ھىجاپ مۇسۇلمان ئاياللار نىڭ ئىسلام شەرىئىتىگە مۇۋاپىق يىپىنچا بىلەن پۈتۈن بەدەننى تولۇق يۆگەشتىن ئىبارەت بولۇپ ،ئىسلام قانۇنىدا مۇسۇلمان ئايالنىڭ ھىجاپسىز ئۆي سىرتىغا ۋە سەپەرگە چىقىشى قەتئىي چەكلىنىدۇ. بۇھەققتە ئىسلام قانۇنى قۇرئان كەرىمدە(نامەھرەنلەر گە تىكىلىپ قارىمىسۇن،ئەۋرەتلىرىنى زىنادىن ساخلىسۇن،شۇنداق قىلىش ئۇلار ئۈچۈن ئەڭ ياخشىدۇر.ئاللاھ ھەقىقىتەن ئۇلار نىڭ قىلمىشىدىن خەۋەردادۇر.ۋە مۆمىئىن ئاياللار غا ئېيتقىنكى نامەھرەملەرگە تىكىلىپ قارىمىسۇن،ئەۋرەتلىرىنى ياپسۇن،تاشقا زىننەتىن باشقا زىننەتلەرنى ئاشكارە قىلمىسۇن،لىچەكلىرى بىلەن كۆكرەكنى ياپسۇن). سۈئەھزاقنىڭ59-ئايىتىدەھىجاپ توغۇرلۇق يەنە مۇنداق دېگەن (ئى پەيغەنبەر ئاياللىرىغا،قىزلىرىغا، مۆمىئىنلەر نىڭ ئاياللىرىغا ئېيتقىنكى پۈركەنجە بىلەن بەدەننى ئورىۋالسۇن،بۇنداق قىلغاندا ئۇلارنىڭ ھۆر ئاياللار ئىكەنلىكى ئاسسان تونىلىدۇ دەپ باشقىلار ئۇلارغا چېقىلمايدۇ.ئاللاھ بەندىلىرىگە مېھرىباندۇر.ناھايىتى مەغفىرەت قىلغۇچىدۇر).بۇ ئاياتتە ئاللاھ يۈكسەك جەمىئىيتى قۇرۇشتا، جەمىئەتنىڭ ئامانلىقى،ھەربىر جەمىئەت ئەزالىرىنىڭ ياخشى بولۇشتىكى ئاساسلىق بولغان پەزىلەت ئەخلاقلىرىنىڭ ئاساسى بولغان ھىجابنى ئەڭ ئەۋزەل ،پەيغەنبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆز ئاياللىرى ۋەقىزلىرىدىن باشلاپ باشقا مۆمىئىن ئاياللار غا ئۈلگە بولۇشقا چاقىرىدۇ.بۇخىل پۈر كەنجىنى كىيىش ئاياللار نىڭ ۋە قىزلار نىڭ پاك ئىپپەتلىك ئايال ئىكەنلىكىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ-دەقەلبىدە رەزىل قۇتراي دىغان بۇزۇق كىشىلەر نىڭ يامان سۆز ،بۇزۇق ھەرىكەتلىرىنىڭ نىشانى بولۇپ قىلىشتىن ساخلاپ قالىدۇ.ئەگەر خۇداغا ۋە ئاخرەتتىكى جازاغاھەقىيقىي ئىشىنىدىغان ئىپىتلىك ئاياللار دىن بولسىڭىز ،سۆز،ھەرىكەت،كىيىم-كىچەكلەرگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەيسىز.
مەنبە :(ئىسلام دىنى ئاياللارغا نىمە دەيدۇ ) ناملىق كىتاب تىن ئېلىندى.