جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ بىر قىسمى بولغان مانجو يېزىقى ھازىر يوقىلىشقا قاراپ يۇزلىنىۋاتقان بولۇپ ،مانجو يېزىقىدا خاتىرىلەنگەن چىڭ سۇلالىسى پۈتۈكلىرى كۈمۈلۈپ قالماقتا.بۇيىل11-ئاينىڭ 18كۈنى دېھقانلار كالىندارى بويىچە 10-ئاينىڭ 13-كۈنى مانجولارغا نام بېرىلگەن كۈن .يەنى مانجۇ مىللىتىنىڭ375ياشقا تولغان تۇغۇلغان كۈنى. 1635-يىلى دېھقانلاركالىندارى بويىچە 10-ئاينىڭ 13-كۈنى چىڭ تەيزوڭ يارلىق چۈشۈرۈپ مىللەت نامىنى <نۈجىن>دىن رەسمىي ھالدا مانجوغا ئۆزگەرتكەن.بۇ كۈندە نۇرغۇنلىغان مانجو قېرىنداشلار ئۆزلىرىنىڭ ئەنئەنىۋى كىيىملىرىنى كىيىپ يىغىلىش ئۆتكۈزىدۇ.بېيجىڭ ئىجىتىمائى پەنلەر ئاكادىمىيىسى مانجو تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى،بېيجىڭ شەھەرلىك سىياسى كىڭەشنىڭ ئەزاسى جاۋجىچىياڭنىڭ تونۇشتۇرىشىچە ھازىر مانجولارنىڭ سانى 10مىليودىن ئوشۇق بولۇپ، مەملىكىتىمىزدىكى ئىككىنچى چوڭ ئازسانلىق مىللەت ئىكەن.بىراق ھازىر مانجو تىلىنى شەرقى شىمالدىكى بەزى يېزىلاردىكى ئايرىم بىر قانچە كەنتتىكى ياشانغان كىشىلەرلا ئىشلىتىدىغان بولۇپ ،يەنە كىلىپ بۇ كىشىلەر پەقەت سۆزلەشنىلا بىلىپ يېزىقنى ئۇقمايدىكەن.بۇ توغرىسىدا مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دىدى: چىڭ ھۈكۈمىتى نەچچە مىليون نوپوسى بىلەن ئۆزىدىن بىرقانچە ئون ھەسسە كۆپ بولغان خەنزولارغا ھۈكۈمرانلىق قىلغان.ئەتراپىدا پۈتۈنلەي خەنزۇ تىلى مۇھىتىدا تۇرغاچقا ،باشقۇرۇش ۋە ئالاقىگە قولايلىق بولۇشى ئۈچۈن، مانجو مىللىت ۋە خەنزولارنىڭ ئۆزئارا بىرىكىپ قۇشۇلۇپ كىتىشى مۇقەررەر .مانجو يېزىقىنىڭ يوقىلىشى تارىخنىڭ يۇزلىنىشى.بىراق مانجو يېزىقى چوقوم قوغدىلىشى كېرەك .ئەگەر مانجو يېزىقى ھېچكىم بىلمەيدىغان يېزىق بولۇپ قالسا ،بۇ مانجو مىللىتىنىڭ زور يوقىتىشى بولۇپلا قالماستىن بەلكى جوڭخۇا مەدەنىيىتىگە نىسپەتەنمۇ غايەت زور زىيان ھىساپلىنىدۇ. '6K WobXm