كىملىك گۇۋاھنامىسىنى كۆتۈرۈپ يۈرۈشكەن ھالدا ئۆزىنىڭ ھەقىقى كىملىكىنى بىلمەسلىك ئادەملىرىمىزدىكى گۇمراھلىقنىڭ تىپىك جۈملىسىدىندۇر . d{FD.eI0
ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە باردىم، كىشىلەر مەندىن: XJ
*W7HD
-« سەن كىم ؟ » دەپ سوراشتى،
$hgsWa
- « مەن ئۇيغۇر » دېسەم ، ئىنكاس قايتۇرالمىدى . V+dFL9
ياپۇنىيىگە باردىم، كىشىلەر مەندىن: 8pE0ANbq
-« سەن كىم ؟» دەپ سوراشتى، %>)&QZig/
- « مەن ئۇيغۇر» دېسەم، گاڭگىراپ قىلىشتى . H>Ws)aCq
ياتلار ئاللىبۇرۇن يوقاپ كەتكەن دىنىزاۋۇرنى ياخشى بىلىدۇ ، لىكىن مىنى بىلمەيدۇ . كىشىلەر نۇپۇزى يۈزمىڭغا بارمايدىغان ئېسكىمۇسلارنى تونۇيدۇ ، لىكىن 10مىلىيۇن نۇپۇسقا ئىگە ئۇيغۇرنى تونۇمايدۇ . @"$rR+r'
مەن قامۇسلارنى ۋاراقلاپ باقتىم، « ئۇيغۇر » دىگەن ئىبارىنى يەتتە-سەككىز قۇر چۈشەندۈرۈپلا بولدى قىپتۇ، تېخى بۇنچىلىك بايانلارنى بەزى قامۇسلاردىن تاپقىلى بولمايدۇ . چىۋىن، چاشقان، قۇرۇت-قوڭغۇزلار ھەققىدىكى بايانلار بىر-ئىككى بەتتىن ئاشىدىكەن . 8C
4=f
بۇ ئىشلار ماڭا ھار كەلدى . نۇمۇس قىلدىم ، جاھان ماڭا تار كەلدى . ئەگەر 10مىلىيۇن كېسەكتىن قەسىر سىلىشقا توغرا كەلسە، ساياھەتچىلەرنى ئۆزىگە تارتىپ ، ئالامگە پۇر كەتكۈدەك قەسىردىن بىرى پۈتۈشى مۇمكىن . @[] A&)B
بىز دۇنيادا مەۋجۇت ، لېكىن دۇنيا بىزنى نېمىشقا تونۇمايدۇ؟............ Qx% ]u8s
بۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزىمىزنىڭ كىملىكىنى ، نەدىن كەلگەنلىكىمىزنى ، نەگە بارىدىغانلىقىمىزنى بىلىشىمىز تولىمۇ زۆرۈر. بىز باشقىلارغا ئەگىشىمىز دەپ ئۆزىمىزدىن چەتلەپ كەتتۇق ، باشقىلارغا ئىشىنىپ ، ئۆزىمىزگە ئىشەنمەس بولدۇق ، ئۆزىمىزگە باشقىلارنىڭ كۆزى بىلەن باھا بەردۇق ، ئاخىر ئۆزىمىزنى يىتتۈرۈپ قويدۇق . TR([u
ئەمدى ، بىز بۇنى تونۇپ يىتەيلى ۋە ئۆزىمىزنى ئىزدەيلى ، ۋەزىيەت تەرەققىياتى بىز ياشىغان رايۇندىكى ماكان ، زامان ئۇقۇمىنى ئۆزگەرتمەكتە ،بىز ئۆزگىرىۋاتقان ماكان ئۇقۇمىدىكى يېڭى ئۆزلىكىمىزنى بايقىشىمىز كېرەك . 5NECb4FG
بىر مىللەتنى ئەقىل بىلەن چۈشىنىش باشقا مىللەتلەرنىڭ قولىدىنمۇ كىلىدۇ . لىكىن ، مۇھەببەت ۋە قەلب بىلەن چۈشىنىش پەقەت شۇ مىللەتنىڭ ئۆزىنىڭ قولىدىن كىلىدۇ . 1>1ii
ئانا تىلىڭ ئۆز كۆزۈڭگە ئوخشايدۇ ، قالغان تىللار كۆزەينەك ، دۇربۇن ، تېلېسكوپ ، مىكروسكوپ...دىگەنلەرگە ئوخشايدۇ . ئۇلار ھەرقانچە ئىلغار بولسىمۇ ، كۆزۈڭ يەنىلا ساق بولىشى كېرەك . b2vc
بىر زىيالى بىر دانىشمەنگە مۇنداق دەپتۇ: dqvgy yq
-پەننىڭ قۇدرىتىگە بىر نېمە دېمەك تەس ، كۆزەينىكىم بولمىسا ، نەرسىلەرنى تۈزۈك كۆرەلمەيمەن . كۆزەينىكىمنى تاقىۋالسام ، قارا كىگىزدە ئۆمىلەپ كېتىۋاتقان قارا چۈمۈلىنىمۇ كۆرەلەيمەن . E*t0ia8
-ئوبدان دېدىلە ئەپەندى . ئاشۇ قارا چۈمۈلىنى سىلىنىڭ كۆزەينەكلىرى كۆرەمدۇ ياكى كۆزلىرىمۇ ؟ ئىشەنمىسىلە كۆزەينەكلىرىنى كاسىلىرىغا توغۇرلاپ باقسىلا ، - دەپتۇ دانىشمەن . #
Y*cLN`Y7
ئانا تىلىڭ غۇرۇر ، مۇھەببەت ، ۋىجدان ، ئەقىدىنىڭ تىلى . ئۇ يىلىك . مەرىپەت ، ھەقىقەت ، قۇدرەت ئۇنىڭدىن باشلىنىدۇ . باشقا تىللار گۇۋاھنامە ، شاھادەتنامە ، كاپالەتنامە ، ھوقوقنامە تىللىرىدۇر . $K,6!FyBa
y/}>)o4Q
مەنبە: ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ « ئۆزىنى ئىزدەش بوسۇغىسىدا » دېگەن كىتابىدىن ئىلىندى . uT}Jw
(