查看完整版本: [-- ئۇ نېمە؟ (بىر ئوغۇل بولسىڭىز چوقۇم كۆرۈڭ) --]

كەڭ ساي مۇنازىرە مۇنبىرى -> تىل ئۈگۈنۈش سالونى -> ئۇ نېمە؟ (بىر ئوغۇل بولسىڭىز چوقۇم كۆرۈڭ) [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

arkaturuk 2010-12-25 20:38
[attachment=6987]

ھويلىدا بىر ياشانغان بوۋاي سۈكۈت قىلىپ ئولتۇراتتى، يىنىدا ئوغلى گېزىت ئوقۇۋاتاتتى. تۇيۇقسىزدىن بىر قۇشقاچ پەستىكى بىر شاخقا قۇندى. بوۋاي قوشقاچنىڭ قۇنغان يېرىگە قاراپ ئوغلىدىن:
- ئۇ نېمە؟- دەپ سورىدى. ياش يىگىت بەش سېكۇنت كۈزەتكەندىن كېيىن:
- بىر قۇشقاچ. - دەپ جاۋاب بەردى ئوغلى.
قىسقىغىنە 10 سېكۇنت ئۆتۈپلا بوۋاي يەنە:
- ئۇ نېمە؟ - دەپ سورىدى.
- ھازىر تېخى دېدىمغۇ، ئۇ بىر قۇشقاچ. - دېدى يىگىت، سەل ئاچچىقلىغاندەك گېزىتنى بىر سىلكىۋىتىپ.
قۇشقاچ ئۇچۇپ ئىگىزرەك شاخقا قۇندى. بوۋاي قولى بىلەن چاقناپ تۇرغان قۇياشنى توسىۋېلىپ ئىگىز شاخقا قۇنغان قۇشقاچقا دېققەت قېلىپ تۇراتتى. قۇشقاچ يەنە ئۇچۇپ يەرگە قۇندى. بۇ بىر يۈرۈش ھەركەتلەر 20 سېكۇنت ئەتراپىدا تۈگىتىلدى. شۇنىڭ بىلەن بوۋاي يەنە:
- ئۇ نېمە؟ - دەپ سورىدى. ئوغۇل گېزىتنى يېپىۋىتىپ:
- بىر قۇش ئۇ، بىر قۇشقاچ! بىر قۇش-قاچ!!! - ئوغۇل ئاچچىقىدا دادىسىنى سىلكىۋەتتى.
- ئۇ نېمە؟ - بەش سېكۇنت ئۆتۈپلا بوۋاي يەنە سورىدى.
- نېمە قىلغىنىڭ بۇ؟! نەچچە قېتىپ دېدىمغۇ! ئۇ بىر قۇش! ئۇقتۇڭمۇ ئەمدى؟! - دەپ ۋاقىراپ كەتتى ئوغلى.
بوۋاي ئورنىدىن تۇرۇپ ئۆينىڭ ئىچىگە تەمشەلدى.
- نەگە بارىسەن؟ - دەپ ۋاقىردى ئوغلى. بوۋاي ئوغلىغا 《توختا》دىگەندەك قولى بىلەن ئىشرەت قېلىپ، گەپ قىلماي ئۆيگە كېرىپ كەتتى. ئوغلى ئاچچىقىدا گېزىت ئوقۇشتىن توختاپ ھەم نېرۋىسى چۇگۇلغاندەك ھويلىدا ئولتۇراتتى.
ئۇزۇن بولماي بوۋاي قولىدا بىر خاتىرە ئالغان پېتى مېڭىپ چىقتى، ئۇ بوۋاينىڭ كۈندىلىك خاتىرىسى ئىدى. بوۋاي كېلىپ ئوغلىنىڭ يىنىدا ئولتۇردى. بوۋاي خاتىرىنى ۋاراقلاپ مەلۇم بىر بەتنى ئاچتى ھەمدە خاتىرنى ئوغلىغا تۇتقۇزۇپ، بارمىقى بىلەن نۇقۇتلاپ ئوقۇيدىغان يەرنى ئوغلىغا كۆرسەتتى.
- ئۈنلۈك ئوقۇ. - دېدى بوۋاي.
- بۈگۈن مەن ئەمدى ئۈچ ياشقا كىرگەن كىچىك ئوغلۇم بىلەن باغچىدا ئولتۇرغاندا، بىر قۇشقاچ ئالدىمىزغا قۇندى. ئوغلۇم مەندىن 21 قېتىم ئۇنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى سورىدى، مەن ئوغلۇمغا 21 قېتىم ئۇنىڭ بىر قۇش ئىكەنلىكىنى دېدىم. مەن ھەر قېتىم ئۇنى قۇچاقلاپ تۇرۇپ سورىغان ئوخشاش سۇئالىغا جاۋاب بەردىم، كەينى-كەينىدىن. ھەرگىزمۇ جىلە بولمۇدۇم، بۇ سەبئىي بالامغا ئامراقلىقىم كېلەتتى... ... - ئوغلى خاتىرىنى ياپتى... ...
شۇ زامان بوۋاينىڭ كۆزىدىن مەنىلىك كۈلكە يىغىپ تۇراتتى. ئوغلى دادىسىنى چىڭ قۇچاقلاپ پىشانىسىغا توختىماي سۆيۈپ كەتتى... ...

مەنبە: خان جەمەت

muhammatjan 2010-12-25 21:13
بۇ كونا تېما.

fatih204 2010-12-25 21:19
بەزىلەرنىڭ ئاتا ئانىسى ئىغىر كىسەل بوپ تەرىتىنى تۇتالمىسا ،ئوزىچە ئاغزىدىن چىقارمىغان بىلەن شۇ بەدپۇي پۇراقتىن سەسكىنىپ كىتىشلىرىنى كورگەن ئىدىم ،،،   ھەي   مانا بالىلارنىڭ (   )گە سۇيۇپ چوڭ قىلىدۇ ئاتا ئانا ، شۇچاغلاردا بالا ئاتا ئانىغا شىرىن تۇيۇلسا تويۇلىدۇكى سەسكەنمەيدۇ

kokbura 2010-12-25 21:21
ئىشلىتىش
引用第1楼muhammatjan于2010-12-25 21:13发表的 :
بۇ كونا تېما.

كۆرۈڭ مىڭ ھەتتا ئون مىڭ بولسا ھەر مىنۇتتا بىر قىتىمدىن كۆرۇڭ

dilrix 2010-12-25 21:32
مەڭگۈ يېڭى ،تەسىرلىكق تىما ئىكەن، ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن! مۇشۇنداق تىمىلارغا مەن بەك ئامراق،يەنە داۋاملق يوللاڭ...دەرت كۆرمەڭ....

uyghur 2010-12-25 21:38
مەن كۈيەرمەن بالامغا بالام كۈيەر بالىسىغا ...

zam_zam 2010-12-25 21:46
راست بەك ياخشى بىر ھېكايە ئىكەن بۇ

alxirxahzada 2010-12-25 22:01
          

elok 2010-12-25 22:32
ئاللاھ  رەھمەت قىلسۇن !  مەنلىك تېما ئكەن!

illikbahar 2010-12-25 22:46
مەن  كويەمەن  بالامغا  بالام      كويە          دادېسقا   دەپتېكەن    ..... كونا    گەپنې    قاچانغېچە  سورەپ   يۇرۇيمېز

xapkat0999 2010-12-25 22:46
رەخمەت قىرىندىشىم  تەربىيۋى ئەكمىيىتى يۇقۇرى تىمىكەن

karakax 2010-12-25 23:40
بەك ياخشى تېمىكەن

zulayha 2010-12-26 00:33
مۇشۇنى ھىس قىلالىغان تېما ئىگىسىگە چەكسىز بەخىتلەر يار بولسۇن.

تاش 2010-12-26 00:49
مەن كۆردۈم ياخشى تېما ئىكەن!!!!!!!!!!رەھمەت!!!!!!!!!!!!

aliplar 2010-12-26 00:57
ئىشلىتىش
引用第13楼تاش于2010-12-26 00:49发表的 :
مەن كۆردۈم ياخشى تېما ئىكەن!!!!!!!!!!رەھمەت!!!!!!!!!!!!

كۈرۈپ ناھايىتى ياخشى قىپسىز

rabiya 2010-12-26 01:24
ئوقىسا ئوقۇغۇسى كېلىدۇ، ئادەمنى چوڭقۇر ئويغا سالدىكە  رەھمەت

hll 2010-12-26 10:34
  

attila 2010-12-26 21:48
كونا ئەمەس مەڭگۈ يېڭى

royal 2010-12-27 13:11
بىر ئاتا-ئانا ئون پەرزەنتنى بىقىپ چىدايدۇ ،لىكىن شۇ ون پەرزەنت  بىر ئاتا-ئانىنى بىقىپ  بىقىپ چىدالمايدۇ.
بىزمۇ قېرىمىز    نىمە تىرىساق شۇنى ئالىمىز  . ئاتا-ئانىلارنى قەدىرلەيلى.ئۇلار توت كۈنلۈك مىھمان.

arkaay 2010-12-27 15:12
ئاللا  رەھمەت  قىلسۇن  .

narmiay 2011-01-05 13:05
مەيلى كونا بولسۇن، مەيلى كونا گەپلەر بولسۇن بىزگە تەربىيۋى ئەھمىيتى بولسىلا داۋاملىق كۆرشىمىز، ياكى ئوقشىمىز كېرەك.
بۇنداق ياخشى تېمىلار ئۈزلۈپ قالمىسۇن، كەڭسايدا رەخمەت ئاللاھ ئەجرىڭىزنى بەرسۇن.

dulbarqin310 2011-01-05 17:48
ئوغۇل بولسىڭىز چوقۇم كۆرۈڭ دەپسىز ، قىزلار كۆرسە بولمامدا؟

aydingkiqa 2011-05-21 19:48
تېمىڭىزغا كۆپ تەشەككۈر.

omer 2011-05-21 20:02
بۇ تولىمۇ ئەھمىيەتلىك ئۆلمەس تېمىكەن، ئۇ مەڭگۈ كونىرىمايدۇ!...

مەرىپەت 2011-05-21 21:49
ئاللا ھەممىمىمىزگە ئىنساپ بەرسۇن.

arzuyum 2011-05-21 22:05
مەن قېرىغاندا ئەسلىدىكى «مەن »بولماي قالمەن ،مىنى توغرا چۇشەنگىن ،مەن تاماق يەپ دىققەتسىزلىگىمدىن كىيىم كىچەكلىرىمگە چېچىۋەتسەم ،مىنىڭ ئۆز ۋاقتىدا بۇ ئىشلارنى ساڭا قانداق ئۈگەتكەنلىگىمنى ئويلاپ باق ،
مەن سەن ئاللا بۇرۇن ئاڭلاپ بولغان گەپ -سۆزلەرنى ،تەكرار - تەكرار ئېيتىۋەرسەم سەۋىرچانلىق بىلەن ئاڭلا .ھەرگىزمۇ گىپىمنى ئۈزۈۋەتمىگىن .
مەن كۈچ  - ماغدۇرۇمدىن كىتىپ  يول مېڭشقا  ئامالسىز قالغاندا  سەن كۈچ -قۇۋۋەتكە تولغان قوللىرىڭنى چىقىرىپ خوددىي
سەن كىچىك ۋاقتىڭدا ،ئەمدىلەتىن ئايىغىڭ چىقىپ تەمتىلەپ مېڭىشقا باشلىغاندا مەن سىنى يۆلۋالغاندەك ، مىنىمۇ يۆلۋال .
مەن يېڭى پەن -تېخنىكا ۋە يېڭى نەرسىلەرنى  قانداق ئىشلىتىشنى بىلەلمىگەندە ،مىنى زاڭلىق قىلما.ئۆز ۋاقتىدا سىنىڭ سورىغان شۇنچە كۆپ « نىمە ئۈچۈن»لىرىڭگە  قانچىلىك ئەستايىدىللىق بىلەن  جاۋاب بەرگىنىمنى ئەسلەپ  باق .

ڭمڭنقھن 2011-07-25 23:44
manmu    burun   okuhan

muslima32 2011-07-26 00:00
ياخشى تىمىكەن ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ياخشى تېمىلىرىڭىز ئۈزۈلۈپ قالمىسۇن ،

aral52 2011-07-26 00:34
<مەن كۈيەررمەن بالامغا ،بالام كۈيەر بالىسىغا>دىگەننى ئۆزگەرتىپ مەن< كۈيەرمەن دادامغا، دادام كۈيەر بالامغا >
دەپ باشتىلا يازىدىغان گەپتى ..................

!adiyat 2011-07-26 00:41
نىمە ئۇ ؟
ياخشى قۇشكە ، ياخشى سايرايدىكە،،،

مۇناجات 2011-11-08 00:33
بۇنىڭ بىر كىىچىك كۆرنىشىنى ئىشلەپتۇ  فرانسىيىلىكلەر  بەك تەسىرلىككەن ..... رەھمەت ...  

سەئىدى 2012-03-30 17:03
  


مەڭگۈ يېڭى ،تەسىرلىكق تىما ئىكەن، ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن! مۇشۇنداق تىمىلارغا مەن بەك ئامراق،يەنە داۋاملق يوللاڭ...دەرت كۆرمەڭ....

pakdiyar 2012-03-30 17:11
- ئۈنلۈك ئوقۇ. - دېدى بوۋاي.
- بۈگۈن مەن ئەمدى ئۈچ ياشقا كىرگەن كىچىك ئوغلۇم بىلەن باغچىدا ئولتۇرغاندا، بىر قۇشقاچ ئالدىمىزغا قۇندى. ئوغلۇم مەندىن 21 قېتىم ئۇنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى سورىدى، مەن ئوغلۇمغا 21 قېتىم ئۇنىڭ بىر قۇش ئىكەنلىكىنى دېدىم. مەن ھەر قېتىم ئۇنى قۇچاقلاپ تۇرۇپ سورىغان ئوخشاش سۇئالىغا جاۋاب بەردىم، كەينى-كەينىدىن. ھەرگىزمۇ جىلە بولمۇدۇم، بۇ سەبئىي بالامغا ئامراقلىقىم كېلەتتى... ... - ئوغلى خاتىرىنى ياپتى... ...
شۇ زامان بوۋاينىڭ كۆزىدىن مەنىلىك كۈلكە يىغىپ تۇراتتى. ئوغلى دادىسىنى چىڭ قۇچاقلاپ پىشانىسىغا توختىماي سۆيۈپ كەتتى... ...

يەنىلا  ئاتا - ئانىلار  ئەپۇ چان  ئىكەن  نىمە دىگەن تەسىرلىك ھىكايە بۇ  يوللىغۇچىغا رەھمەت

amanxa 2012-03-30 17:12
بۇ تىمىنڭ سۈرەتلىكىمۇ بار،ئۇدا نەچچە رەت يوللانغان، كۆرۈپ تۇرساق بولىدۇ


查看完整版本: [-- ئۇ نېمە؟ (بىر ئوغۇل بولسىڭىز چوقۇم كۆرۈڭ) --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.055806 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us