باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 1853 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: ئۇلۇغچات ناھىيىسى .....
دوستلىشىش
تاھىربەگ
تاھىربەگدىن ھەممىڭلارغا ئەسسالامۇ_ئەلەيكۇم !!
دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 181
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 11
ئومۇمىي يازما: 2475
ئۇنۋان:جاپاكەش ھازىرغىچە2475دانە
ئۆسۈش: 5440 %
مۇنبەر پۇلى: 30431 سوم
تۆھپىسى: 179 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-06
ئاخىرقى: 2012-05-11
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2010-12-26 22:11

ئۇلۇغچات ناھىيىسى .....




ئۇلۇغچات ناھىيىسى  
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىسى ئىچىدىكى بىر ناھىيە بۇلۇپ مەمۇرى جەھەتتىن قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىتىگە قارايدۇ. ئۇلۇغچاتنىڭ يەر مايدانى 18،758 كۇۋادىرات كلومىتىر بولۇپ   2002-يىلدىكى سىتاتىسكىگا ئاساسلاڭاندا، ئۇنىڭ نۇپۇسى 40،000.
ئۇلۇغچات خەن سۇلالىسى دەۋرىدە يۇندۇ دۆلىتىنىڭ يېرى بولغان. خەن سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى دەۋرىگە كەلگەندە سۇلى دۆلىتىگە قوشۇۋېتىلگەن، تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە سۇلى قورۇقچىبەگ مەھكىمىسىگە قارىغان. چىڭ سۇلالىسىنىڭ چيەنلۇڭ 23 - يىلى (1758 - يىلى) قەشقەرگە قارىغان. چىڭ سۇلالىسىنىڭ گۇاڭشۈ 8 - يىلى (1882 - يىلى) قەشقەر كونا شەھەر ناھىيىسى قۇرۇلغاندىن كېيىن قەشقەر كونىشەھەر ناھىيىسىگە قارىغان. مىنگونىڭ 9 - يىلى ( 1920 - يىلى) ئۇلۇغچات ئامبال ياردەمىچىسى قويۇلۇپ، قەشقەر كونىشەھەر ناھىيىسىگە قارىغان. مىنگونىڭ 19 - يىلى (1930 - يىلى) ئۇلۇغچات باشقۇرۇش ئىدارىسى تەسىس قىلىنىپ 3 - مەمۇرىي رايونغا قارىغان. مىنگونىڭ 27 - يىلى ( 1938 - يىلى) ناھىيە تەسىس قىلىنىپ خەنزۇچە نامى ئۇچا (ئۇلۇغچات) دەپ ئۆزگەرتىلگەن. 1954 - يىلى قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ باشقۇرۇشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن.
ئولۇغچات ناھىيىسى تەڭرىتېغى بىلەن كوئىنلۇن تېغى تۇتاشقان جايغا جايلاشقان. شەرق تەرىپى ئاتۇش شەھىرى، قەشقەر كونا شەشەر ناھىيىسى بىلەن، جەنۇب تەرىپى ئاقتۇ ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. غەربىي شىمال قىسمى قىرغىزىستان بىلەن چېگرىداش (چېگرا لىنىيىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 410 كىلومېتىر)، شەرقتىن غەربكىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 180 كىلومېتىر. جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان كەڭلىكى 160 كىلومېتىر. ئومۇمىي يەر مەيدانى 17 مىڭ 900 كۋادرات كىلومېتىر. قارمىقىدا ئىككى بازار، توققۇز يېزا، 30 كەنت ئاھالە كومىتېتى بار. ناھىيە بازىرىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى بىلەن ئارىلىقى بىر مىڭ 527 كىلومېتىر. 1995 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى ئومۇمىي نوپۇسى 41 مىڭ 600. بۇنىڭ ئىچىدە قىرغىزلار 73.10% نى، ئۇيغۇرلار 19.7% نى، خەنزۇلار 6.89% نى، باشقا مىللەتلەر 0.25% نى تەشكىل قىلىدۇ.  بۇ ناھىيىنىڭ ئۈچ تەرىپىنى ئېگىز تاغلار ئوراپ تۇرىدۇ. شەرقىي - جەنۇبىي قىسمىدا قەشقەر دېلتىسى تۈزلەڭلىكى بار. تەۋەسىدە قىزىلسۇ دەرياسى ۋە چاقماق دەرياسىدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ ئېقىن بار. يەر ئۈستى سۇ بايلىقى 960 مىليون كۇب مېتىر. ياۋايى ھايۋان بايلىقىدىن يىلپىز، قوڭۇر ئېيىق، ئاق بوغۇز بۆكەن، ياۋا چوشقا، سۇغۇر، ئۇلار، چىل قاتارلىقلار بار. ياۋا دورا ئۆسۈملۈك بايلىقىدىن ئەڭلىك ئوت، چۈچۈكبۇيا، ئەنجىدان (ھىڭ)، چاكاندا، پاقا يوپۇرمىقى، قانتېپەر، كىرەش، مامىكاپ، كەتىرا، يەر مەدىكى، پالما مەرىزى قاتارلىقلار بار. بايقالغان قېزىلما بايلىقلاردىن كۆمۈر، نېفىت، نېفىتلىك سىلانېتىسى، تۆمۈر، مىس، قوغۇشۇن، سىنك، سترونتىسىي، ئالتۇن، فوسفور، تۇز، گۈڭگۈرت، ھاك تاش، گەز، چىنە توپىسى قاتارلىقلار بار. بۇنىڭ ئىچىدە كۆمۈر زاپىسى پۈتۈن ئوبلاست كۆمۈر زاپىسىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيدۇ. ئۇلۇغچات ناھىيىسى مۆتىدىل بەلۋاغ قۇرغاق ئىقلىم رايونىغا كىرىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى 6.8℃، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى 34.7℃، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى - 29.9℃. كۈننىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە چۈشۈش ۋاقتى 2797.2 سائەت. 10℃ جۇغلانما تېمپېراتۇرىسى 2529.3℃، قىروسىز مەزگىلى 138 كۈن. يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل - يېغىن مىقدارى 163 مىللىمېتىر، سۇنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە پارغا ئايلىنىش مىقدارى 2564.9 مىللىمېتىر. بۇ ناھىيە چارۋىچىلىقنى ئاساس قىلىدۇ. ھازىر بار تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 3700 گېكتار ( 55 مىڭ 500 مو)، ئورمان كۆلىمى 13 مىڭ 100 گېكتار (196 مىڭ 500 مو)، ئوتلاق كۆلىمى بىر مىليون 85 مىڭ 900 گېكتار (16 مىليون 288 مىڭ مو). مال - چارۋىسىدىن قوي، كالا، ئات، تۆگە، ئېشەك، قوتاز قاتارلىقلار بار. دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىدىن بۇغداي، كۆممىقوناق، قىچا، يالىڭاچ ئارپا، دادۇر، كۆك پۇرچاق قاتارلىقلار بار. ئۇلۇغچات ناھىيىسىنىڭ ئۇل مۇئەسسەسەلىرى تەدرىجىي ياخشىلانماقتا. ناھىيە بازىرى بىلەن ئوبلاست مەركىزى بولغان ئاتۇش شەھىرى بىلەن تۇرغات ئېغىزىنى ئاسفالت يوللار تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدۇ. ناھىيىدىن يېزا، بازارلىرىغا بارىدىغان غول تاشيوللار ۋە ئاددىي تاشيوللار بار. ناھىيە بازىرىدىن ئوبلاستقىچە بولغان بۆلەككە نۇر كابىلى ياتقۇزۇلۇپ بولدى. پروگراممىلىق تېلېفونمۇ پۈتۈن مەملىكەت بىلەن تورلاشتۇرۇلۇپ بولدى. بۇ ناھىيىدىكى تورغات ۋە ئېركەشتام ئېغىزى، شىنجاڭنىڭ قىرغىزىستان جۇمھۇرىيىتى بىلەن سودا ئالاقە قىلىشىدىكى ئاساسلىق ئېغىز ھېسابلىنىدۇ.
1985 – يىلى قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ ئۇلۇغچات ناھىيىسىدە ئېغىر يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بېرىپ ، ناھىيە تەۋەسى بىر خارابىلىققا ئايلىنىپ كەتكەن ئىدى . ئاپەتتىن كېيىن ، ھەر دەرىجىلىك ئورۇنلارنىڭ يېققىندىن قوللىشى ۋە ياردەم بېرىشى نەتىجىسىدە  ، يېڭدىن قۇرۇلۇشقا باشلىغان يېڭى ئۇلۇغچات ناھىيىسى يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن كۈندىن – كۈنگە تەرەققى قىلىپ ، گۈزەل ماكانغا ئايلاندى . 
ناھىيە بازىردىن بىر كۆرۈنۈش




















ئىلىم ئۈچ غېرىچ - 1 غېرىچ ئۈگەنسە - ھە ! مەن خىلى بىر نەرسە بىلىپ قالدىم دەپ تەكەببۇرلىشىدۇ . 2 غېرىچ ئۈگەنسە كەمتەرلىشىپ كېتىدۇ . 3 غېرىچ ئۈگەنسە ئۆزىنىڭ تېخى ھېچنىمە بىلمەيدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىدۇ _ ئىمام شافىئىي رەھىمەھۇللاھ
دوستلىشىش
handanlik
ئۇرۇش قىلماي شەھەرئالدى.پۇل تۆلىمەي يەرئالدى
دەرىجە: رەسمىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1230
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 238
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە238دانە
ئۆسۈش: 470 %
مۇنبەر پۇلى: 2826 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-08-27
ئاخىرقى: 2012-05-11

بۇ رەسىملەردە مىچىت كۇرۇنمەيدۇ راۋاق راستىنلا كۆپ ئىكەن
دوستلىشىش
تاھىربەگ
تاھىربەگدىن ھەممىڭلارغا ئەسسالامۇ_ئەلەيكۇم !!
دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 181
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 11
ئومۇمىي يازما: 2475
ئۇنۋان:جاپاكەش ھازىرغىچە2475دانە
ئۆسۈش: 5440 %
مۇنبەر پۇلى: 30431 سوم
تۆھپىسى: 179 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-06
ئاخىرقى: 2012-05-11
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-01-01 17:39

مەسچىت تازا ناھىيەنىڭ قاپ ئوتتۇرسىغا جايلاشقان ، ئورنى شۇنداق ياخشى . لىكىن رەسىمى يوق بوپ قالدى ئەپسۇس ...  تۇرغۇنالى قارىم  ئىمامى ، ھەقىقەتەن قورسىقىدا بىلىمى بار دە، قىرغىز مۇسۇلمانلىرنىڭ ئىچىدىن چىققان بىر نۇرلۇق يۇلتۇز .....
ئىلىم ئۈچ غېرىچ - 1 غېرىچ ئۈگەنسە - ھە ! مەن خىلى بىر نەرسە بىلىپ قالدىم دەپ تەكەببۇرلىشىدۇ . 2 غېرىچ ئۈگەنسە كەمتەرلىشىپ كېتىدۇ . 3 غېرىچ ئۈگەنسە ئۆزىنىڭ تېخى ھېچنىمە بىلمەيدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىدۇ _ ئىمام شافىئىي رەھىمەھۇللاھ
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 4969
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 255
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە255دانە
ئۆسۈش: 540 %
مۇنبەر پۇلى: 1924 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-18
ئاخىرقى: 2012-05-01
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-01-01 18:02

ئوخشىمىغان مىللەتلەر بىلەن خوشنا بۇلۇپ ئۇلتۇرۇشمۇ ىۇپ قۇيىدىغان ئىش جۇمۇ
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7318
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 12
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە12دانە
ئۆسۈش: 30 %
مۇنبەر پۇلى: 135 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-05-10
ئاخىرقى: 2012-03-11
4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-05-12 17:36

ەمگەگىڭىزگە ىراقمات.
دوستلىشىش
تاھىربەگ
تاھىربەگدىن ھەممىڭلارغا ئەسسالامۇ_ئەلەيكۇم !!
دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 181
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 11
ئومۇمىي يازما: 2475
ئۇنۋان:جاپاكەش ھازىرغىچە2475دانە
ئۆسۈش: 5440 %
مۇنبەر پۇلى: 30431 سوم
تۆھپىسى: 179 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-06
ئاخىرقى: 2012-05-11
5-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-08-17 19:45

4-قەۋەت (ۇلان) نىڭ يازمىسىغا

رەسىم:
سىز  دەلە ۇلۇچات وۋدانىدانبې ؟  
[ بۇ يازمىنىتاھىربەگ 2011-11-21 19:03قايتا تەھرىرلىد ]
ئىلىم ئۈچ غېرىچ - 1 غېرىچ ئۈگەنسە - ھە ! مەن خىلى بىر نەرسە بىلىپ قالدىم دەپ تەكەببۇرلىشىدۇ . 2 غېرىچ ئۈگەنسە كەمتەرلىشىپ كېتىدۇ . 3 غېرىچ ئۈگەنسە ئۆزىنىڭ تېخى ھېچنىمە بىلمەيدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىدۇ _ ئىمام شافىئىي رەھىمەھۇللاھ