ياشا ئۇيغۇر پۇتبولچىلىقى .ياشا ..
تار كوچىلاردا ئېرىق ئۆستەڭلەردە ياشا .
يانتۇ يەرلەردە ياشا ،
دەرەخنىڭ ئارىسىدا ،ئىدىرلىقلاردا ياشا .
كەڭ سەينادا توپ تەپمە ،
ئۆستى يېپىق يەردە تەپ .
چۈنكى پۇتۇڭنىڭ سالمىقى بار ،
توپ كۆككە ئۆرلەپ بۇلۇتقا ئىلىشىپ قالمىسۇن .
بۇلۇتتىكى توپ گوگلىنىڭ كۆزىگە چېلىقىپ دۇنياغا يېيىلمىسۇن .
ياشا ئۇيغۇر پۇتبولچىلىقى ،ياشا ،
يۇمشاق يەرلەرگە تەپ ،
داس-چىلەكلەرگە تېگىپ ئاۋازى دۇنياغا ئاڭلىنىپ قالمىسۇن .
پىلىمۇتتەك ناخشىلارنىڭ لەرزى ھەقىسىز ھاۋانىڭ بوشلۇقىدا تارالمىسۇن .
ياشا ئۇيغۇر پۇتبولچىلىقى ياشا ،
تەكلىماكاننىڭ قۇملۇقىدا ياشا ،
بېشىڭنى چىقارماي ،ئۈنۈڭنى ئاڭلاتماي ياشا .
جاھان ئاڭلاپ قالمىسۇن ،سەينادىكىلەر ئۇياتقا قالىدۇ .
ئۇياتقا قىلىپ دۇنيانىڭ تۆرىگە مەڭگۈ چىقالماي قالمىسۇن .
[56]http://player.56.com/v_NDk2NjA2ODU.swf[/56]