ئەنگىلىيە:قازاقستان زوڭلىسى:< ئۇيغۇر!› ئەسكەرتىش:--مەزكۇر خەۋەر ماقالىسدا جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ ئىچكى ئشلىرى ،دۆلەت بىخەتەرلىكى،مىللى ياكى دىنى مەسلە ھەققىدە ھىچقانداق مۇھاكىمە ياكى مەزمۇن يوق،
ئەنگىلىيە 5نۇپۇرزلۇق ئاخبارات ۋاستىلىرىدىن بىرى بولغان ئنگىلىزچە <<تىلگىراف خەۋەرلىرى>>تورىنىڭ <<قازاقستان زوڭلىسنڭ كۆڭۈللۇك ئۇسۇلى>>ناملىق ماقالىسدىن ئۈرۈمچى تارىم تەرجىمە ئاگىېتنىلىقى قۇرغۇچىسى تاھىر ئىمىن ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلدى.
مەنبەسى:
http://www.tarimi.com/bbs ۋىكىلىكىس تەرىپىدىن تارىتىلغان دىپلوماتىك كابىللارغا ئاساسلانغاندا،قازاقستاننىڭ زڭلىسى كەرىم مەسۈموۋ ئاستانىنڭ ئەڭ مودا كىچىلىك كۇلۇبلىرىدىن بىرىدە ئۆزىچە ئىنتايىن قىزغىنلىق بىلەن ئۇسسۇل ئوينىغان .
خەۋەردە ئىيتىشلىچە 2008-يىلى ئاپرىلدا ،مەسۈموۋ ھەمراھلىرى كەلگەندىن كىين،ئۇلارنى شاكىلات ئۇسۇل سەھنىسگە ئىلىپ چىققان.بۇ خەۋەرنى ئاستانىدىكى دىپلومات ۋاشنگىتونغا يەتكۇزگەن.
بۇ سەھنىگە تەخمىنەن 100ئادەم سىغىدىغان بولۇپ،شۇ چاغدا 50كە يىقىن باشلىق ئۇسۇل ئوينىغان ئىكەن.
لىكىن مەسۈموۋ قۇرۇق سەھنىدە ئۆزى يالغۇز ئۇسۇل ئويناشنى تاللىغان،ئۇنىڭ ھەمراھلىرى تىزلا ھىرىپ چۈشۈپ كەتكەن،بىراق مەسۈموۋ چۈشمەي ئۆزى يالغۇز 15-20مىنۇتقىچە قىزغىن ئۇسۇل ئوينىغان.
بۇ خەۋەردە چەتئەللىك سودىگەرلەرنىڭ نەزىرىدە <<ھىلىگەر ئۇيغۇر>>دەپ تونۇلغان بۇ كىشنىڭ ئاز ئۇچرايدىغان كۆز قسقان سۈرىتى بىسىلغان.چۈنكى (ئۇنىڭ ھىلىگەر ئۇيغۇر دىيىلىشى)-ئۇنىڭ يەر ئاستىدىن سۇ قۇيىدىغان ۋە ھەرقانداق ئشنى كەم-كۇتىسز ئورۇنلايدىغان ،ھەرقانداق ئەھۋال ئاستىدىمۇ تەمكىن ۋە دىلپوماتىك كۇلكىسنى ساقلاپ تۇرالايدىغان مەشھۇر ئاتىقى بولغانلىقى ئۈچۈن.
مەسۈم كەرىموۋ ئاز سانلىق مىللەت ئۇيغۇر جەمئىيتىدىن چىققان بولۇپ،ئۇلارنىڭ كۆپچىلىقى جۇڭگودا ياشايدۇ،مەسۈم كەرىموۋنىڭ قەبىلىۋى ئاساسى ئاجىز بولۇپ،پىرىدزدنت نۇر سۇلتان نەزەربايىۋ تەرىپىدىن تەھدىت دەپ قارالمىغان.
ساقال-بۇرۇتى قويۇق بولغان سابىق ئاخبارات ئەمەلدارى خەنزۇ،ئەرەب،روس ۋە ئنگىلىز تىللىرىغا راۋان بولۇپ،قازاق ھۆكۈمىتى ئۇنى ھەمىشە خەلقئارا ئاخبارات مىدىيا ۋە خەلقئارا دىپلوماتىيە ئشلىرىدا ئوتتۇرىغا چىقىرىدۇ.
مەسۈموۋ غەيرەت كەلىمبىتوۋ -ھازىر سامرۇك كازىنيا (دۆلەت يەر-زىمىن بايلىق فۇندىنىڭ باشلىقى)،ئاستانە شەھەر باشلىقى ئەسقەر مامىن،ھەمدە ئۈچ ئوتتۇرا ياشلىق ئايال -بەلكىم ئۇلارنىڭ ئاياللىرى بولۇشى مۇمكىن-كىچە سائەت 1:00دە چىقىپ كەتكەن.
مەسۈموۋ ۋىكىلىكىسنڭ يەنە بىر ئاخباراتىدا نەزەربايىۋنىڭ كۇچلۇك كۇيئوغلى مىلىياردىر تىمۇر قۇلىبايىۋنى تىكلەپ چىقارغان دەپ ئاشكارىلانغان.
قازاقستان دۆلەت نىفىت شىركىتى كازمۇنايگاسدا يۇقىرى دەرىجىلىك مەمۇرى ئەمەلدار بولۇپ ئشلىگەن مەقسەت ئىدەنوۋ بۇ يىل بىشدا ئامرىكا دىپلوماتىغا مۇنداق دىگەن:مەسۈموۋنىڭ خىلى ئەركىنلىكى بار،بىراق ئۇ قۇلىبايىۋدىن يول-يورۇقسز ھىچ ئش قىلمايدۇ.
مەسۈموۋنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى ئاشكارىلانغان بۇ ئشلار ھەققىدە پىكىر بىلدۇرۇشنى رەت قىلدى.
خەۋەر مەنبەسى:ئەنگىلىيە 5 نوپۇزلۇق ئاخبارات ۋاستىلىرىدىن بىرى<< تىلگىراف خەۋەرلىرى>>:
ئادىرسى:
http://www.telegraph.co.uk/news/ ... ightclub-dance.html