە بىر كىچىدىلا ئۆزگۈرۈپ بۇ دېھقانى سوتتا يىڭلگەن مەزمۇندىكى ھۆكۈمنى قولغا تۇتقۇزۇپ قويغان ...بۇ مانا يىقىندىلا بولغان بىر ئىش . بۇ قانداقمۇ قانۇنىڭ ئادىلقى بولسۇن ، بۇنداق بولغاندا قانۇن ئىرىقتىكى سۇغا ئوخشاپ قالمامدۇ ، سۇنى قاياققا باشىلسا شۇ ياققا ماڭىدىغان .....

agah 2011-01-06 12:21
ھەي ...بەزى قانون ئىجراچىلىرىغىمۇ ئامال يوق ..ئۇلار خۇددى پارنىكتىكى سەيگە ئوخشايدۇ ..................

kalibdaxbiz 2011-01-06 12:55
ئۇلار بەك سەۋرىچان ، جىق يول ماڭغۇزۇپ زىرىكىپ بولدە قىلغۇچە ئۇنىڭغا -بۇنىڭغا ئىتتىرىپ تۇردۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بىزنىڭمۇ يولىمىز قىسقا..

nazim 2011-01-06 16:03
قانۇن ئارقىلىق ئۆزىمىزنى قوغدايلى... ئۇ ئانىمىزغا قول قويدۇم.....

kuwruk 2011-01-06 20:23
قانۇننى بىلىشى قانۇننى قۇرال قىلىشى،،،ئىرىنمەي دەۋا قىلىشى ،،،،بەل قۇيۋەتمەسلىك كىرەك،،،!،،،،قانۇن ئادىل،،،،!

turkax 2011-01-06 23:37
قانۇن ئارقىلىق مەنپەتىمىزنى قوغدايلى ...قانۇن ئادىل .....

bahram 2011-01-07 02:15
بېيجىڭدىن نۇرغۇن پۇل خەجلەپ ئادۇۋۇكات تەكلىپ قىلىپ كىلىپ  دەۋادا ئۇتتۇرۇپ قويغانلارنى كۆرگەن مەن
بۇ ئايالدەك ئۇتىدىغانلار ناھايىتىمۇ ئاز
ئىشلىرىنى ئاسان قىلسۇن بۇ ئايالنىڭ .............

human 2011-01-07 13:16
ھەقىقەتەنمۇ بىرئادىللىق ساداسى بوپتۇ.

kapsizboway 2011-01-07 17:12
بۇ ئانىنىڭ ئېرىشكەن تۆلەم پۇلى بەكلا ئاز بولوپ قاپتۇ .2003-يىلى چىقىرىلغان ھۆكۆم ئىجرا قىلىنماي 7يىل سۆرۈلسە ،بۇ ئانا 7يىل جەريانىدا قانچىلىك جاپالارنى تارتتى ؟قانچىلىك چىقىم قىلدى؟سۈپەتسىز ئۈزۈم كۆچۈرۈلگەن يەردىن بۇ 7 يىل جەريانىدا قانچىلىك زىيان بولدى ؟ ئەسلى ئادىللىق ساداسى< چاقنىماي > ياڭرىغان بولغا ياخشى بولاتتىكەن.<سادا> نىڭ ياڭرىماي <چاقناپ> كەتكىنى قىززىق ئىش بوپتۇ


查看完整版本: [-- غولجىدا چاقىنىغان ئادىللىق ساداسى . --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.055094 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us