كىملىك گۇۋاھنامىسىنى كۆتۈرۈپ يۈرۈشكەن ھالدا ئۆزىنىڭ ھەقىقى كىملىكىنى بىلمەسلىك ئادەملىرىمىزدىكى گۇمراھلىقنىڭ تىپىك جۈملىسىدىندۇر . bU,&|K/
ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە باردىم، كىشىلەر مەندىن: +%~g$#tlJo
-« سەن كىم ؟ » دەپ سوراشتى، \ d;Ow8%d/
- « مەن ئۇيغۇر » دېسەم ، ئىنكاس قايتۇرالمىدى .
t|DYz#]
ياپۇنىيىگە باردىم، كىشىلەر مەندىن: `jkn*:m
-« سەن كىم ؟» دەپ سوراشتى، &_6:TqJ
- « مەن ئۇيغۇر» دېسەم، گاڭگىراپ قىلىشتى . *$1)&2i
ياتلار ئاللىبۇرۇن يوقاپ كەتكەن دىنىزاۋۇرنى ياخشى بىلىدۇ ، لىكىن مىنى بىلمەيدۇ . كىشىلەر نۇپۇزى يۈزمىڭغا بارمايدىغان ئېسكىمۇسلارنى تونۇيدۇ ، لىكىن 10مىلىيۇن نۇپۇسقا ئىگە ئۇيغۇرنى تونۇمايدۇ . A!~o?ej
مەن قامۇسلارنى ۋاراقلاپ باقتىم، « ئۇيغۇر » دىگەن ئىبارىنى يەتتە-سەككىز قۇر چۈشەندۈرۈپلا بولدى قىپتۇ، تېخى بۇنچىلىك بايانلارنى بەزى قامۇسلاردىن تاپقىلى بولمايدۇ . چىۋىن، چاشقان، قۇرۇت-قوڭغۇزلار ھەققىدىكى بايانلار بىر-ئىككى بەتتىن ئاشىدىكەن . )wRD
بۇ ئىشلار ماڭا ھار كەلدى . نۇمۇس قىلدىم ، جاھان ماڭا تار كەلدى . ئەگەر 10مىلىيۇن كېسەكتىن قەسىر سىلىشقا توغرا كەلسە، ساياھەتچىلەرنى ئۆزىگە تارتىپ ، ئالامگە پۇر كەتكۈدەك قەسىردىن بىرى پۈتۈشى مۇمكىن . jj2UUQ|
بىز دۇنيادا مەۋجۇت ، لېكىن دۇنيا بىزنى نېمىشقا تونۇمايدۇ؟............ *Y ZLQT
بۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزىمىزنىڭ كىملىكىنى ، نەدىن كەلگەنلىكىمىزنى ، نەگە بارىدىغانلىقىمىزنى بىلىشىمىز تولىمۇ زۆرۈر. بىز باشقىلارغا ئەگىشىمىز دەپ ئۆزىمىزدىن چەتلەپ كەتتۇق ، باشقىلارغا ئىشىنىپ ، ئۆزىمىزگە ئىشەنمەس بولدۇق ، ئۆزىمىزگە باشقىلارنىڭ كۆزى بىلەن باھا بەردۇق ، ئاخىر ئۆزىمىزنى يىتتۈرۈپ قويدۇق . G
;;~xfE'
ئەمدى ، بىز بۇنى تونۇپ يىتەيلى ۋە ئۆزىمىزنى ئىزدەيلى ، ۋەزىيەت تەرەققىياتى بىز ياشىغان رايۇندىكى ماكان ، زامان ئۇقۇمىنى ئۆزگەرتمەكتە ،بىز ئۆزگىرىۋاتقان ماكان ئۇقۇمىدىكى يېڭى ئۆزلىكىمىزنى بايقىشىمىز كېرەك . 2cg z
n@
بىر مىللەتنى ئەقىل بىلەن چۈشىنىش باشقا مىللەتلەرنىڭ قولىدىنمۇ كىلىدۇ . لىكىن ، مۇھەببەت ۋە قەلب بىلەن چۈشىنىش پەقەت شۇ مىللەتنىڭ ئۆزىنىڭ قولىدىن كىلىدۇ . *&]l
ئانا تىلىڭ ئۆز كۆزۈڭگە ئوخشايدۇ ، قالغان تىللار كۆزەينەك ، دۇربۇن ، تېلېسكوپ ، مىكروسكوپ...دىگەنلەرگە ئوخشايدۇ . ئۇلار ھەرقانچە ئىلغار بولسىمۇ ، كۆزۈڭ يەنىلا ساق بولىشى كېرەك . =*Xf(mh c
بىر زىيالى بىر دانىشمەنگە مۇنداق دەپتۇ: Bl];^W^P
-پەننىڭ قۇدرىتىگە بىر نېمە دېمەك تەس ، كۆزەينىكىم بولمىسا ، نەرسىلەرنى تۈزۈك كۆرەلمەيمەن . كۆزەينىكىمنى تاقىۋالسام ، قارا كىگىزدە ئۆمىلەپ كېتىۋاتقان قارا چۈمۈلىنىمۇ كۆرەلەيمەن . Tt|6N*b'
-ئوبدان دېدىلە ئەپەندى . ئاشۇ قارا چۈمۈلىنى سىلىنىڭ كۆزەينەكلىرى كۆرەمدۇ ياكى كۆزلىرىمۇ ؟ ئىشەنمىسىلە كۆزەينەكلىرىنى كاسىلىرىغا توغۇرلاپ باقسىلا ، - دەپتۇ دانىشمەن . wlM
?gQXU[
ئانا تىلىڭ غۇرۇر ، مۇھەببەت ، ۋىجدان ، ئەقىدىنىڭ تىلى . ئۇ يىلىك . مەرىپەت ، ھەقىقەت ، قۇدرەت ئۇنىڭدىن باشلىنىدۇ . باشقا تىللار گۇۋاھنامە ، شاھادەتنامە ، كاپالەتنامە ، ھوقوقنامە تىللىرىدۇر . )g_zPt
>iN%Uz
مەنبە: ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ « ئۆزىنى ئىزدەش بوسۇغىسىدا » دېگەن كىتابىدىن ئىلىندى . u$8MVP
(