بەزىلەرنىڭ نەزىرىدە مەن بىر تۇترۇقسىز بولۇپ قالدىممۇ نىمە ؟ بۇنىڭغا كىم سەۋەپچى ؟ سەنمۇ ياكى ئۆزۈممۇ؟ ئىيىتقىنا مەن سىنىڭ ئالدىڭدا خارلانغىدەك نىمە گۇناھ قىلدىم ؟ سىنى ياخشى كۆرگەنلىكىم گۇناھمۇ ؟ ئىيىتقىنا ماڭا نىمىشقا بۇنداق مۇئامىلە قىلىسەن ؟ زادى نىمە ئۈچۈن!!!؟مىنىڭ بۇنى بەكلا بۈلگۈم بار ! سىنىڭچە مەن شۇنداق بولۇمسىزمۇ ؟ماڭا نىمىشقا......................................
پەقەت مەن شۇنچىلىك بىر ئىنسان خالاس !!!!!!!!!!!
سەن ئۆز ئۆيۈڭدە بىر ئەتىۋارلىق بىر بالا بولساڭ ،مەنمۇ ئۆز ئۆيۈمدە شۇنداق ئەتىۋارلىق .لىكىن سىنىڭ ئالدىڭدا مەن بىر قەدىر قىممىتى يوق ئىنسان بولۇپ قالدىم . بولدىلا نىمىلا دىگەن بىلەن ھەركىمنىڭ ئۆز ئالدىغا تۇتقان يولى بولىدۇ .سىنى .................دىمەيلا قوياي !!! باشقىلار نىمە دىسە دىسۇن .مەن يەنىلا مەن .سەن يەنىلا سەن ! سەن ھەرگىزمۇ «مەن»بولالمايسەن ،مەنمۇ ھەرگىز«سەن» بولالمايمەن !!! مەن بەكلا بەك چارچىدىم ، ھاردىم .لىكىن سەن ھەرقېتىم ماڭا ئىللىق مۇئامىلە قىلغاندا مەن ھەممىنى ئۇنتۇيمەن ،لىكىن سەنچۇ !!!؟ خۇددى قايناۋاتقان قازانغا سۇ قۇيغاندەك مىنى ئازاپلايسەن !!! بۇنداق چاغلاردا ماڭا قىلغان مۇئامىلەڭ خۇددى دۈشمىنىڭگەە قىلغان مۇئامىلەڭدەكلا شۇنداق قورقۇنۇشلۇق ! مەن بۇنى بەزىدە ئۇنىڭ ماڭا كۆڭلى بار ئوخشايدۇ دەپ ئويلايمەن ، بەزىدە دەل ئەكسىچە ئۇ مىنى ئۆچ كۆرىدىكەن دەپمۇ ئويلايمەن . ئىيىتقىنا سەن زادى مىنى قىيناپ نىمىگە ئىرىشمەكچى ؟ نىمىنى ئىسپاتلىماقچى!!!؟

بەزىلەر «مۇھەببەت — يۈرەك ئوغۇرلاش ئويۇنى» دەيدىكەن ،يەنە بەزىلەر بولسا « مۇھەببەت —ھايات» « مۇھەببەت —تۇرمۇش»« مۇھەببەت — كىشىلىك مۇناسىۋەت» دەپمۇ قويىدىكەن . مىنىڭچە بولسا « مۇھەببەت ئۇ دەل مىنىڭ كۆزيىشىم !!!
[ ixkiyarتەرىپىدىن2010-12-25 13:28قايتا تەھرىرلەندى ]