مەن قېرىغاندا ئەسلىدىكى «مەن »بولماي قالمەن ،مىنى توغرا چۇشەنگىن ،مەن تاماق يەپ دىققەتسىزلىگىمدىن كىيىم كىچەكلىرىمگە چېچىۋەتسەم ،مىنىڭ ئۆز ۋاقتىدا بۇ ئىشلارنى ساڭا قانداق ئۈگەتكەنلىگىمنى ئويلاپ باق ،
مەن سەن ئاللا بۇرۇن ئاڭلاپ بولغان گەپ -سۆزلەرنى ،تەكرار - تەكرار ئېيتىۋەرسەم سەۋىرچانلىق بىلەن ئاڭلا .ھەرگىزمۇ گىپىمنى ئۈزۈۋەتمىگىن .
مەن كۈچ - ماغدۇرۇمدىن كىتىپ يول مېڭشقا ئامالسىز قالغاندا سەن كۈچ -قۇۋۋەتكە تولغان قوللىرىڭنى چىقىرىپ خوددىي
سەن كىچىك ۋاقتىڭدا ،ئەمدىلەتىن ئايىغىڭ چىقىپ تەمتىلەپ مېڭىشقا باشلىغاندا مەن سىنى يۆلۋالغاندەك ، مىنىمۇ يۆلۋال .
مەن يېڭى پەن -تېخنىكا ۋە يېڭى نەرسىلەرنى قانداق ئىشلىتىشنى بىلەلمىگەندە ،مىنى زاڭلىق قىلما.ئۆز ۋاقتىدا سىنىڭ سورىغان شۇنچە كۆپ « نىمە ئۈچۈن»لىرىڭگە قانچىلىك ئەستايىدىللىق بىلەن جاۋاب بەرگىنىمنى ئەسلەپ باق .