ھويلىدا بىر ياشانغان بوۋاي سۈكۈت قىلىپ ئولتۇراتتى، يىنىدا ئوغلى گېزىت ئوقۇۋاتاتتى. تۇيۇقسىزدىن بىر قۇشقاچ پەستىكى بىر شاخقا قۇندى. بوۋاي قوشقاچنىڭ قۇنغان يېرىگە قاراپ ئوغلىدىن:
- ئۇ نېمە؟- دەپ سورىدى. ياش يىگىت بەش سېكۇنت كۈزەتكەندىن كېيىن:
- بىر قۇشقاچ. - دەپ جاۋاب بەردى ئوغلى.
قىسقىغىنە 10 سېكۇنت ئۆتۈپلا بوۋاي يەنە:
- ئۇ نېمە؟ - دەپ سورىدى.
- ھازىر تېخى دېدىمغۇ، ئۇ بىر قۇشقاچ. - دېدى يىگىت، سەل ئاچچىقلىغاندەك گېزىتنى بىر سىلكىۋىتىپ.
قۇشقاچ ئۇچۇپ ئىگىزرەك شاخقا قۇندى. بوۋاي قولى بىلەن چاقناپ تۇرغان قۇياشنى توسىۋېلىپ ئىگىز شاخقا قۇنغان قۇشقاچقا دېققەت قېلىپ تۇراتتى. قۇشقاچ يەنە ئۇچۇپ يەرگە قۇندى. بۇ بىر يۈرۈش ھەركەتلەر 20 سېكۇنت ئەتراپىدا تۈگىتىلدى. شۇنىڭ بىلەن بوۋاي يەنە:
- ئۇ نېمە؟ - دەپ سورىدى. ئوغۇل گېزىتنى يېپىۋىتىپ:
- بىر قۇش ئۇ، بىر قۇشقاچ! بىر قۇش-قاچ!!! - ئوغۇل ئاچچىقىدا دادىسىنى سىلكىۋەتتى.
- ئۇ نېمە؟ - بەش سېكۇنت ئۆتۈپلا بوۋاي يەنە سورىدى.
- نېمە قىلغىنىڭ بۇ؟! نەچچە قېتىپ دېدىمغۇ! ئۇ بىر قۇش! ئۇقتۇڭمۇ ئەمدى؟! - دەپ ۋاقىراپ كەتتى ئوغلى.
بوۋاي ئورنىدىن تۇرۇپ ئۆينىڭ ئىچىگە تەمشەلدى.
- نەگە بارىسەن؟ - دەپ ۋاقىردى ئوغلى. بوۋاي ئوغلىغا 《توختا》دىگەندەك قولى بىلەن ئىشرەت قېلىپ، گەپ قىلماي ئۆيگە كېرىپ كەتتى. ئوغلى ئاچچىقىدا گېزىت ئوقۇشتىن توختاپ ھەم نېرۋىسى چۇگۇلغاندەك ھويلىدا ئولتۇراتتى.
ئۇزۇن بولماي بوۋاي قولىدا بىر خاتىرە ئالغان پېتى مېڭىپ چىقتى، ئۇ بوۋاينىڭ كۈندىلىك خاتىرىسى ئىدى. بوۋاي كېلىپ ئوغلىنىڭ يىنىدا ئولتۇردى. بوۋاي خاتىرىنى ۋاراقلاپ مەلۇم بىر بەتنى ئاچتى ھەمدە خاتىرنى ئوغلىغا تۇتقۇزۇپ، بارمىقى بىلەن نۇقۇتلاپ ئوقۇيدىغان يەرنى ئوغلىغا كۆرسەتتى.
- ئۈنلۈك ئوقۇ. - دېدى بوۋاي.
- بۈگۈن مەن ئەمدى ئۈچ ياشقا كىرگەن كىچىك ئوغلۇم بىلەن باغچىدا ئولتۇرغاندا، بىر قۇشقاچ ئالدىمىزغا قۇندى. ئوغلۇم مەندىن 21 قېتىم ئۇنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى سورىدى، مەن ئوغلۇمغا 21 قېتىم ئۇنىڭ بىر قۇش ئىكەنلىكىنى دېدىم. مەن ھەر قېتىم ئۇنى قۇچاقلاپ تۇرۇپ سورىغان ئوخشاش سۇئالىغا جاۋاب بەردىم، كەينى-كەينىدىن. ھەرگىزمۇ جىلە بولمۇدۇم، بۇ سەبئىي بالامغا ئامراقلىقىم كېلەتتى... ... - ئوغلى خاتىرىنى ياپتى... ...
شۇ زامان بوۋاينىڭ كۆزىدىن مەنىلىك كۈلكە يىغىپ تۇراتتى. ئوغلى دادىسىنى چىڭ قۇچاقلاپ پىشانىسىغا توختىماي سۆيۈپ كەتتى... ...
مەنبە: خان جەمەت