سىز تېخىچە ئاپتوموبىلىڭىزدىكى غەيرى پۇراقنى يوقۇتۇش توغىرسىدا باش قاتتۇرۋاتامسىز؟ ئەگەر ئاپتۇموبىلىىڭزدىكى غەيرى پۇراقنى يوقۇتۇشنى خىيال قىلسىڭىز تۆۋەندىكىلەرگە دىققەت قىلىڭ :
ھاۋا ئالماشتۇرۇش ؛
ھاۋا ئالماشتۇرۇش ئاپتوموبىلىڭىزدىكى غەيرى پۇراقنى يوقۇتۇشنىڭ ئۈنۈملۈك ئۇسسۇللىرنىڭ بىرى ،لىكىن بۇ خىل ئۇسسۇلنى قوللانغاندا ۋاقىت كۆپ كىتىدۇ ، قىشتا شارائىتنىڭ چەكلىمىسى تۈپەيلىدىن بۇ خىل ئۇسسۇلنى قوللىنىشقا ئەپسىز بولوپ قالىدۇ .
ئاپتوموبىل ئىچىدە كۆكتات ياكى مىۋە-چىۋە ساقلاش :
كۆتات ياكى مىۋە-چىۋىلەرنىڭ ئاپتوموبىلدىدكى غەيرى پۇراقنى يوقۇتۇش ئىقتىدارى ئالاھىدە ،بولۇپمۇ ئاناناس ،لىمۇن ، ئاپلىسىن قاتارلىق پۇرىقى كۈچلۈك مېۋىلەرنى ساقىلغاندا ئاپتوموبىلدىكى غەيرى پۇراقنى يوقىتىپلا قالماي ، ئاپتوموبىلىنىڭ ئىچىنى خۇشپۇراق قىلىش مەخسىدىگە يەتكىلى بولىدۇ .
ئاپتوموبىلدا ئاچچىقسۇ ساقلاش :
ئاچچىقسۇ فولمالدېگىنى سۈمۈرۈپلا قالماي يەنە فورمالدېگىنى تۇراقلاشتۇرۇش ئالاھىدىلىكىگە ئېگە بولغاچقا ،ئاپتوموبىلدا ئاچچىقسۇ ساقلىغاندا ئۈنۈمى ياخشىى ، تەننەرخى ئەرزان بولسىمۇ ئاپتوموبىل ھەيدەش جەريانىدا تۆكۈلۈپ كىتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كىرەك .