مەن مۇسۇلمان دەيدۇ ھەممە ئۆزىنى
تۇزەتمەستىن ئەمىلىنى سۆزىنى
كاپىر ئىكەنسەن دەپلا قويساڭ سەن ئۇنى
قان چاچىدۇ ئاقلاش ئۇچۇن ئۆزىنى،
ئىسلام نىمە ئېيمان نىمە بىلمەستىن
شىرىك نىمە تەۋھىد نىمە بىلمەستىن
مەن مۇسۇلمان دەمسەن يەنە ئۆزۈڭنى
سۇننەت نىمە بىدئەت نىمە بىلمەستىن،
ئىبادەتنى بىر ئاللاھقا قىلماستىن
يارىدەمنى بىر ئاللاھدىن سورماستىن
مەن مۇسۇلمان دەمسەن يەنە قىزارماي
ھالال نىمە ھارام نىمە بىلمەستىن.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇسۇلمان قېرىنداشلار!!!!!
ۋاختىمىزنى بىھۈدە ئىشلارغا سەرىپ قىلماي مۇشۇ مەزمۇنلار ئۇستىدە ئىزدىنەيلى!...... مەن زادى قانچىلىك مۇسۇلمان.
ئاللاھ تائالا قىيامەت كۈنىدە قانداق سوراق-سۇئال قىلىشىنى مەن دىمىسەممۇ ھەممىمىز ئوبدان بىلىمىز!!! ھەي...............................