كومپىيوتۇر ۋىروسلانغاندا ياكى بىر قىسىم لۈكچەك دىتالنىڭ قالدۇقلىرى ، ئىجرا ھالىتىدىكى بىر قىسىم ئەخلەت ھۆججەتلىرىنى ئۆچۈرۈش بەك تەسكە توختايدۇ، تۆۋەندىكى ئۇسۇل بويىچە بىر ئۆچۈرۈش بويرىقى تۇزۇپ باقايلى. ئاۋال تېكىست ھۆججىتىدىن (文本文档) بىرنى ئاچىمىز . ئاندىن ئۇنىڭ ئىچىگە تۆۋەندىكىدەك كودلارنى يازىمىز:
DEL /F /A /Q [url=file://\\?\%1]\\?\%1[/url]
RD /S /Q [url=file://\\?\%1]\\?\%1[/url]
يۇقۇرقىلارنى يېزىپ بولغاندىن كېيىن ساقلاپ قويىمىز. ھەمدە تېكىست ھۆججىتىنىڭ نامىنى 删除 غا ، فورماتىنى txt ھۆججىتىدىن bat ھۆججىتىگە ئۆزگەرتىپ ساقلاپ قويىمىز. شۇنىڭ بىلەن ئۇ بىر ئىجرا ھۆججىگە ئۆزگىرىدۇ. بىز ئۆچۈرمەكچى بولغان ھۆججەتنى مائۇس بىلەن تارتىپلا بۇ ھۆججەت ئۈستىگە ئېلىپ كەلسەكلا ھۆججەت ئۆچۈرىلىدۇ. دائىملىق مەشغۇلاتىڭلاردا پايدىلىنارسىلەر.
ئېھتىرام بىلەن : قەلبداش .