باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 843 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: جەننەت باغچىلىرىدا شادلانماقچى بولغانلار .
ئەركەتۈرۈك
دەرىجە: چولپان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 2013
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 556
ئۇنۋان:تېرىشچان ھازىرغىچە556دانە
ئۆسۈش: 6390 %
مۇنبەر پۇلى: 10943 سوم
تۆھپىسى: 6 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-17
ئاخىرقى: 2012-02-25
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2010-12-25 20:14

جەننەت باغچىلىرىدا شادلانماقچى بولغانلار .

             ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
 
ھەمدۇ سانا ناھايىتى مېھرىبان ۋە شەپقەتلىك ئاللاھقا خاستۇر، (ئۇنى مەدھىيىلەيمەن)

ئاللاھ تائالا: "مېنى (تائەت-ئىبادەت بىلەن) ياد ئېتىڭلار، (مېنى ياد ئەتسەڭلار) مەنمۇ سىلەرنى(ساۋاب بېرىش بىلەن،مەغپىرەت قىلىش بىلەن) ياد ئېتىمەن. ماڭا شۈكۈر قىلىڭلار، ناشۈكۈرلۈك قىلماڭلار" (2:51) دەپ بەندىلىرىنى ئەگەر كىمكى ئاللاھنى ياد ئەتسە، زىكرى قىلسا ئاللاھنىڭمۇ ئۇ بەندىسىنى ياد ئېتىپ تۇرىدىغانلىقىنى(مۇكاپاتلايدىغانلىقىنى) بىلدۈرىدۇ.

  ئاللاھ تائالا:"ماڭا دۇئا قىلىڭلار، مەن (دۇئايىڭلارنى) قوبۇل قىلىمەن (تىلىگىنىڭلارنى بېرىمەن)، شۈبھىسىزكى مېنىڭ ئىبادىتىمدىن چوڭچىلىق قىلىپ باش تارتقانلار خار ھالدا جەھەننەمگە كىرىدۇ"(40:60) دەپ، بەندىلىرىنى دۇئاغا ئۈندەيدۇ ھەمدە "مەن بەندىلىرىمگە ھەقىقەتەن يېقىنمەن (يەنى ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى، سۆزلىرىنى)بىلىپ تۇرىمەن)، ماڭا دۇئا قىلسا، مەن دۇئا قىلغۇچىنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىمەن" دەپ، مەيلى تەقۋا، مەيلى پاسىق ھەر قانداق بەندىگە دۇئا ئىشىكىنىڭ ئوچۇق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.
 
 بۇنىڭدىن شۇنى بىلگىنكى، ئاللاھ كالامىنى (قۇرئاننى) ئوقۇشتىن قالسا تىل (ۋە قەلب) بىلەن قىلىنىدىغان ئىبادەتلەردە ئاللاھنى زىكرى قىلىشتىن باشقا ئەۋزەل ئىش، ئاللاھقا بولغان مۇھتاجلىقىنى ئىپادىلەپ دۇئا قىلىشتىنمۇ يۈكسەك ئەمەل يوقتۇر. شۇڭا بىز ئىلاھىي زىكىرنىڭ پەزىلىتىنى، دۇئانىڭ پەزىلىتى، دۇئانىڭ ئەدەب-قائىدىسى ۋە شەرتلىرىنى، دۇنيا ۋە ئاخىرەت مەنپەئەتلىرىنى مۇجەسسەملىگەن ۋە پەيغەمبىرىمىزدىن ئۆرنەك قالغان دۇئالارنى، ئاندىن ئاللاھقا قىلىدىغان ئىلتىجا ۋە بۇنىڭغا ئوخشاش دۇئالارنى ئاۋۋال ئىخچام، ئاندىن تەپسىلىي بايان قىلىمىز. بۇلارنىڭ ھەممىسى بەش بابتا خۇلاسىلىنىدۇ:
ب
ىرىنچى باپ: زىكرىنىڭ پەزىلىتى ۋە پايدىسى

ئىككىنچى باپ: دۇئانىڭ پەزىلىتى ، دۇئانىڭ ئەدەپ-قائىدىسى بىلەن تۆۋە-ئىستىغپار ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت يوللاشنىڭ پەزىلىتى.

ئۈچىنچى باپ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن مەلۇم بولغان دۇئالار بىلەن ساھابىلىرىدىن رىۋايەت قىلىنغان(يەتكۈزۈلگەن) دۇئالار ۋە ئۇلارنىڭ سەۋەبلىرى

تۆتىنچى باپ: كىمنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن نەقىل قىلىنغىنى(سەنەدى) ئېنىق بولمىغان باشقا دۇئالار
بەشىنچى باپ: يېڭى پەيدا بولغان ھادىسىلەر ئۈچۈن قىلىنىدىغان دۇئالار

 
 "مېنى زىكرى قىلساڭلار، مەنمۇ سىلەرنى زىكرى قىلىمەن(ياد ئېتىمەن)" (2:152)  دېگەن نۇرلۇق ئايەتتۇر.
سابىتى بەنامى: "رەببىمنىڭ مېنى قاچان زىكرى قىلىدىغانلىقىنى مەن بىلىمەن" دېدى.  بۇنى ئاڭلىغان كىشىلەر ئۇنىڭ ئەتراپىغا ئولىشىپ:" قانداق بىلىسەن؟" دېيىشكىنىدە ئۇ: " ئۇ ناھايىتى ئاسان، مەن قاچان رەببىمنى زىكرى قىلسام، رەببىممۇ مېنى زىكرى قىلىدۇ" دەپ جاۋاب بەردى.

"ئاللاھنى كۆپ زىكرى قىلىڭلار" (33:41)
"پەرۋەردىگارىڭلاردىن (ھەج مەۋسۈمىدە تىجارەت ۋە باشقا ئوقەت ئارقىلىق) رىزىق تەلەپ قىلساڭلار، سىلەرگە ھېچ گۇناھ بولمايدۇ. ئەرەفاتتىن قايتقان چېغىڭلاردا مەشئەرى ھەرامدا (يەنى مۇزدەلىفەدە) ئاللاھنى ياد ئېتىڭلار،.." (2:198)

"سىلەر ھەجگە ئائىت ئىبادەتلەرنى ئادا قىلغاندىن كېيىن، ئاللاھنى بولسا ئاتا-بوۋاڭلارنى(پەخىرلىنىپ) ياد ئەتكەندەك ياكى ئۇنىڭدىنمۇ زىيادە ياد ئېتىڭلار..." ( 2:200)

"ئۇلار ئۆرە تۇرغاندىمۇ، ئولتۇرغاندىمۇ، ياتقاندىمۇ ئاللاھنى ئەسلەپ تۇرىدۇ..." (3:191)

"ناماز ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن ئۆرە تۇرغان، ئولتۇرغان ۋە ياتقان ھالەتلىرىڭلاردا ئاللاھنى ياد ئېتىڭلار..." (4:103)

"ئۇلار ئاللاھنى پەقەت ئازغىنە ياد ئېتىدۇ..." (4:142)

"پەرۋەردىگارىڭنى يېلىنغان ۋە ئۇنىڭدىن قورققان ھالدا ئىچىڭدە ياد ئەتكىن، ئەتىگەندە ۋە ئاخشامدا ئۇنى پەس ئاۋازدا زىكرى قىلغىن، غاپىللاردىن بولمىغىن" (7:205)

"ئاللاھنى ياد ئېتىش ھەممىدىن (يەنى ئۇنىڭدىن باشقا ھەممە ئىبادەتتىن) ئۇلۇغدۇر..." (29:45)

ئىبنى ئابباس بۇ ئايەتنىڭ تەپسىرىدە ئىككى خىل مەنە بار دېگەن، بىرسى: ئاللاھ تائالانىڭ سىلەرنى زىكرى قىلىشى(ياد ئېتىشى) سىلەرنىڭ ئۇنى زىكرى قىلغىنىڭلاردىن ئۇلۇغدۇر. يەنە بىرى: ئاللاھنى زىكرى قىلىش(ياد ئېتىش) زىكرىسىز بولغان ھەر قانداق ئىبادەتتىن ئۈستۈندۇر.

يۇقىرىقىدەك ئايەتلەر ناھايىتى كۆپ.
                                     
                 بۇ ھەقتىكى ھەدىسلەر:

  " غاپىللار ئارىسىدا ئاللاھنى زىكرى قىلىدىغانلار قۇرۇق ئوت-چۆپلەر ئارىسىدىكى يېشىل دەرەخكە ئوخشايدۇ"
(ئەبۇ نۇئەيم <ھىليە>دە، بەيھەقى<شۇئابۇل ئىمان>دا ئاجىز سەنەدى بىلەن ئبنى ئۆمەر ھەدىسىدىن توپلىغان)

" غاپىللار ئارىسىدىكى زىكرى قىلغۇچىلار قېچىۋاتقانلار ئارىسىدا باتۇرلۇق بىلەن جەڭ قىلىۋاتقانلارغا ئوخشايدۇ" (ھەدىس قۇدسى)

"بەندەم مېنى زىكرى قىلىپ(ياد ئېتىپ) كالپۇكلىرىنى مەن ئۈچۈن مىدىرلاتقان مۇددەتتە مەن بەندەم بىلەن بىللە"

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: " ئادەملەر  ئۆزلىرىنى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ساقلاش ئۈچۈن زىكرۇللاھ (ئاللاھنى زىكرى قىلىش)تىنمۇ ياخشىراق بىر ئەمەل قىلالمايدۇ" دېگەندە، ساھابىلەر "ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىشمۇ زىكرۇللاھنىڭ ئورنىنى ئالالمامدۇ؟ " دەپ سورىغاندا، رەسۇلۇللاھ: "ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىشمۇ بۇ دەرىجىگە بارالمايدۇ. پەقەت قىلىچىڭ سۇنغىچە ئۇرۇشۇپ، ئۈچ قىلىچنى كاردىن چىقارساڭ، يەنى جىددىي ۋە داۋاملىق كۈرەش قىلساڭ بۇ دەرىجىگە يېتەلەيسەن" دېگەن.

"جەننەت باغچىلىرىدا شادلانماقچى بولغانلار ئاللاھنى كۆپ زىكرى قىلسۇن"

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن "قايسى ئەمەل پەزىلەتلىكرەك؟" دەپ سورالغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: " ئاللاھ، ئاللاھ دەپ زىكرى قىلىپ ئۆلۈپ كېتىشىڭ" دېگەن.

"سەھەر ۋە ئاخشامدا ئاللاھنى ياد ئېتىپ تۇرساڭ،  سەھەر  ۋە ئاخشامغا گۇناھسىز ھالدا كىرىپ كېلىسەن"

"كېچە ۋە سەھەردە ئاللاھ تائالانى زىكرى قىلىش ئاللاھ يولىدا قىلىچ سۇنغىچە جەڭ قىلىش ۋە ئاللاھ يولىدا كۆپلەپ مال سەرپ قىلىشتىن ئەۋزەلدۇر"

"بەندەم يالغۇز قالغاندا  مېنى زىكرى قىلسا مەنمۇ ئۇنى ئۆز زاتىمدا ياد ئېتىمەن. بەندەم مېنى جامائەت بىلەن بىللە ياد ئەتسە مەنمۇ ئۇنى  ئۇنىڭ جامائىتىدىن ياخشىراق بىر جامائەت بىلەن  ياد ئېتىمەن. بەندەم ماڭا بىر غېرىچ يېقىنلاشسا مەن ئۇنىڭغا بىر گەز يېقىنلىشىمەن. بەندەم ماڭا بىر گەز يېقىنلاشسا مەن ئۇنىڭغا بىر غۇلاچ يېقىنلىشىمەن. بەندەم ماڭا مېڭىپ كەلسە، مەن ئۇنىڭغا يۈگۈرۈپ بارىمەن، يەنى ئۇنىڭ تىلەكلىرىنى تېزلىك بىلەن ئىجابەت قىلىمەن".

"قىلچە سايە بولمايدىغان قىيامەت كۈنىدە ئاللاھ تائالا يەتتە تۈرلۈك ئىنساننى ئۆز رەھمىتى ئاستىدا سايىدىتىدۇ. (بۇلارنىڭ بىرى) ھېچكىم يوق يەردە ئاللاھنى ياد ئېتىپ، ئاللاھتىن قورقۇپ ياش تۆككەن كىشىدۇر".

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:"مەن سىلەرگە ئەمەللىرىڭلارنىڭ ياخشىراقى بولغان ۋە رەببىڭلارنىڭ نەزەرىدە پاكراقى، دەرىجەڭلار ئىچىدىكى يۇقىرىراقى بولغان ۋە سىلەر ئۈچۈن ئالتۇن-كۈمۈش سەدىقە قىلغاندىنمۇ، دۈشمەنلىرىڭلارغا ئۇچرىشىپ سىلەر ئۇلارنىڭ بويۇنلىرىغا، ئۇلار سىلەرنىڭ بويۇنلىرىڭلارغا ئۇرغاندىنمۇ ياخشىراق بولغان ئەمەلدىن خەۋەر بېرەيمۇ؟"دېۋىدى، ساھابىلەر: "شۇنداق قىلغىن ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى!"دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: "ئۇ بولسىمۇ ئاللاھنى زىكرى قىلىش" دېدى. (تىرمىزى توپلىغان)
"مېنى زىكرى قىلىش بىلەن مەشغۇل بولۇپ، مەندىن بىر نەرسە سورىيالمىغانلارغا ئۇلارنىڭ سورىغىنىدىنمۇ ياخشىسىنى بېرىمەن" (ھەدىس قۇدسى).


مەنبە : خانجەمەت
ئەسسالام قېرىنداش يولۇڭ تۈز بولسۇن ،
ياخشى ئىش ئىزلىرىڭ ئىبرەت بوپ قالسۇن .
باشلىغىن دوسلارنى ياخشى يوللارغا ،
بۇنىڭدىن دوسلارمۇ ھەق يولنى تاپسۇن.
دوستلىشىش
مۇناجات
Uyturk
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 9392
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 291
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە291دانە
ئۆسۈش: 60 %
مۇنبەر پۇلى: 2930 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-10-25
ئاخىرقى: 2012-03-17

اللە  ھەقىقەتەن  مەرھەمەت قىلغۇچى ، ھېكىمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر ....    اللە  ئەجرىڭىزنى يەردە قويمىغاي قېرىندىشىم
اللە'نىڭ مېنى بىر ئۇيغۇر مۇسۇلماننىڭ ئەۋلادى قىلىپ ياراتقانلىقىغا  يۈزمىڭ شۈكرى ....